بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 0 دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 18498 قىتىم كۆرۈلدى
سۆرۈنجان مېيى
30 گرام سۆرۈنجان بىلەن 15 گرام قەسبۇزەرىرەنى چالا سوقۇپ،قايناق سۇغا بىر سوتكا چىلىغاندىن كىيىن 3/1 قىسمى قالغىچە قاينىتىپ،سىقىپ،سۈزۈپ،مەلۇم مىقداردا ھۆل كەرەپشە (چىڭسەي) سۈيى بىلەن 90 مىللىلىتىر زەيتۇن مېيى قۇشۇپ،قاينىتىپ،سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا تەييار بولىدۇ.
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:ھەر خىل بوغۇم ئاغرىقلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت