busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3730 قىتىم كۆرۈلدى

يۇرەك زەئىپلىشىش

تونۇش :

يۇرەك زەئىپلىشىش – ھەرخىل سەۋە پلەردىن يۇرەكنىڭ مىنۇتلۇق قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى تۇۋەنلە پ،ئورگانىزىمنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ،مۇھىم ئەزالارغا قان يىتىشمەسلىكتىن نە پەس قىيىنلىشىش،كۇكىرىش،يۇتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىك بۇلۇپ ،خارەكتىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك يۇرەك زەئپلىشىش ۋە ئورگان خارەكتىرلىك يۇرەك زەئپلىشىش دە پ 2 تۇرگە بۇلىنىدۇ.

كىسەللىىك يۇز بەرگەن ئۇرۇنغا ئاساسەن ئوڭ يۇرەك زەئىپلىشىش،سول يۇرەك زەئىپلىشىش ۋە پۇتۇن يۇرەك زەئىپلىشىش دە پ 3تۇرگە بۇلىنىدۇ.

1. سول يۇرەك زەئىپلىشىش.

سەۋەبى:

1)قان قۇيۇلۇش ۋە يۇقىرى قان بېسىم كىسەللگى.

2)يۇرەك مۇسكۇل كىسەللىكلىرى.  يەنى يۇرەك مۇسكۇلى ياللۇغى،تاجىسىمان ئا رتىريە  خارەكتىرلىك يۇرەك كىسىلى.

3) يۇرەك كىلاپان كىسەللىگى .(ئىككى قا پقاقلىق كىلاپان تارىيىش،تۇلۇق يېپىلماسلىق،تۇغما يۇرەك كىسىلى،)

كىلنىك ئىپادىسى:

1)نە پەس قىيىنلىشىش. 

2)ئولتۇرۇ ى نە پەس ئېلىشقا مەجبۇر بۇلۇش.

3)كىچىدە تۇتقاقلىق نە پەس قىيىنلىشىش.

4)كۇكىرىش.

5)يۇتۇلۇش ۋە بەلغەم تۇكۇرۇش. 

بەدەن بەلگسى؛  

1) يۇرەك ئۇچى سۇقۇش ئورنى تۇۋەنلەيدۇ.   

2)يۇرەك سۇقۇشى تىزلىشىدۇ.

3)ئو پكە تىگىدىن ھول خىرىپ ئاڭلىنىدۇ.؛

4) بىر قىسىم كىسەللىكلەردە كوكرەك بوشلۇقىغا سۇ چۇشىدۇ.

2. ئوڭ يۇرەك زەئىپلىشىش؛

سەۋەبى:

1) بىر قىسىم سۇزۇلما خارەكتىرلىك ئو پكە ۋە كاناي كىسەللىكلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى. 

2)ئو پكە ئارتىريىسىدىكى غەيرىلىك ۋە تۇسۇلۇش.

3) بىر قىسىم يۇرەك مۇسكۇل كىسەللىكى ۋە يۇرەك كىلاپان كىسەللىكلىرى .   كىلنىك ئىپادىسى:

1)ئىچكى ئەزالاردا قان قېيىش.

2)بورەك ئقتىدارى تۇۋەنلەش.يەنى سۇيدۇك مىقدارى ئازلاش،سۇيدۇكنى لابىراتورىيەلىك تەكشۇرگەندە ئاقسىل كۇرۇلۇش.

3) ھەزىم سىستىما ئالامەتلىرى پە يدا بۇلىدۇ.(قۇرساق كۇ پۇش، كۇڭۇل ئېلىشىش،قۇسۇش قاتارلىقلار،)

بەدەن بەلگۇسى:

1) بۇيۇن ۋىناسى كۇ پۇش.

2) جىگەر چۇڭۇيۇش.

3)سۇلۇق ئىششىق پە يدا بۇلۇش.

4)يۇرەك بۇغۇق تاۋۇش چىگرىسى چۇڭۇيۇش.

5) ئۇچ قا پقاقلىق كىلاپان رايۇنىدىن قىسقىراش دەۋىرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىش.

6)ئوڭ يۇرەك قېرىنچىسى چۇڭۇيۇش.

3. پۇتۇن يۇرەك زەئىپلىشىش. 

پۇتۇن يۇرەك زەئىپلىشىش بولسا  بەدەن قان ئايلىنىش بىلەن ئو پكە قان ئايلىنىشنىڭ بىرلا ۋاقىتتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كورسىتىدۇ.

دىئاگنۇز قۇيۇش:

1) كىسەللىك تارىىخىدا ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى قان بېسىم ،رىماتىزىم خارەكتىرلىك يۇرەك كىسەللىكى،سۇزۇلما ئو پكە مەنبەلىك يۇرەك كىسىلى قاتارلىق كىسەللكلەر بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولغان بۇلىدۇ. 2) تىپىك بولغان كىلنىك ئىپادىللىرىدىن نە پەس قىيىنلىشىش،يۇتۇلۇش،قان تۇكۇرۇش،ئو پكە تىگىدىن ھول خىرىپ ئاڭلىنىش،بۇيۇن ۋىناسى كۇ پۇش ،جىگەر چۇڭۇيۇش،سۇلۇق ئىششق، كۇكۇرۇش، ئۇندىن باشقا مۇھىم بۇلغان بەدەن بەلگۇللىرىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ،

ئا لدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش: 

1) بىمارنى مۇۋا پىق ئارام ئالدۇرۇش،ئېغىر جىسمانى ئەمگەكتىن ساقلاش.  2) روھى كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش. 

3) بىرلەمچى كىسەللىك ئوزگۇرۇشىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش  .

4) ئۇزۇقلىنىشنى مۇۋا  پىق تەڭشەش.لەتىف تاماقلارنى بىرىش،تاماق تەركىبىدىكى تۇز مىقدارىنى كونتىرول قىلىش.

داۋالاش:

دۇرا ئىشلىتىشتە بىرلەمچى كىسەللكنى داۋالاش بىلەن بىرگە يۇرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش،قان- تۇمۇرلارنى كىڭەيتىپ قان قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەتتە دۇرا ئىشلىتىلىدۇ.

كىسەللىك سەۋەبىنى يۇقۇتۇش.كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى غەيرى تەبىئي خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ ،مۇسھىل بىرىلىدۇ. قان- تۇمۇرلارنى كىڭەيتىپ ،قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش مەقسەتتە ئەبرىشىم جەۋھىرى،خېمىرى مەرۋايىت، خېمىرى گاۋزىبان، خېمىرى سەندەل،شىپايى قەلىپ ئىچىملىكى قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ . ياللۇغ قايتۇرۇش، سۇيدۇك ھەيدەش،نە پەسنى راۋانلاشتۇرۇپ،يۇتەل پەسەيتىش مەقسەتتە دىنار شەربىتى،ئەرقى بادىيان،ئەرقى كاسىنە،سەرپىستان جەۋھىرى،زۇفا جەۋھىرى،بادام جەۋھىرى قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : يۇرەك . مىڭە .قان -تومۇ كىسەللىك بولۇمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282