busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 11 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 27402 قىتىم كۆرۈلدى

مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر

"سوئى"ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى "يامان" "يامانلىشىش " "بۇزۇق"   "بۇزۇلۇش"دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. "سوئى مىزاج" نىڭ كۆچمە مەنىسى ئادەمنىڭ ئومۇمى بەدىنى ياكى مەلۇم بىر ئەزاسىنىڭ مىزاجىنىڭ يەنى تەبىئى خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنى ئىپادىلەيدۇ.

مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك دىگىنىمىز:  ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تۈزۈلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگۈرۈش بولماستىن بىرەر غەيرى ماددا (غەيرى تەبىئى خىلىت ) نىڭ سەۋەبىدىن ياكى نۇرمالسىز كەيپىياتلارنىڭ تەسىردىن شۇ ئەزانىڭ مىزاجىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ،ئۇنىڭ مەخسىس خىزمىتىنىڭ توسقۇنلىققا ئۇچرىشىدىن ئىبارەت.

مەسىلەن:بىرقىسىم ئاشقازان كېسەللىكلىرىدە گەرچە ئاشقازاننىڭ ئاناتومىيلىك تۈزىلىشىدە بىرەر قانداق غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش بولمايلا، ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتىدە بۇزۇلۇش كۈرىلىدۇ

مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر،خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

1)    خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر

خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر- ھەرخىل ئىچكى تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، يەنى ھەرخىل كەيپىياتلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تۈزۈلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگۈرۈش بولماستىن، مىزاجىدا ئۆزگۈرۈش يۈزبىرىدىغان، ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبچىسى ماددا (خىلىت)بولماستىن، بەلكى ھەر خىل كەيپىياتلار (ئسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇق قاتارلىقلار) نىڭ تەسىرى بىلەن بەدەننىڭ ياكى مەلۇم ئەزانىڭ خىزمىتىنىڭ توسقۇنلىققا ئۇچرىشىدىن كىلىپ چىققان كېسەللىكلەردىن ئىبارەت.

خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تۈۋەندىكىدەك تۈت تۈرگە بۇلىنىدۇ:

(1) خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن تەسىر قىلىشى بىلەن بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيلىك تۈزىلىشىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولماي، مىزاجىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ، فىزلوگىيلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان خىلىتسىزمىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ

مەسىلەن:ئوت،كۈن نۇرى نىڭ ئۆتكۈر تەسىرى ياكى قۇرۇق ئىسسىق تەبئەتلىك،ئۆتكۈر پۇراقلىق دۇرا دەرمەكلەرنىڭ مېڭىگە تەسىر قىلىشىدىن بولغان باش ئاغرىقى.

(2) خىلىتسىزھۆل ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:

خىلىتسىز ھۆل ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنىڭ، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن تەسىر قىلىشى بىلەن بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيلىك تۈزىلىشىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولماي، مىزاجىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ، فىزىئولوگىيلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان خىلىتسىزمىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ

مەسىلەن:ھەرخىل قىززىتما،ھەرخىل نەم ھاۋا ياكى ئىسسىق شامال تىگىش، ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا دەرمەكلەر، يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن كىلىپ چىققان زۇكام، نەزلە قاتارلىقلار

(3) خىلىتسىزھۆل سۇغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:

خىلىتسىز ھۆل سۇغۇق بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھۆل سۇغۇق كەيپىياتنىڭ، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن تەسىر قىلىشى بىلەن بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيلىك تۈزىلىشىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولماي، مىزاجىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ، فىزلوگىيلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ

مەسىلەن:بەك سۇغۇق ۋە نەملىك ھاۋا،مۇھىتلاردا كۆپ تۇرۇش، ھۆل سۇغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك ئېچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان مىزاج بۇزۇلۇش

(4) خىلىتسىز قۇرۇق  سۇغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:

خىلىتسىز قۇرۇق سۇغۇق بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قۇرۇق سۇغۇق كەيپىياتنىڭ، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن تەسىر قىلىشى بىلەن بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيلىك تۈزىلىشىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولماي، مىزاجىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ، فىزلوگىيلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان خىلىتسىزمىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مەسىلەن: قۇرۇق سۇغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك ئېچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقى،ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك قاتارلىقلار

2)    خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر

خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر: ھەرخىل ئىچكى تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەرقايسى خىلىتلار نىڭ سان ياكى سۈپىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ، ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئى تۈزىلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ، نۇرمال بولغان فىزىلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تۈۋەندىكىدەك تۆت تۈرگە بۈلىنىدۇ

1)    خىلىتلىق ھۆل ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:

خىلىتلىق ھۆل ئسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قان خىلتىنىڭ سان سۈپىتىدە ئۆزگىرىش، ئۇفۇنەتلىنىش بۇلۇپ، ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئى تۈزىلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش يۈز بەرمەستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ، نۇرمال بولغان فىزلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 مەسىلەن:يۇقۇرى قان بېسىمى،قان ئازلىق،قان خىلتىدىن بولغان باش ئاغرىقى قاتارلىقلار

(2)خىلتلىق قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:

خىلىتلىق قۇرۇق ئسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سەپرا خىلتىنىڭ سان سۈپىتىدە ئۆزگىرىش،ئۇفۇنەتلىنىش بۇلۇپ،ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئى تۈزىلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش يۈز بەرمەستىن،بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ،نۇرمال بولغان فىزلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 مەسىلەن:سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى،جىگەر ئاجىزلىق،سېرىقلىق چۈشۈش كىسىلى، ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار

(3)خىلتلىق ھۆل سۇغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:

خىلىتلىق ھۆل سۇغۇق بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەلغەم خىلتىنىڭ سان سۈپىتىدە ئۆزگىرىش،ئۇفۇنەتلىنىش بۇلۇپ،ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئى تۈزىلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش يۈز بەرمەستىن،بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ،نۇرمال بولغان فىزلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مەسىلەن: پەي مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىپ كىتىشى ۋە پالەچ،ئىستىرخا، لەقۋا سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلار

(4) خىلىتلىق قۇرۇق سۇغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:

خىلىتلىق قۇرۇق سۇغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سەۋدا خىلتىنىڭ سان سۈپىتىدە ئۆزگىرىش، ئۇفۇنەتلىنىش بۇلۇپ، ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئى تۈزىلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش يۈز بەرمەستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ،نۇرمال بولغان فىزلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 مەسىلەن: مالىخۇلىيا،جۇنۇن قاتارلىقلار.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282