busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 19 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 10131 قىتىم كۆرۈلدى

بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي،جىسمانىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئاتا –ئانىلار بالىلارنى مەقسەتلىك ھالدا يېتەكلىسە،تەربىيلىسە ئۇلارنىڭ ئورگانىزىمى ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇمكىن.تۆۋەندە ئاتا ـ ئانىلارغا بىر يېرىم ياش ئىچىدىكى بالىلارنىڭ ئەقلىي، جىسمانىي تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ساۋاتنى كونكرېت كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

ئېيىغا توشمىغان بالىلار: بۇنچىلىك كىچىك بالا تېخى ھىچنىمىمۇ ئۇقمايدۇ.لېكىن ئاتا ـ ئانا بولغىچى بالىنى ئىش بىلىدىغۇ دەپ تۇنۇپ،داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن ‹‹پاراڭلىشىش››،بەسلەن،ئەمگۈزگەندە،سۈيدۈك لاتىلىرىنى يەڭگۈشلىگەندە ئۈن ـ تىنسىز قىلماي،بەلكى ‹‹يىغلىماڭ››، ‹‹تاتلىق بالام››،‹‹كۈلدى ...›› دېگەندەك ئەركىلتىش،تىنىچلاندۇرۇش سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرىش لازىم.بالىنى پات ـ پات كۆتۈرۈپ،بۇلۇپمۇ سۈت ئەمگەندىن كىيىن بالىنى ئانا باغرىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ مەلۇم ۋاقىت ئوينىتىش كېرەك.

بىر ئايلىق بولغاندا: سۆزلەش،ئەركىلتىش ۋە ئويۇنچۇقلار ئارقىلىق بالىنىڭ كۆز،قۇلىقىغا مەلۇم تەسىر كۆرسىتىش،كىچىك ئېغىز گارمۇنى ياكى كىچىك ئۇيۇنچۇقلار ئارقىلىق بالىنىڭ دىققىتىنى قۇزغاش،بالىغا كۆپرەك سۆزلەش،بالىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئەگەر ئۆي ھاۋاسى مۇۋاپىق بولسا،بالىنى يالىڭاچ ئاز ۋاقىت قول –پۇتلىرىنى ئەركىن مىدىرلىتىپ ئويناشقا قۇيۇپ بېرىش.

ئىككى ئايلىق بولغاندا: بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئوينىتىش،ئولتۇرۇشقا،ئوڭدا يېتىپ ھەرىكەتلىنىشىگە ياردەملىشىش لازىم.بۇ بالىلارنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ،يېغلاڭغۇ بالىلارنى مۇشۇنداق ئوينىتىپ بەرسە بالا ئاسانلا تىنچلىنىپ قالىدۇ.

ئۈچ ئايلىق بولغاندا:ئاتا ـ ئانىلار كۆز ھەرىكىتى بىلەن بالىلارنىڭ دىققىتىنى قۇزغاش لازىم .بالىنى ئاپتاپتا ئويناتقاندا قولىنى ئەركىن سوزۇپ چىقىرىپ ئويناشقا ياردەملىشىش،ھەرىكىتىنىڭ تەبىئىى بولۇشىغا دىققەت قىلىشى لازىم.

تۆت ئايلىق بولغاندا: ئەگەر بۇ چاغدا بالا تېخى بىر نەرسىنى تۇتالمىسىمۇ لىكىن ئاتا ـ ئانىلار بالىغا ئويۇنچۇق ئوينىتىشى لازىم.ئاۋازى چىقىدىغان ياكى قولىدا تۇتۇشىغا ئەپچىل بولغان ئويۇنچۇقلارنى تاللاپ ئېلىپ بېرىپ،بالىنىڭ ھەۋىسىنى،قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك.

بەش ئايلىق بولغاندا: بالىنىڭ قولى يەتكىدەك جايغا ئويۇنچۇق ۋە باشقا نەرسىنى قويۇپ،بالىنى قولىنى ئۇزىتىپ ياكى مىدىرلاپ ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش،بالىنىڭ ئىككى قولتۇقىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ،پۇتىنى ئاتا ـ ئانىنىڭ پۇتى،قۇرسىقىغا تېرىشىگە رىغبەتلەندۈرۈش.

6 – 7 ئايلىق بولغاندا: بالا ئاستا – ئاستا ئۇياقتىن – بۇياققا ئۆرۈلۈشكە،دومىلاشقا باشلايدۇ.بالا ئۆرۈلۈپ دومىلاشقا باشلىغاندا ياكى يېرىم ئۆرۈلگەندە بالىنىڭ دۈمبىسى ياكى كاسىسىدىن يېنىك ئىتتىرىپ ياردەملىشىش لازىم.بۇ چاغدا بالنىڭ ئاۋازىمۇ تۆۋەن،يىرىك چىقىشقا باشلايدۇ،بۇ ۋاققىتتا پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي بالىغا ناھايىتى ئاددىي سۆزلەرنى ئۆگىتىشنى باشلاشقا بولىدۇ.

8 – 9 ئايلىق بولغاندا: بالا بىر قۇلى بىلەن نەرسىلەرنى تۇتالايدۇ.ئاتا ـ ئانىلار بالىنى ئىككى قولى بىلەن تۇتۇشقا ياردەملىشىش،ئۇ قولىدىكى نەرسىنى بۇ قولىغا ئېلىشقا ئۆگتىش لازىم.بالىنىڭ ئۆرە تۇرۇشىغا ياردەملىشىش،ئولتۇرغاندا بولسا ئىككى بارماق قۇلىنى تۇتقۇزۇپ ئۆرە تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم.

10 – 11 ئايلىق بولغاندا: بۇ چاغدا بالا بىرەر بەرسىنى تۇتۇپ ياكى تام ياقىلاپ مېڭىشىغا باشلايدۇ.شۇڭلاشقا كىيىملىرىنى ئازراق كىيىندۈرۈپ قويۇش بىلەن بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.يېقىملىق سازلارنى قويۇپ بېرىش بىلەن سازغا كەلتۈرۈپ ھەرىكەتلەندۈرۈش،ماڭدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانىسا بالىلا ناھايىتى خوشال بولىدۇ.

بىر ياشقا كىرگەندە: سىرتلارغا ئەپچىقىپ ئوينىتىش،پۇتىغا يۇمشاقراق ئاياق كىيدۈرۈش.باغچىلارغا ياكى بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ ئوينىتىش،نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم. بىر ياش ئۈچ ئايلىق بولغاندا:بالىنىڭ ھەرىكىتىنى مۇۋاپىق ئاساستا تېخىمۇ كۆپەيتسە بولىدۇ.مەسلەن،پەلەمپەيلەردىن يۇقىر ى غا چىقىش،توپ قوغلاش قاتارلىقلا بىلەن شوغۇللانسا بالىنىڭ قول – پۇتلىرى تېخىمۇ چاققانلىشىدۇ،كۈچلۈك بولىدۇ.بالنىڭ كىيىملىرىنى پاسكىنا قىلىۋېتىشىدىن قو رقۇپ ھەرىكەت ئويۇنلىرىنى چەكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ،لىكىن بىخەتەرلىككە دىققەت  قىلىش كېرەك.

بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە:بالىلارغا رەسنملىك كىتاپلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى نى كۈچەيتىش،رەسىملىك كىتاپلاردىكى ئىت،مۈشۈك،گۈرجەك،قۇشۇق قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان نەرسىلەرنى تۇنۇش،ئۇلارنىڭ تۇنجى بىلىمىنى،نەزەر دائىرسىنى چوڭايتىش لازىم،بەزى ئويۇنچۇقلارنى ئاتا ـ ئانى لار بالىلىرى بىلەن بىرگە ئويناپ،ئۇلارنىڭ تېخىمۇ شوخ قوزىچاقتەك سەكرىشىگە ئىلھام بېرىش،شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تېخىمۇ تېتىك،تېخىمۇ سالامەت بولۇپ ئۆسۈش ىگە تىرىشىش لازىم.

  بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282