busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 23 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 41634 قىتىم كۆرۈلدى

قۇۋۋىتى ھايۋانى دىگەن نىمە ؟ئۇنىڭ خىزمىتى نىمە؟

ئۇنىڭ مەركىزى ئورنى يۈرەك بولۇپ، ئۇ يۇرەك مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىپ-كىڭەيتىش ھەركىتىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ ھەم ئورگانىزىمدا قان ئايلىنىشنى شەكىللەندۇرۇپ ،پۇتۇن بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا روھ يەتكۇزۇپ بىرىدۇ.يۇرەكنى مەركەز قىلغان روھى ھايۋانىنىڭ تەسىرىدە يۇرەكنىڭ ھەركىتىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ.شۇڭا پۇتۇن بەدەننىڭ تىرىكلىكى مۇشۇ قۇۋۋەتكە باغلىق،ئۇ ئىنساننىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى سۇرەتلەپ بىرىدۇ.ھەمدە پۇتۇن بەدەنگە روھ يەتكۇزۇپ بىرىش ئارقىلىق بەدەندىكى ھاياتلىق پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تۇزۇلۇشلەرنى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرىدۇ.قۇۋۋىتى ھايۋانىي بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ باشلىنىش مەنبىيى  بولۇپ،بارلىق قۇۋۋەتلەر قۇۋۋىتى ھايۋانىي مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

دىمەك ،قۇۋۋىتى ھايۋانىي يۇرەكنىڭ قىسقىرىش-كىڭىيىش ھەركىتىنى بارلىققا كەلتۇرۇش ئارقىلىق بەدەندە چوڭ-كىچىك قان ئايلىنىشنى شەكىللەندۇرۇپ،ئۆپكە ئارقىلىق قوبۇل قىلغان ئوكسىگىننى،قان ئايلىنىشقا ئۆتكەن تەبىئىي خىلىتلارنى ،جۇملىدىن تەبىئىي خىلىتلار بىلەن ئوكسىگىننىڭ بىركىشى جەريانىدا ھاسىل بولغان روھنى پۇتۇن بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا يەتكۇزۇپ بىرىدۇ ھەم بەدەندىكى تۆت ھەزىم جەريانىدا ھاسىل بولغان كىرىكسىز ماددىلارنى ۋە گازلارنى قان ئايلىنىش ئارقىلىق ھەر قايسى چىقىرىش ئەزالىرىغا يەتكۇزۇپ  بىرىپ ،بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇڭا قۇۋۋىتى ھايۋانى_ ھاياتلىق پائالىيەتنىڭ ئاساسىدۇر. ئەگەر قۇۋۋىتى ھايۋانى ئاجىزلاپ ئۇنىڭ خىزمەت پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرسا ،ھاياتلىق پائالىيەتمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچۇرايدۇ.ئەگەر يۇرەكتىن قان تومۇرلارنىڭ مەلۇم بىر يىرىدە ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن توسۇلۇش بولۇپ،قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچۇرسا روھ- قۇۋۋەتلەرنىڭ ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچۇراپ،قان تومۇر توسالغان جاينىڭ تۆۋەنكى قىسىمىغا روھى ھايۋانى يىتىپ بارالماي،شۇ جاينىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئاجىزلاپ،ئوزۇقلۇق قۇبۇل قىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچۇرايدۇ.

يۇقۇرقىلاردىن سىرىت، ئىنسانلاردىكى خۇشاللىق ياكى غەم-قايغۇلارنىڭ ياخشى ياكى يامانلىغىنى پەرىقلەندۇرۇش مىڭىنى مەركەز قىلغان روھى نەپسانىي  تەرپىدىن بولسىمۇ لىكن،يۇرەك روھى ھايۋانىنىڭ مەركىزى بولغاچقا ھەم ئۇنىڭ ئىنساندىكى ئەمىلىي ئىپادىسى يۇرەكتە بولغاچقا قورقۇش،جىمغۇرلۇق،ئاچچىقلىنىش،خوشاللىنىش .....قاتارلىق بىر قىسىم روھى ئامىللارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ساقلاش خىزمىتى قۇۋۋىتىي ھايۋانىيغا باغلىق بولىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282