بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 19 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 25410 قىتىم كۆرۈلدى
ساھىپخان تۇردىمۇھەممەت
ساھىپخان تۇردىمۇھەممەت – ئۇيغۇر ،ئايال،مۇدىر ۋاراچ دوختۇر، 1957-يىل 2-ئايدا خوتەن ناھىيە باغچا بازىرى ئەلنامە كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپلەرنى باغچا بازىرىدا ئوقۇپ 1974-يىلى 8-ئايدا خوتەن ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە چىققان ھەم دادىسى تۇردىمۇھەممەت ھەكىمنى ئۇستاز تۇتۇپ تىبابەت ئىلمى نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيىتى جەھەتلەردىن تەربىيەلەنگەن .
1976 -يىلدىن1978-يىلغىچە خوتەن ۋېلايەتلىك تىببى مەكتەپتە داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان .1987-يىل 10ئايدىن1988-يىل 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالى تېخنىكومى داۋالاش كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان
1996-يىل 4-ئايدىن 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرغان.
1974-يىلدىن1985-يىلغىچە خوتەن ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى تاشقى كېسەللىك بۆلۈمىدە تاشقى كېسەل دوختۇرى،1985-يىلدىن1994-يىلغىچە ئاياللار بۆلۈمىدە مۇئاۋېن مۇدىر ۋاراچ ،1995-يىلدىن 2001-يىلغىچە مۇدىر ۋاراچ ئۇنۋانى بىلەن ئاياللار بۆلۈمىدە ئىشلىگەن
2001-يىلدىن ھازىرغىچەئاياللار بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە ۋە ياشلارنى يېتەكلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتە ئۈلگىلىك رول ئويناپ ،ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت