busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4082 قىتىم كۆرۈلدى

يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى

تونۇش :

يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى –تاجىسىمان ئا رتىريە كىسەللىك ئوزگىرىشى ئاساسىدا تاجىسىمان ئارتىريىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى تۇيۇقسىز توسقۇنلۇققا ئۇچراش ياكى پۇتۇنلەي ئۇزۇلۇ ى قېلىشدىن ماس ھالدىكى يۇرەك مۇسكۇل ھۇ جەيرىللىرى نىكروزلىنىپ كىلنىكىدا كوكرەك ئاغرىش،شۇك بۇلۇش،يۇرەك خىزمىتى تۇلۇق بولماسلىق بىلەن ئىپادىلنىدىغان كىسەللىك.

كىسەللىك سەۋەبى:

1)خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبئىي ئوزگىرىشى بۇلۇ پمۇ سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئي ئوزگۇرۇشى.

2)تاجىسىمان ئارتىىريىنىڭ تارىيىشى ۋە تۇسۇلۇشنىڭ پەيدا بۇلۇشى.      

3)روھى نىرۋا ئامىللىرى .

4)باشقا ئامىللار .يەنى چوڭ قاناش،سۇسىزلىنىش،ئو پراتسىيە جەريانىدىكى قان يۇقۇتۇش،ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىش قاتارلىقلار.

كىلنىك ئىپادىسى:

1. دەسلە پكى دەۋىرلىك ئالامەتلەر؛ يەنى50--70پىرسەنىتكىچە بولغان بىمارلاردا چارچاش،تەرلەش،قىززىش،بىئارام بۇلۇش،توش سۇڭەك رايۇنى ئاغرىش،يۇرەك ئىقتىدارى تۇلۇق بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر  كۇرىلىدۇ.

2)ئا غرىشنىڭ پەيدا بۇلۇشى. كوپ ساندىكى كىشلەردە توش سۇڭەك ئارقىسى ۋە يۇرەك ئالدى رايۇنىدا ئاغرىش بۇلىدۇ.  ئاغرىش ۋاختى بىر قەدەر ئۇزۇن بۇلۇ ى 3-4سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ.

2)قىزىش .ئاغرىش قوزغۇلۇپ 24سائەت ئىچىدە قىزىتما پەيدا بۇلىدۇ. بەدەن تىمپۇراتۇرسى38-40سىلسىيە گىرادۇسقىچە بۇلىدۇ.

3)قان بېسىمىدا ئوزگىرىش بۇلىدۇ. كىسەللىك قوزغۇلۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە

قان بېسىمى يۇقىرى بۇلىدۇ،تىقىلما دائىرىسى كەڭىيىپ زەخمىلىنىش ئېغىرلاشقاندا  قان بېسىمى چۇشۇپ كىتىدۇ.

4)يۇرەك زەئىپلىشىش. سول يۇرەك زەئىپلىشىش ئاساسى ئۇرۇندا تۇرغان بۇلىدۇ.نە پەس قىيىنلىشىش،كۇكىرىش،يۇرەك رىتىمسىزلىق ئالامەتلىرى بۇلىدۇ.

5)شۇك كىلىپ چىقىدۇ. بۇخىل ئەھۋال ئاخىرقى دەۋىردە كۇرىلىدۇ،سۇيدۇك مىقدارى ئا زلاش،مۇچىلەر مۇزلاش،ئەس-ھۇشى چىكىنىشكە ئوخشاش ئىپادىلەر كۇرىلىدۇ.

بەدەن بەلگۇسى:

1)بىرىنجى يۇرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ، يۇرەك رىتىمى تىزلىشىدۇ،بىر قىسىم بىمارلاردا يۇرەك بۇغۇق تاۋۇش چىگرىسى ئوتتۇرھال دەرىجىدە چۇڭىيىدۇ،

2)كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندا يۇرەك زەئىپلىشىش ۋە شۇكنىڭ بەدەن بەلگۇللىرى كۇرىلىدۇ.

دىئا گنۇزى:

1)  كىسەللىك ئالامىتى ۋە بەدەن بەلگۇسىگە ئا ساسەن دىئا گنۇز قۇيىلىدۇ.  2)  قۇشۇمچە تەكشۇرۇش نەتىجىللىرىگە ئاساسەن دىئا گنۇز قۇيىلىدۇ.

پە رىقلەندۇرۇپ دىئا گنۇز قۇيۇش:

1) يۇرەك سانجىقىدىن پە رىقلەندۇرىلىدۇ .

2)ئو پكە ئا رتىريىسى تۇسۇلۇشتىن پە رىقلەندۇرىلىدۇ .

3)جىددى خارەكتىرلىك قۇرساق كىسەللىكلىرىدىن پە رقلەندۇرىلىدۇ. 

ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش:

1. بىمارنى چۇقۇم تىنىچ مۇھىتتا ياتقۇزۇ پ ،ياخشى ئارام ئالدۇرۇش كىرەك. 

2. روھى كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش.                                                

3)بىمارنىڭ ھاياتلىق بەلگۇللىرىنى قەرەللىك ئولچە پ ،داۋاملىق ئوكسىگىن پۇ رىتىش،ئە گشمە كىسەللىكلەر كىلىپ  چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

داۋالاش:

  تاجىسىمان ئارتىريىنى كىڭەيتىپ ،يۇرەكنىڭ قان ۋە ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاش مەقسەتتە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.    

1)يۇقىرى دوزىدا ئوكسىگىن بىرىش. 

2)جىددى ئەھۋالغا قارىتا قان تۇمۇرنى كىڭەيتىش مەقسەتتە غەرىپ تىبابەت دورىللىرىدىن نىترو گىلىتسىرىنغا ئوخشاش تەسىرلىك دورىلار تاللاپ ئشلىتىلىدۇ.

3)ئاغرىق پە سەيتىش ۋە يۇرەك زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈ چۇن يۇرەك ساھەسىگە بىنەپشە،ئاق سەندەل ،ئىسپىغۇل،ئاق لەيلى ئۇرۇقى قاتارلىق دۇرىلار دىن زىمات تەييارلاپ يۇرەك ساھەسىگە تېڭىلىدۇ.

4)بىمارنىڭ ئۇسسۇزلىقى ئۇچۇن ئە رقى گۇل،ئە رقى بىدە مىشكى ،ئەرقى گاۋزىبان قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ. 

5)بىمارنىڭ ئوزگەرگەن مىزاجىنى ئاساس قىلىپ ،غەيرى تەبىئي خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ،مۇسھىل بىرىلىدۇ.  

6)يۇرەك خىزمىتىى ياخشىلاش ،قان تۇمۇرلارنى كەڭەيتىپ  قان ئايلىنىشنى راۋنلاشتۇرۇش مەقسەتتە خېمىرى مەرۋايىت،ئە برىشىم جەۋھىرى،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى،خېمىرى سەندەل، ئە رقى گاۋزىبان،ئە رقى گۇل قاتارلىق دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : يۇرەك . مىڭە .قان -تومۇ كىسەللىك بولۇمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282