busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 35766 قىتىم كۆرۈلدى

بۆرەك ئۇرۇقلاش

 تۇنۇش:

بۆرەك ئۇرۇقلاش-بۆرەكنى قاپالاپ تۇرغان مايلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەش،ئۇرۇقلاش،ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن بوزۇلىشى ئۇزۇن داۋاملىشش، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق بولۇشى، سۈرگە ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن بۆەكتە ئارتۇق ئىستىپراخ يۈز بېرىپ بۆرەك ياغلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ.

ئالامىتى:

مىزاج بۇزۇلغانلىق ئالامەتلەر ئېنىق كۆرۈلىدۇ. يەنى ئىسسىقتىن مىزاج بوزۇلۇش سەۋەبىدىن بولغان بولسا تۇمۇرى تېز ئىنچىكە سالىدۇ. سۈيدۈكى قىزۇچ سېرىق پۇراقلىك كېلىدۇ. بۆەك ئۇدۇلى قىززىق بىلىنىدۇ. كۆپ ئۇسسايدۇ، سوغۇقتىن مىزاج بوزۇلۇشتىن بولغان بولسا سۈيدۈك مىقدارى كۆپ، رەڭگى ئاق بولۇپ، بۆرەك ئۇدۇلى سوغۇق بىلىنىدۇ. جىنسىي ئالاقە كۆپ بولغانلىقتىن بولسا سۈيدۈك مىقدارى كۆپ رەڭگى ئاق بولۇپ ئاغرىتىپ كېلىدۇ، بەل ئاغرىيدۇ، جىنسىي قابىلىيەت تۆۋەنلەيدۇ. باش ئاغرىيدۇ،كۆز تورلىشىدۇ،چىراي تاتىرىدۇ،بارغانسېرى تىرىلەر قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئۇنۇتقاقلىق كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى :

ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلىگۈچى، سۈت مەنىي كۆپەيتكۈچى، ئۇمۇمى بەدەننى سەمىرىتكۈچى،بۆرەكنى سەمىرتىپ كۈچلەندۇرگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282