بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 2627 قىتىم كۆرۈلدى
ئائۇرتا كىلا پان تۇلۇق يىپىلالماسلىق
ئائۇرتا كىلا پان تۇلۇق يىپىلالماسلىق – ئائۇرتا كىلاپانى ياكى ئائۇرتا تۇۋى قىسمىدىكى كىسەللىك ئوزگۇرۇشلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان يۇرەك كىڭىيىش دەۋىردە قاننىڭ ئائۇرتىدىن سول قېرىنچىغا ئېقىپ كىرىشنى كورسىتىدۇ.
كىسەللىك سەۋەبى:
1) يۇقۇملىنىش خارەكتىرلىك يۇرەك ئىچكى پە ردە ياللۇغى بىلەن ئاغرىش. 2) كوكرەك زەخمىلىنىشتىن بولغان يۇقىرلىغۇچى ئائۇرتىنىڭ تۇۋى قىسمى ياكى كىلاپان يا پراقچىسى زەخمىلىنىش.
3) سۇنئىي كىلا پان پە ردىسى يېرىلىش.
4) خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئي ئوزگۇرىشى.
كىلنىك ئىپادىسى:
1) سول يۇرەك زەئىپلىشىش ۋە قان بېسىمى تۇۋەنلەش كۇرىلىدۇ.
2) يۇرەك چالاڭغۇراش،يۇرەك ئالدى رايۇنى بىئارام بۇلۇش ئالامەتلىرى كۇرىلىدۇ.
بەدەن بەلگۇسى:
1) يۇرەك ئۇچى سۇقۇش ئورنى تۇۋەنلەيدۇ.
2) ئىككىنجى يۇرەك تاۋۇشى بىلەن بىرگە كىڭىيىش دەۋرىدە دەسلە پكى دەۋىرلىك ئۇھ تارتقاندەك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ.
3) بىرىنجى يۇرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ.
4) قان بېسىم پە رقى چۇڭىيىدۇ.
دىئاگنۇز قۇيۇش؛
1) تىپىك بولغان كىلنىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن بەلگۇللىرىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ.
2) قۇشۇمچە تەكشۇرۇش نەتىجىللىرىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش؛
1) بىرلەمچى كىسەللىكلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش.
2) بىمارنى چۇقۇم تىنىچ ياتقۇزۇپ ،ئارام ئالدۇرۇش.
3) ئۇزۇقلۇقى ئۇچۇن ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان ،يەنگىل تاماقلارنى بىرىش.
داۋالاش:
ئەسلى كىسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ ،سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىسەللىك ماددىسىنى تەنقىيە قىلغاندىن كىيىن مۇرەككەپ دۇرىلاردىن سىپوپى مەرۋايىت،ئەبرىشىم جەۋھىرى،مەتبۇخى مائۇل جەبىن،خېمىرى مەرۋايىت،ئىەرقى بادىيان، شىپايى قەلىپ ئىچىملىكى قاتارلىق دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
تەييارلىغۇچى : يۇرەك . مىڭە .قان -تومۇ كىسەللىك بولۇمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت