busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 11 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5691 قىتىم كۆرۈلدى

سېزىم ئىشش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ

تۇنۇش

بۇ ئادەتتە تېرە كۆكىرىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەل تېرىدە ھىچقانداق سىرىتقى زەخمىلىنىش بولماي تۇرۇپ، بەدەندە خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا قان تومۇرلار ياللۇغلىنىپ، قان سۇيۇقلىقىنىڭ تېرە قاتلاملىرىغا سىرغىپ چىقىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ،كىلىنكىدا تېرىدە سۆسۈن داغ بولغاندىن سىرىت، كۆپىنچە ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسەللىكلىرى ۋە بوغۇم كېسەللىكلىرىگە ئالاقىدار ئىپادىلەر كۆرىلىدۇ.

سەۋەبى

قان خىلتىنىڭ ئۇفۈنەتلىنىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.قان خىلتىنىڭ ئۆتكۇر سەپرا ياكى زەھەرلىك ماددىلار (سۈيدۈك كىسلاتاسى،زەھەرلىك دورىلار ۋە باشقا يات ماددىلار)قوشۇلۇپ بەدەندە ئۇفۈنەتلەنگەن قان خىلتىنى شەكىلەندۇرۇشتىن ئاسانلا تېرە ۋە تېرە ئاستى قانتومۇرلىرى زەخمىلىنىپ ياكى قانتومۇرلارنىڭ ئۆتكۇزۇشچانلىقى ئېشىپ كېتىپ سىرغىپ چىققان غەيرى تەبىئى قان خىلتىنىڭ تېرە ۋە تېرە ئاستىغا يېغىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى

بۇ كۈز ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ تۆۋەندىكى مۆچىلەرنىڭ ئۇزارغۇچىسى تەرىپى، تىز قىسمى، ئۇشۇق، ساغرا قىسىملىرىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ، يەرلىك ئورۇن قىچىشىېدۇ. يېڭنە ئۈچچىدەك ياكى پۇرچاقتەك چوڭلۇقتىكى سۆسۈن داغ تېرە يۈزىدىن سەل كۆتۈرلۇپ چىقىدۇ. بىر نەچچە كۇندىن كېيىن رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدىكى ، سېرىق قوڭۇر رەڭلەرگە ئۆزگىرىدۇ. تىرىدىكى سۆسۈن داغ بولغاندىن تاشقىرى، قان خىلتىدا ئۇفۈنەتلىنىش بولغان بولسا مۇنەك سۇلۇق ئىششىقلىق قىزىل داغ كۆرىلىدۇ.بەزىدە سۇلۇق قاپارتقۇ ، قانلىق قاپارتقۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە قىزىرىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۇلگەندىن تاشقىرى قان خىلتى غالىپلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

قان خىلتىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە مۇمكىن بولسا باشلىق تۇمۇرىدىن قان ئېلىنىدۇ.ئاندىن قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىنى يوقىتىش،سەپرانى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282