بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 23 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 40827 قىتىم كۆرۈلدى
روھى تەبىئىي دىگەن نىمە؟ ئورنى نەدە،قانداق رولى بار؟
بۇ ئىنسانلارنىڭ ماددا ئالمىشىش پائالىيتى ۋە نەسىللنىش ئىقتىدارىنى كونتىرول قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان روھتىن ئىبارەت بۇلۇپ ، ئۇيغۇر تىبابەت كىلاسسىك كىتابلىرىدا؛«روھى ھايۋانىي يۈرەكتىن جىگەرگە يىتىپ بىرىپ روھى تەبئىيگە ئۆزگىرىدۇ . روھى تەبئىي ئەزالارنى پەرۋىش قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى چوڭايتىدۇ» دەپ ئىزاھلانغان .
جىگەر بەدەندىكى رەئىس ئەزانىڭ بىرسى بۇلۇپ ، ئۇ بولمىسا بەدەننىڭ ھاياتلىقىمۇ بولمايدۇ . جىگەر ناھايىتى چوڭ خىمىيىۋى كارخانىغا ئوخشاش بەدەندە ئادەم ھاياتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ . مەسىلەن؛ خىلىتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ ، قەنىت ، ئاقسىل ، ۋىتامىن ، ھورمۇن قاتارلىق بەدەننى تۈزۈگۈچى ئاساسلىق ماددا ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئالمىششىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ساقلايدۇ . ماددىلارنى ئوكسىدلاپ ، پارچىلاش ۋە بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ماددىلارنىڭ يامان تەسىرىنى يوقىتىپ بەدەننى قوغدايدۇ . ئۆت سۇيۇقلىقى ئاجىرتىپ چىقىرىپ، ئۈچەيلەردە ياغلارنى ھەزىم قىلىشقا قاتنىشىپ بەدەننى ياغ بىلەن ئوزۇقلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ . شۇنداقلا بەدەننىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشىگە، تەرەققى قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبئىي ھاياتلىق ماددىللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى جىگەر ھۈجەيرىللىرى ئىچىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ . جىگەرنىڭ بۇخىل خىزمىتى دەل روھى تەبئىينىڭ تۈرتكىسىدە قوزغالغان قۇۋىتى تەبئىي تەرپىدىن ئىلىپ بىرىلىدۇ .
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت