busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4071 قىتىم كۆرۈلدى

 قىزىل ئۆڭگەچ راكى

تۇنۇش

قىزىل ئوڭگەچ راكى-خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشى ۋە ھەرخىل قىزىل ئوڭگەچ كېسەللىكلىرىنىڭ تەكرار قوزغىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كىلىنكىدا يۇتۇش قېيىنلىشش، يۇتقۇنچاقتا يات ماددا تۇرۇپ قالغاندەك سېزىم بولۇش، تۆش سۆڭەك ئارقىسىدا يېقىمسىزلىنىش بولۇش كۇيۇشكەندەك سېزىم شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارت.

قىزىل ئۆڭگەچ راكى ھەزىم يوللىرى كېسەللىكلىرى ئىچىدە بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىدىغان ھەر قايسى رايۇنلاردا كۆرۇش نىسپىتى ئوخشاش بولغان ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپمۇ 40-60ياش ئەتراپىدىكى كېشىلەردە كۆرۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان بىرخىل يامان سۇپەتلىك ئۆسىمىدىن ئىبارەت.

سەۋەبى

خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشى بولۇپمۇ سەپرا خىلتىنىڭ كۇيۇشى ۋە بەلغەم خىلتىنىڭ قويۇقلىششىدىن ھاسىل بولغان سەۋدا خىلتىنىڭ يەرلىك ئورۇننى غىدىقلىشى تۇرلۇك قىزىل ئۆڭگەچ كېسەللىكلىرىنىڭ تەكرار قوزغىلىشى شۇنىڭدەك تاماقلارنى قىزىق ھالەتتە ئىستىمال قىلىش،يۇقۇرى گىرادۇسلۇق ھاراق ئىچىش،تاماكىنى كۆپ چىكىش،ۋىتامىن يېتىشمەسلىك،ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە ئىرسىيەت ئامىلى قاتارلىقلارنىڭ قىزىل ئوڭگەچ شىللىق پەردىلەرنى غىدىقلىشى ۋە زەخمىلەندۇرشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى

بىماردا دەسلەپتە بىرەر قانداق روشەن ئىپادە كۆرۇنمەيدۇ تەدرىجى يۇتۇش قېيىنلىشش بولۇپ ھەقىقى ئىپادىلىنىپ چىققاندا ئاساسەن كېسەللىك ئاخىرقى دەۋرىگە بېرىپ قالغان دەۋر بولىدۇ.دەسلەپكى دەۋرىدىكى ئىپادىسى:يۇتقۇنچاقتا يات ماددا تۇرۇپ قالغاندەك سېزىم بولىدۇ.تۆش سۆڭەك ئارقىسىدا يېقىمسىزلىنىش بولىدۇ. كۆيگەن سىزىم شەكىللىنىدۇ.تاماق ئىستىمال قىلغاندا قادىلىپ ئاغرىش ۋە تۇرۇپ قېلىش بولىدۇ. يۇقارقى ئالامەتلەر نىسبەتەن يىنىك بولۇپ قاناش بولىدۇ.

ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئىپادىسى:مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىماردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يۇتۇش قېيىنلىشش بولىدۇ. قىزىل ئۆڭگەچ دىۋارىنىڭ تارىيىشىنى شەكىللەندۇرىدۇ، دەسلەپتە يېرىك يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا يۇتۇش قېيىنلىشش بولسا كېيىنچە ئاسان ھەزىم بولىدىغان يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندىمۇ يۇتۇش قىيىنلىشش بولىدۇ. ئاخىرىدا سۇمۇ ئۆتمەيدۇ. يىگەن غىزالار يېنىپ چىقىدۇ. بىماردا ئۇمۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەردىن ئۇرۇقلاش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش ،قان ئازلىق قاتارلىق ئالامەتلەر تىپىك كۆرىلىدۇ. راك ئۆسمىسى تەرەققى قىلغاندا ئاۋاز پۇتۇش نەپەس يوللىرىنىڭ توسۇلىشى قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

راك ھۇجەيرىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەش،ئاغرىق پەسەيتىش،ياللۇغ قايتۇرش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282