busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 18 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3723 قىتىم كۆرۈلدى

قىزىل ئوڭگەچ ياللۇغى

قىزىل ئوڭگەچ ھەزىم قىلىش سىستىمىسىنىڭ باشلىنىش كانالچىسى بولۇپ، يىمەكلىكنىڭ يۇتقۇنچاقتىن يۇتۇلۇپ، ئاشقازانغا كىرىشىدىكى بىردىن بىر ئۆتۇشمە يول .ئۇ ھالقىسىمان قورىغۇچى مۇسكۇللاردىن تۇزۇلگەن بولۇپ بۇ بىر تەرەپتىن، ئۆزلۇكسىز داۋاملىشىدىغان لۆمۇلدىمە ھەركىتى ئارقىلىق يىمەكلىكنىڭ ئاشقازانغا كىرىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن ،قىزىل ئوڭگەچ ئىچكى بوشلۇقىنىڭ نۇرمال بوشلۇقىنى ساقلاپ، قوغدۇنۇشلۇق رولنى ئوينايدۇ.يەنى يىمەكلىك يۇتۇغان ۋاقىتتا قورۇغۇچى مۇسكۇللار بوشاپ، ئۆزىنىڭ لۆمۇلدىمە ھەركىتى ئارقىلىق يىمەكلىك ئاشقازانغا ئىتتىرلىپ  ئاسانلائاشقازانغا  كىرىدۇ. قىزىل ئۆڭگەچتە ئاناتومىيەلىك ئالاھىدلىك جەھەتتىن  3تارايغان ئورۇن بولۇپ، نۇرمالنى ئەھۋال ئاستىدا 30 بىسىمى بىلەن قورۇلۇپ تۇرىدۇ.بۇ قىزىل ئۆڭگەچنىڭ قوغدۇنۇش توسۇقى بولۇپ ئاشقازان سۇيۇقلىقى ،ئاشقازان كىسلتاسىنىڭ يىنىپ چىقىپ، قىزىل ئۆڭگەچنى  زەخمىلەندۇرشىدىن ساقلايدۇ. ياللۇغلانغاندا بۇ بىسىم تۆۋەنلەپ، بىماردا قۇسۇش ئالامىتى  بولىدۇ.

تونۇش

قىزىل ئۆڭگەچ سىلىق يوللۇق مۇسكۇللىرىدا زەخمىلىنىش، ياللۇغلىنىش قان تولۇش، سۇلۇق ئىششق بولۇپ،كىلنكىدا يۇتۇش قىينلىشش، زەرداپ سۇ ياندۇرۇش، تۆش سۆڭەك ئۇدۇلىدا كۆيۇشكەندەك سىزىم بولۇش، ..قاتارلىق كىلنىك ئىپادىلەر بىەن ئىپادىلىنىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت .قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى ئاياللارغاقارىغاندا ئەرلەردە، 40-60ياشقىچە ئارلىقتىكى كىسشىلەردە ۋەغەرىپ ئەللىرىدە بىرقەدەر كۆپ. ئۇندىن باشقا ئالدىراڭغۇ، تاماقنى ناھايتى تېز يەيدىغان كىشىلەرتوپىدا  بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كىسەللىك جەرياننىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن 2تۇرگە بۆلىنىدۇ. ئۆتكۇر خاراكتىرلىك قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى .سوزۇلما خاراكتىرلىك قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى

 سەۋەبى :

1.ئۆتكۇر كىسلتالىق ئىشقارلىق دورىلارنى ئىچۋىلىش ،زەھەرلىنىش، زەخمىلىنىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، (شوپۇر لاردا بىنزىن يۇتۇپ سالىدىغان ،بالىلاردا چاشقان دورىسى ئىچىۋالىدىغان ئەھۋاللار )

2.تاماق ئىستىمال قىلشنىڭ نۇرمالىزلىقى :تاماقنى بىراقلا بەك كۆپ ،يىرىك ئىستىمال قىلىش، زىيادە ئىسسىق سوغۇق ئىستىمال قىلىش، تاماقنى چالاچايناش، بۇزۇلغان سۇپۇتى ئۆزگەر گەن يىمەكلىكلەرنى يىش.

3.بىرقىسىم كىسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن .كىزىك، سىل، قىززتما، بوغما، قان بۇزۇلۇش، قان تولۇش

 خىلىتلار تەڭپۇلىقىنىڭ بۇزۇلىشى :

4.شورلۇق بەلغەم خىلتى،گەجسىمان بەلغەم ۋە كۆيگەن سەۋدانىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

5. نەزلىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

6. ۋيتامىن K يىتشمەسلىك ،ئاشقازان سۇيۇقلىقى تەتۇر يىنىش.

كىلنىك ئىپادىسى :

ئۆتكۇر خاراكتىرلىكتە :

 كىسەللىك ئەھۋالى ناھايتى جىددى بولۇپ، ئۆتكۇر زەھەرلىك ماددىلار بىلەن ئۇچىرشش تارىخى بولىدۇ. ئىزغىز شىللىق پەردىلەردە كۆيۇك ۋە زەخمىنىڭ ئىزى بولىدۇ. بەزى بىمارلاردا قان قۇسۇش بولىدۇ.

سوزۇلما خاراكتىرلىكتە :

 كىسەللىك تەرققىياتى ئاستا داۋاملىشىدۇ. ئومومەن ئاساسلىق ئالامەتلەردىن :

كۆيۇشۇش .%50 ئارتۇق بىمارلاردا بولىدۇ. كۆپۇنچە تاماق يەپ 1-2سائەتتىن كىين بولۇپمۇ ھاراق كافى قويۇق چاي، سوغۇق سۇ، تاتلىق تۇرمە يىگەندىن كىين قوزغۇلىدۇ. كۇچلۇك ھەرىكەت قىلغاندا بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەركەندە تاماكا چەككەندە كۇچيدۇ.

كۆكرەك ئاغىرىش. تۆش سۆڭەك ئارقىسى ،ئۇستۇنكى قوساق قىسمىدا ئەڭ رۇشەن

يۇتۇش قىينلىشش :دەسلەپتە قىزىل ئۆڭگەچ سىپازمىلىنىپ، ئارىلاپ ئارىلاپ يۇتۇش قىينلىشىدۇ. كەيپىيات جىددىلەشكەندە ئىغىر لىشىدۇ. كىين بارغانسىرى ئىغىر لىشىدۇ.

ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش :ئاچ قۇساق ھالەتتە كىسىلتالىق سۇيۇقلۇقلارنى ياندۇرىدۇ.(ئۆت كىسلتاسى ،ئاشقازان كىسلتاسى ،يىمەكلىك يىگەندە ،بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتكەندە كۇچىيدۇ. )

قوساق كۆپۇش ،ئاچچىق كىكىرىش بولىدۇ.

بىمار قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى بىلەن ئاغىرغاندا بىلىپ بىلمەي يۇتۇش ھەركىتىنى كۆپ ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ھاۋا يۇتۇلىدۇ. يەنە بىرتەرەپتىن ئاشقازاننىڭ ۋاختىدا بىكارلىنىشى كىچىكىپ، لۆمۇلدىمە ھەركىتى ئاجىزلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قوساق كۆپىدۇ.

قاناش ۋە قان كەملىك بولىدۇ.

دىئاگىنۇز قويۇش ئۆلچىمى :

تىپىك كىلنكىلىق ئىپادە ۋە كىسەللىك تارىخى :مەسىلەن .يۇتۇش قىينلىشش، كۆيۇشۇش، زەرداپ سۇياندۇرۇش، كۆكرەك تۆش سۆڭەك ئاغىرىش قاتارلىق كىلنكىلىق ئالامەتلەر گە ئاسالىنىمىز .

رېنتگندە تەكشۇرۇش :

دەسلەپتە تارايغان ئۆزگۇرۇش كۆرۇلىدۇ. ئاخىرقى دەۋىردە قىزىل ئۆڭگەچ دىۋارى تەرتىپسىزلىنىپ تالالىق ئۆسىدۇ.

3)ئىچكى ئەزا ئەينىكى : ياللۇغ ئورنى ناھايتى ئىنىق كۆرۇنىدۇ.

سىلىشتۇرما دىئاگىنۇز :

قىزىل ئۆڭەچ راكى : بۇنىڭدا ئىلگىرلەش خاراكتىرلىك يۇتۇش قىينلىشش بۇلىدۇ. ئورۇقلاش بەدەن ئىغىرلىقى چۇشۇپ كىتىش بولىدۇ.

يۇرەك سانجىقى : %50 بىماردىكى ئاغىرىشتىن يۇرەك سانجىقى گۇمانلىنىپ قالىدۇ. ECG،نىىرو گىلتسىرىن ئارقىلىق دىئاگىنۇز قويۇلىدۇ. ئاقىۋىتى :ۋاقتىدا توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ .ئەگەر ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا قىزىل ئۆڭگەچ راكىنى ، قىزىلئۆڭگەچ يارىسى ، قىزىلئۆڭگەچ تېشىلىش ، قىزىلئۆڭگەچ تارىيىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش :

داۋالاش پىرىنسىپى  :

غىدىقلىنىشنى پەسەيتىش ،سىلىقلاشتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش ،خىلت سەۋەىبدىن كىلىپ چىققان بولسا ماددىنى تەڭشەش پىرىنسىپى بويچە داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ. (كاللا پاقالچاق ،شۇيلا،شورپا )

غىدىقلىنىشىنى پەسەيتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش مەخسىتىدە :ئارپا سۇيى 120م ل بادام يىغى 10م ل  قوشۇپ ئىچكۇزىلىدۇ.

 1 ) فۇنۇس خىيارشەنبەر 24گىرام كاسىنە سۇيى ، شوخلا سۇيى 60 مىللىلىتىر قوشۇپ غەرغەرە قىلىنىدۇ.

 2) موزا، زەمچە، ئاش تۇزى ،نوشىدۇر، ئوخشاش مىقداردا ئىلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، بارماققا سۇۋاپ قىزىل ئۆڭگەچنى باسسا ناھايتى پايدىلىق

 3) شومشا لۇئابىغا بادام يىغى ،ئاش تۇزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ ئىچكۇزسەبولىدۇ.

4) زىغىر لۇئابى ،ھەشقىپىچەك لۇئابى ئىشلەتسە قىزىل ئوڭگەچ يارىسىغا ناھايتى مەنپەتلىك

5) نىشاستە ياكى بادان يىغى ۋە شىكەردە ھالۋا ئىتىپ بەرسە ناھايتى پايدىلىقمۇرەككەپ دورىلاردىن :ئەرەقى شوخلا، ئەرەقى چۆبىچىن ، ئۆشبە شەربىتى ، مەجۇنى ئۆشبە ، مەجۇنى چۆبىچىن قاتارلىق دورىلار،كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش ، ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەپ بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش تەسىرىگە ئىگە دورىلار بىرىلىدۇ. مەسىلەن : ئامىلە نۈشدارى ، جاۋارىش ئامىلە ، جاۋارىش ئەنبەر ، جاۋارىش مىشكى ، جاۋارىش جالىينۇس ئىتتىرفىل كەبىر ، خېمىرى مەرۋايىت ، ئەبرىشىم شەربىتى قاتارلىق دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ بېرىلىدۇ.

ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : 

يىمەكلىكنىڭ يۇمشاق چاينىلىشىغا يۇتۇلىشىغا دىققەت قىلىش ،زىيادە ئىسسق سوغۇق تىن يىراق تۇرۇش

سەۋەپچى ئامىللارنى يوقۇتۇش

ھاراق كافى ،چوكىلى ،لازا ئاچچىق سۇ قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرۇش

بەدەن ھالىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرۇش.

تاماقتىن كىين مەلۇم ۋاقىت تىك تۇرۇپ بىرى، زىيادە چىڭ ئىچ كىيمنى كەيمەسلىك ،ياستۇقننىڭ ئىگىزلىكىنى مۇۋاپىق كۆتىرىش، 15-20سانتىمىتىر ،سىمىزلەر ۋاختىدا ئۇرۇقلاش

تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282