busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3723 قىتىم كۆرۈلدى

ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز ئىسسىقتىن بوزۇلىشى

تۇنۇش

ئاشقازان مىزاجىنىڭ ئىسسىقتىن بوزىلىشى ئىچىكى-تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن ماددا بىرەر قانداق ئۆزگىرىش بولماستىن بەلكى ئىسسىقلىق كەيپىياتىنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشى بىلەن ئاشقازان فېزىلوگىيلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېلىنكىدا كۆپ ئۇسساش ئىشتىھاسى كېمىيىش،ئاشقازان كۆپۇش،سېسىق كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى

ئاپتاپتا قېلىش،يۇقۇرى ھارارەتلىك ئورۇنلاردا ئىشلەش)زاۋۇت ،خۇمدان(ئۆتكۇر ئىسسىق غىزالار ۋە دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ھاراق-شاراپ،ئىسسىق چاي دورىلىرى ۋە كافى قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئاشقازان ھۆللۇكى زىيادە ئىسسىق تەسىرىدە قۇرۇپ يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا بوتقىغا ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز ئىسسىقتىن بوزىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى

بىماردا ئۇسسۇلۇق كۆپ بولىدۇ. ئېغىز قۇرۇيدۇ. ئىستىمال قىلغان يېمەكلىك ھەزىم بولمىغانلىقتىن ئىشتىھاسى كېمىيىپ كېتىدۇ. ئاشقازاندا كۆپۇش بولۇپ سېسىق كېكىرىدۇ. دائىم قەۋزىيەت بولىدۇ. ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالارنى كۆڭلى تاتمايدۇ، كېسەل تارىخىدا ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىق ئىسسىق مۇھىتلاردا ئۇزۇن تۇرغانلىق تارىخى بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنى يوقۇتۇش،ھارارەت پەسەيتىش،ئاشقازاننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282