busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 11 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 44568 قىتىم كۆرۈلدى

روھى نەپسانى  دىگەن نىمە؟ ئورنى نەدە،قانداق رولى بار؟

روھى نەپسانىي بەدەندىكى ھىس –ھەركەت ، سەزگۈ تەپەككۇر پائالىيتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان روھتىن ئىبارەت . ئۇيغۇر تىبابەت كىلاسسىك كىتابلىرى دا؛«روھى ھايۋانىي يۈرەكتىن قان ئايلىنىش ئارقىلىق مىڭىگە يىتىپ بىرىپ، روھىي نەپسانىي غا ئۆزگىرىدۇ ، بۇ ھىس- ھەركەتنىڭ باشلىنىش مەنبئي بۇلۇپ ، روھىي نەپسانىي ئەزالارغا ھىس –ۋە ھەركەت بەخىش ئىتىدۇ» دەپ ئىزاھلانغان .ئادەم مىڭىسى ئۆزىدىن چىققان ھەر خىل نىرىۋا تالالىرى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە قۇماندانلىق قىلىپ ھىس ۋە ھەركەت  پائالىيتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل خىزمىتى مىڭە ۋە نىرىۋا ھۈجەيرىللىرىنىڭ ئىمپولىس پەيدا قىلىش ۋە يەتكۈزۇلۈشى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ . بۇ ئىمولىس مىڭە، نىرۋا ھۈجەيرىللىرىدە جارىي بۇلىدىغان بۇلۇپ،بۇنىڭغا تۈرۈتكە بۇلىدىغىنى دەل بىز دىمەكچى بولغان روھى نەپسانىيدۇر . چۈنكى مىڭىنىڭ قان ئىقىم مىقتارى ناھايىتى مول بۇلۇپ يۈرەكتىن چىقىرىلدىغان قاننىڭ %14 نى ئىگەللەيدۇ . مىڭىگە ئوكسىگىن مىڭە ئارتىريىسى ئارقىلىق يىتىپ بارىدۇ . مىڭە نىرىۋا ھۈجەيرىللىرىنىڭ ئوكسىگىن سەرپىياتى ناھايىتى يۇقىرى ھەم تۇراقلىق بۇلۇپ ، ئوكسىگىن يىتىشمەسلىككە قارتا ناھايىتى سەزگۈر كىلىدۇ . مىڭە ئارتىريىسى بىلەن ۋىنادىكى ئوكسىگىن مىقارىنىڭ پەرىقى 6.7 مىللىلىتىربۇلۇپ ،ھەر 100گىرام مىڭىدە مىنوتىغا 3.3 مىللىلىتىر ئوكسىگىن سەرىپ قىلىنىدۇ . بۇبەدەنىڭ ھەر قانداق ئەزالىرىغا نىسپەتەن ئىنتايىن چوڭ سەرپىيات بۇلۇپ ،  بۇنىڭدىن تەبئىي خىلىتلارنىڭ ئۇچۇچان جەۋھەر قىسمى بىلەن  ئوكسىگىننىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان روھ نىڭ مىڭىدىكى سەرپىياتنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ .

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282