busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 2958 قىتىم كۆرۈلدى

ئىككى قا پقاقلىق كىلاپان تارىيىش.

تونۇش :

تۇرلۇك سەۋەپلەردىن ئىككى قا پقاقلىق كىلاپاندا تارىيىش يۇز بىرىپ ،كىلنىكىدا نە پەس قىيىنلىشىش،يۇرەك رىتىمسىزلىق،يۇتۇلۇش،قان تۇكۇرۇش، قاتارلىق يۇرەك كىسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان دۇرا بىلەن داۋالاش نىسبەتەن قىيىن بۇلىۋاتقان  كىسەللىك.

سەۋەبى:

1) ئۇزۇن مۇددەت ئوتكۇر مۇ پاسىل،نىقرەس كىسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش.   2)خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئي ئوزگۇرىشى.بۇلۇ پمۇ كويگەن سە پرا خىلىتى ۋە بەلغىمى شورنىڭ تەسىرى.

3) تۇغما غەيرىلىك شۇنداقلا ئىرىسيەت ئامىللىرى.

كىلنىك ئىپادىسى؛

1)نە پەس قىيىنلىشىش بۇلىدۇ.

2) قان تۇكۇرۇش كۇرىلىدۇ .يەنى تۇيۇقسىز كو ى مىقداردا سا ى قان تۇكۇرۇش ئەھۋالى بۇلىدۇ.

3) يۇتىلىش  .

4) ئاۋاز پۇتۇش.

5)يۇرەك دالانچىسى تىترەشنى پەيدا قىلىدۇ.

6) باشقا ئالامەتلەردىن ئو  پكە يۇقۇملىنىش، كوكرەك ئاغرىش،ھۇشىدىن كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۇرىلىدۇ.

بەدەن بەلگۇسى:

1) ئىككى قا پقاقلىق كىلاپان كىسەللىك چىراي ئىپادىسى كۇرىلىدۇ.

2) ئو پكە ئارتىريە كىلاپان رايۇنىدا ئىككىنجى يۇرەك تاۋۇشى كۇچىيىدۇ.

3) يۇرەك ئۇچى رايۇنىدا بىرىنجى يۇرەك تاۋۇشى كۇچىيىدۇ.

پە رىقلەندۇرۇپ دىئاگنۇز قۇيۇش:

1) قان ئازلىق كىسەللىكىدىن پە رىقلەندۇرىلىدۇ.

2) ئۇچ قا پقاقلىق كىلاپان تارىيىش كىسەللىكىدىن پە رىقلەندۇرىلىدۇ.

3)قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۇچىيىش ۋە تۇغما يۇرەك كىسەللىكلىرىدىن پەرىقلەندۇرىلىدۇ.

دىئاگنۇز قۇيۇش؛

1) تىپىك بۇلغان كىلنىك ئىپادىللىرىگە ئاساسەن دىئا گنۇز قۇيىلىدۇ.

2) بەدەن بەلگۇللرىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ.

3) قۇشۇمچە تەكشۇرۇش نەتىجىللىرىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ.   ( رىنتىگىندە تەكشۇرۇش،ئلىكتىرو كادوگىراممىدا تەكشۇرۇش ۋە ئاۋازدىن يۇقىرى تىز دولقۇندا تەكشۇرۇش قاتارلىقلار )

ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش:

1) مۇۋا پىق ئارام ئالدۇرۇش لازىم.

2) يۇقۇملىنىشلارنىىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەكرار زۇكام بۇلۇشتىن ساقلىنىش.

3) يىمەكلىك تەركىبىدىكى تۇز مىقىدارىنى كونتىرول قىلىش،يەنگىل تاماقلار بىلەن ئۇزۇقلىنىش.

داۋالاش:

دۇرا بىلەن داۋالاشتا كىسەللىك سەۋەبىنى ئاساس قىلىپ ئۇنى داۋالاش ئاساسىدا ئىششىق قايتۇرۇش،سۇيدۇك ھەيدەپ يۇرەكنىڭ يۇكىنى يەڭگىللىتىش ۋە يۇرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش پىرىنسىپى بۇيىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

1) نۇرەس ،مۇ پاسىل كىسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ  چىققان بولسا ئلدى بىلەن ئەسلى كىسەللىكىنى داۋالاش. ئۇندىن كىيىن يۇرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسەتتە ئەبرىشىم جەۋھىرى،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ، ئەرقى بادىيان،داۋايى مىشكى مودىتىل،قاتارلىق دورىلار كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

2) كۆپ مىقداردا قان تۇكۇرۇش بولغۇچىلارغا تىنىچلاندۇرغۇچى،سۇيدۇك ھەيدىگۇچى دورىلارنى ئىشلىتىپ ئو پكە ۋىنا بېسىمىنى تۇۋەنلىتىش كىرەك.

3) كىلا پان ئېغىزىدىكى تارىيىش ئېغىر بولغۇچىلارغا نىسبەتەن ئو پراتسىيە ئۇسۇلىنى قۇللىنىش لازىم .   

تەييارلىغۇچى : يۇرەك . مىڭە .قان -تومۇ كىسەللىك بولۇمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282