busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5013 قىتىم كۆرۈلدى

قان مېيى يۇقىرلاش

تونۇش :

قان مېيى يۇقىرلاش-ھەرخىل سەۋە پلەردىن قاندىكى خولىستىرول بىلەن تىرى گىلىتسىرىن مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كورسىتىدۇ. 

كىسەللىك سەۋەبى:    

1)ئۇزۇقلۇق ئامىللىرى.يەنى ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ماي مىقدارىنىڭ يۇقىرى بۇلىشى.  

2)جىنىسيەت ۋە ياش ئامىللىرى. 

3)غەيرى تەبئىي بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرى .

4)ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى. ھەركەت ۋە جىملىقنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى.

5)ئىرىسيەت ئامىللىرى. 

6)بىر قىسىم كىسەللىكلەرنىڭ تەسىرى.يەنى دىئابىت،قالقانسىمان بەز خىزمىتى قالايمىقانلىشىش،ئسپىرىتتىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلار.

7)باشقا ئامىللار. بۇلۇ پمۇ دورىلارنىڭ تەسىرى يەنى تۇغۇت چەكلىگۇچى،سۇيدۇك ھەيدىگۇچى دورىلارنى كوپ ئستىمال قىلىش.

كىلنىك ئىپادىسى:

دەسلە پتە روشەن ئالامەتلەر كۇرۇلمەيدۇ، كىسەللىك ئەھۋا لىنىڭ ئېغىرلىششىغا ئە گىشىپ ،مۇچىلەر ئېغىرلىشىدۇ.تە پەككۇر  سۇسلىشىدۇ.ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ ،جىنسى ئىقتىدارى تۇۋەنلەيدۇ.بىر قىسىملىرىدا بۇغۇملار ئىششىپ قىزىرىدۇ.    

مەخسۇس ئالامەتلەر:  

1) سىمىزلىك .   

2)مۇڭگۇز پە ردە ھالقىسى.   

3)سېرىق رەڭلىك ئوسمە. تىرە قەۋىتى نىپىز بولغان ئۇرۇنلاردا كۇرىلىدۇ. 

 ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش؛

1 .بىمارنىڭ يىمەك-ئچمىكىنى تەڭشەش لازىم.

2 . تۇرمۇشنى تەرتىپلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇش كىرەك. 

3 . ھەركەت-جىملىق ھالىتىنى تەڭشەش لازىم.

4 .قەرەللىك ھالدا قان مېيىنى ئولچەپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش.

  داۋالاش:

كىسەللىك سەۋەبنى يۇقۇتۇش،كىسەللىك پە يدا قىلغۇچى غەيرى تەبىئي خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىش بىلەن بىرگە قان تۇمۇرلارنىڭ ئوتكۇزۇشچانلىقىنى ياخشىلاش،بەدەن مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۇرگۇچى دورىلاردىن ئتتىرپىل ئە پتىمۇن،مەتبۇخى ئە پتىمۇن،شەربىتى بۇزۇرى،مەتبۇخى ئە پتىمۇن، قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : يۇرەك . مىڭە .قان -تومۇ كىسەللىك بولۇمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282