busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 11 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 36243 قىتىم كۆرۈلدى

خىلىتسىز (ماددىسىز) مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بىلەن خىلىتلىق (ماددىلىق) مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ پەرقى

1.كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەپلەر جەھەتتىكى پەرقى :

 خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىىك كېسەللىكلەرنى ھەر خىل ئىچكى-تاشقى كەيپىياتلارنىڭ بەدەنگە تەسىر قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىىك كېسەللىكلەرنى بولسا خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ھالەتكە ئۆزگۈرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. كېسەللىك ئالامىتى جەھەتتىكى پەرقى :

خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىىك كېسەللىكلەردە كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتى تىز،ئاغرىق كۈچلۈك بولىدۇ.ئاغرىش نۇرمالسىز كەيپىيات تەسىر قىلۈان ئەزادا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.بىمارنىڭ كۆز ئېقى،تىلى،تىرىسى ۋە چوڭ –كىچىك تەرەتلىرىدە بىرەر خىلىتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ . خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىىك كېسەللىكلەردە ئاغرىش يېقىمسىزلىنىنىشدىن باشلىنىپ تەدرىجى كۈچىيىدۇ ھەمدە ئۆز ئورنىدىن تەرەققى قىلىپ  باشقا ئەزالارغا كېڭىيىدۇ. بىمارنىڭ كۆز ئېقى،تىلى،تىرىسى ۋە چوڭ –كىچىك تەرىتى قاتارلىقلاردا  مەلۇم خىلىتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ .

3. داۋالاش پىرىنسىپى جەھەتتىكى پەرقى:

خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا،كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى كەيپىياتقا قارمۇ –قارشى كەيپىياتتىكى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مىزاج تەڭشەش ئېلىپ بارغاندا ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ . خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىىك كېسەللىكلەرگە قارىتا  خىلىتلىق  مىزاج بۇزلۇشدىن پەيدا بولغان  كېسەللىكلەرنى داۋالاشدا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا،كېسەللىك ياخشىلانمايلا قالماستىن،بەلكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كىتىشى مۇمكىن.

 خىلىتلىق  مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى خىلىتنى ئىنىقلاپ چىققاندىن كىيىن، ئالدى بىلەن شۇ خىلىتقا قارىتا پۇشۇرغۇچى (مۇنزىچ) دورىلار بىرىلىپ، غەيرى تەبىئى خىلىت تۇلۇق پىشىپ بولغاندىن كىيىن،كېسەللىك ماددىسىنى سۈرۈپ چىقارغۇچى (مۇسھىل) دورىلار بىرىلىپ، ئاخىردا كېسەلگە مۇناسىۋەتلىك باشقا  دورىلار بىرىلسە ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. خىلىتلىق  مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىىك كېسەللىكلەرنى كەيپىيات خاراكتېرلىك داۋالاش يەنى خىلىتسىز  مىزاج بۇزلۇشىدىن پەيدا بولغان  كېسەللىكلەرنى داۋالاشدا قوللىنىلىدىغان مىزاج تەڭشەش ئۇسۇللارنى قولانغاندا ياخشى ئۈنۈم بولمايدۇ ياكى ۋاقىتلىق ئۈنۈم بىرىدۇ. بۇنىڭغا خىلىت خاراكتېرلىك داۋالاش ئېلىپ بارغاندا كېسەللىكنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282