busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 11 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5442 قىتىم كۆرۈلدى

تېرە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى

تۇنۇش:

تېرە رەڭگىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئى ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ كېتىشى تېرە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى

تېرە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش سەۋەبى مۇرەككەپ بولۇپ تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا يېغىنچاقلشقا بولىدۇ.

(1)بەدەندە كېرەكسىز ماددىلار كۆپىيىپ تېرە ئارقىلىق سىرىتقا چىقىرلىش جەريانىدا بىر قىسمى تېرىدە تۇرۇپ قېلىشتىن تېرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ.

(2)بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ بىرەرسىنىڭ غالىپ كېلىشىدىمۇ تېرە رەڭگى ئۆزگىرىدۇ.مەسىلەن:قان خىلتى غالىپ كەلگەندىن تېرە رەڭگى قىزىرىيدۇ، قان كېمەيگەندە تېرىنىڭ رەڭگى تاتىراڭغۇ تۈسنى ئالىدۇ. سەپرا خىلتى غالىپ كەلگەندە تېرە رەڭگى سارغىيدۇ. بەلغەم خىلتى غالىپ كەلگەندە تېرە رەڭگى قارامتۇل تۈسنى ئالىدۇ.

(3)كۈن نۇرى بىلەن كۆيگەندە ياكى ساپ ھاۋا يېتىشمىگەندىمۇ تېرە رەڭگى ئۆزگىرىدۇ.

(4)جۇۋىنە ۋەزىرە قاتارلىق تېرە رەڭگىنىڭ ئۆزگەرتىدىغان دورىلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىمال قىلغاندىمۇ تېرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ.

(5)ئۇزۇن مۇددەت كېسەل تارتىپ ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنىڭ تېرىسى قارىداپ كېتىدۇ.

ئالامىتى

تېرە رەڭگى ئۆزگىرىشتە تېرىنىڭ پۇتۈنلىكى بۇزۇلمايدۇ. بەدەندە قايسى خىل خىلىتتا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە شۇ خىلىتقا ماس ھالدا تېرە رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسپى

بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلار كۆپىيىپ كېتىشتىن تېرە رەڭگى ئۆزگەرگۈچىلەر بولسا مىجەزنى تەڭشىگەندىن كېيىن سەپكۇن كېسىلىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر تېرىنىڭ رەڭگى خىلىتلار غالىپلىقىدىن ئۆزگەرگەن بولسا غالىپ كەلگەن شۇ خىلىتلارنى بەدەندىن تازىلاش بىلەن خىلىتلار غالىپلىقىدىن پەيدا بولغان كېسەللىككە قارىتا چارە قىلىنىدۇ. ئەگەر تېرىنىڭ رەڭگى كۇن نۇرىدا كۆيۇشتىن پەيدا بولغان بولسا داۋالاش ھاجەتسىز، چۇنكى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن تېرە رەڭگى ئەسلىگە كېلىدۇ.

  تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282