busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 11 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5568 قىتىم كۆرۈلدى

قارىداش كېسىلى

تۇنۇش

بۇ ھۈسىنگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرخىل تېرە كېسىلى بولۇپ تېرىگە قارا داغ چۇشۇپ تېرە قارىداپ كېتىدۇ.

سەۋەبى

بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تېنىدە ۋىتامىن D،C،B،A ۋەنكوتىن كىسلاتاسى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولغاچقا ۋىتامىن كېمىيىش بىلەن ئۇزۇقلىنىشى ناچار بولۇش بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالماقتا. بۇ كېسەل ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ ئادەتتە ھېيىز مەزگىلىدە پىگىمىنىت ئۆزگىرىشى كۆرىنەرلىك بولىدۇ. بۇ جىنسىي بەزلەر، ھېپوپىز ، بۆرەك ئۈستى بېزى ، پوستىلاق ماددىسى، قالقان بەز قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئۇندىن باشقا گىرىم بويۇملىرىدىكى خوشپۇراق ماتىرىيال ۋە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ياسالما قاتارلىقلار تېرە پىگىمىنىت مىتابولىزىمنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ پىگىمىنىت چۆكىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى

بۇ كېسەل ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسىدىن پەيدا بولىدۇ، ئاساسلىق ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا ، بولۇپمۇ يۈزىدە كۆپ كۆرىلىدۇ. ئاۋال مەڭىز،قوۋۇزدا پەيدا بولۇپ، كېيىن پىشانە، قولق ئەتراپى ۋە بوينلارغا يامرايدۇ، دەسلەپتە تېرە سەل قىزىرىپ قىچىشىدۇ ۋە كېپەكلىشىپ تەدرىجى پىگىمىنىت چۆكىدۇ. ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سۇسلايدۇ. ھەتتا يوقاپ كېتىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

داغ پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى يوقىتىش،يۇزگە كۇن نۇرى چۇشۇشتىن ساقلىنىش، ئاپتاپتىن قوغدىنىش مېيى ئىشلىتىش،گۇمانلىق بولغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

  تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282