ئاشقاان مىزاجىنىڭ ماددىلىق ھۆل ئىسسىقتىن بوزۇلىشى
تۇنۇش
ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىلىق ھۆل ئىسسىقتىن بوزۇلىشى ھەرخىل ئىچكى تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن قان خىلتى غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىپ كىلىنكىدا ئېغىزدىن شالۋاق كۆپ ئېقىش،شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى
قان خىلتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشى ھەمدە ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن ئاشقازان مىزاجىدا بوزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى
ئىشتىھاسى نورمال بولىدۇ، ئېغىزدىن شالۋاق ئاقىدۇ، بولۇپمۇ قورسىقى ئاچ ۋاقتىتا كۆپ ئاقىدۇ، ئاشقازاننى بوش ۋاقىتتا قۇرۇق ھۆ بولىدۇ. قانداق نەرسە يسە سېسىق كېكىرىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
ئاشقازاننى تازىلاش،ھەزىمنى ياخشىلاش،ئاشقازاننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت