busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 19 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 25386 قىتىم كۆرۈلدى

گۈلشەن ئىبراھىم

 

 

   گۈلشەن ئىبراھىم  1969-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلى 7-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك تىببىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 

 1987-يىلى 9-ئايدا خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىلىك ئويغۇرتىبابەت دوختۇرخانىسىغا تەخسىم قىلىنغان. بۇ جەرياندا پىشقەدەم تىۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ  ئەمىلى داۋالاش تەجىرىبىلىرىنى توپلاپ داۋالاش خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان.

1995-يىلى مەسئۇل ۋىراچلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. 1996-يىلى 1-ئايدىن 2004-يىلى 12-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللاركىسەللىكى بۆلۈمىدە داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلانغان.

2004-يىلى 12-ئايدىن 2005-يىلى 12-ئايغىچە دوختۇرخانىمىز ئامبولاتورىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلىگەن. 2005-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە دوختۇرخانا كەسپى بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

 2007-يىلى 3-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە ئازسانلىق مىللەت تايانچى كادىرلارنى ئالاھىدە تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈش بويىچە ئاپتونۇم رايونلۇق جوڭيى تىبابەت دوختۇرخانىسىدا بىلىم ئاشۇرغان. 2008-يىلى مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. بۇ جەرياندا كۆپ ئۇچىرايدىغان ئاياللاركېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

كەسپى خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئىلمي ماقالىلارنى ئاپتونۇم رايۇن ۋە دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق كەسپىي ژورناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. بۇلادىن <<127نەپەر سۈت بىزى ئۈسۈش كىسەللىكىگە گىرىپتاربولغان بىمارنى  ئويغۇر تىبابىتىدە داۋالاشتىن دوكىلات >>، <<بالاياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كىسەللىكى بىمارلىرىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى كۈزۈتىشتىن كىلنىكىلىق دوكىلات>>، <<ئۇيغۇر تىبابەتدە بالاياتقۇ مۇنچاق گۆش ئۆسمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى >>، <<بالاياتقۇ بوۋاسىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە ئۇنى داۋالاش پىرىنسىپى ئۈستىدە ئىزدىنىش>>، <<ئاياللاردىكى تاشقى جىنسى ئەزا ئاق داغ كىسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى توغرىسىدا>>،<< 1700نەپەر بىماردىكى بالاياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كېسەللىكنى داۋالاشتىن دوكىلات>>....قاتارلىق18پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.مىللەتلەر نەشىرياتى تەرپىدىن <<سۈت بېزى كېسەللىكلىرى ۋە ساغلاملىق ساۋاتلىرى>>ناملىق كىتابى نەشىرقىلدۇرۇلغان.

20نەچچە يىللىق خىزمەت جەريانىدا دوختۇرخانا تەرپىدىن كۆپ قېتىم مۇنەۋەر خىزمەتچى، ۋىلايەت تەرپىدىن ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282