busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 11 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4926 قىتىم كۆرۈلدى

چالاش

تۇنۇش:

 بەدەن تېرىسىنىڭ كۇن نورى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدىغان ئورۇنلىرىدا قوڭۇر قىزىل رەڭلىك قىتىشىپ، قاسىراقلىشىپ قېلىنلايدىغان، قىچىشىدىغان زەخمىلىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

ئۇيغۇر تىبابىت كىلاسىك ئەسەرلىدە «چالاش»ياكى«قارا تەمرەتكە»دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى :

(1)سەۋدا خىلتى مىقتارىنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن پەيدا بولىدۇ، ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە سەۋدا خىلتىنىڭ مىقتارى ئارتىپ كەتسە بەدەندە ئۈستۈنلۈكنى  ئىگەللىگەن قورۇق سوغۇق كەيپىيات بەدەننىڭ تەبىئى ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ماددا ئالمىششىنى ئاستىلىدۇ. ۋە خىلىتلارنىڭ لەتىف سويۇق تەركىبلىرىنى قورۇتۇپ قويۇلۇش پەيدا قىلىدۇ. بۇ نورمالسىز سەۋدا خىلىت تېرە توقۇلما ئارلىق بوشلۇقلىرىدا يېغىلىپ تەدرىجى قويۇلۇپ چۆكمىگە چۇشۇپ بۇ كېسەللىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

(2)ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن پەيدا بولىدۇ، ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك يۈز بەرگەندە بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى، جۈملىدىن تېرە توقۇلما ئەزالىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن زۆرۇر بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلر يېتىشمەي، تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ قېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى :

ئاۋال قول بېغىشىدىن تۆۋەن بولغان قول دۇمبىسى كۆكرەكنىڭ ئېچىلىپ تۇرىدىغان قىسىمى، گەدەن قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تىرىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قوڭۇر قىزىل تۈسنى ئېلىپ ساق تېرە بىلەن بولغان چىگرىسى ئېنىق بولىدۇ، كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ تىرىسى قىچىشىدۇ، تەدرىجى قېتىشىپ قاسىراقلىشپ قىلىىنلىشىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى كېسەلنىڭ بۇرۇن ئۈستى قىزارغان، كېپەكلىشىدىغان بولىدۇ، ھەمدە رەڭگى تەدرىجى قىنىقلىشىپ قارىغا مايىللىشىدۇ. ئېغىرلاشقاندا ياكى كۆپ قېتىم تەكرارلانسا ئىچ سۈرۈش قورسىقى ئاغرىش، ئويقىسىزلىق، خىيالپەرەسلىك، جۆيلۇش روھى جەھەتتىن جىددىيلىشىش ئىسىنى بىلمەسلىك قاتارلىق روھى كېسەللىكلەرگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ.

 چالاش كىسىلىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.

بىرىنجى باسقۇچتا: يەرلىك ئورۇن زەخمىلىنىش تېرە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي بەلكى ئېغىز ئىچى شىللىق پەردىسى بىلەن تىل قىزىرىپ ئىششىيدۇ، ۋە ئىچىشىدۇ، ماغدۇرسىزلىق، چارچاش، ئىشتىھاسىزلىق ئالامەتلىرى كورۇلىدۇ.

ئىككىنجى باسقۇچتا: كېسەللىك بىلەن زەخمىلىنىش تىرىدىن ئۆتۇپ كېتىشكە ئازراق تەسىرى كۆرسىتىدۇ.تېرىنىڭ رەڭگى قىنىق قىزىل ياكى قوڭۇر قىزىل تۇسىنى ئالىدۇ ۋە ئىچ سۇرۇش پەيدا قىلىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچتا: كېسەللىك زەخمىلىنىش موسكۇل قاتلىمىغىچە يېتىپ بارىدۇ، زەخمىلەنگەن تېرە قارامتۇل تۇسنى ئېلىپ روھى قەھەتتىكى ئالامەتلەر روشەن كۆرۇلۇشكە باشلايدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

1)  سەۋدا خىلىت مىقتارنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن بولغان بولسا،سەۋدا خىلتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ بەدەندە ماددا پىشقانلىق بەلگە ئالامەتلىرى كۆرۇلگەندىن كېيىن،سەۋدا خىلتىنىڭ مۇسھىلى بېرىلىپ ماددا تازىلىنىدۇ.

2)  ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولغان بولسا ئۇزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش،ھەزىم ئەزالىرىنى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282