busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 11 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 34179 قىتىم كۆرۈلدى

شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر

شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر- ھەرخىل ئىچكى تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزا توقۇلمىلارنىڭ تەبىئى تۈزىلىشىنىڭ غەيرى تەبىئى ھالەتكە ئۆزگىرىپ كىتىشى بىلەن فىزىلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرنى ئالغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مەسىلەن: تۇغما ھالدا باشنىڭ غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىشى، مۆچىلەردىكى تۇغما غەيرىلىكلەر، كانال ئەزالاردىكى توغما غەيرىلىكلەر، يۈزى سىلىق بولغان ئەزالارنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توغما ھالدا پەيدا بۇلىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە كىرىدۇ.

شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تۈۋەندىكىدەك تۆت چوڭ تىپقا بۈلىنىدۇ.

1)تۇغما كېسەللىكلەر :

توغما كېسەللىك-مەلۇم ئەزانىڭ يىتىلىشىدە ئەسلى شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىش ياكى، تۇغۇلغاندا مەلۇم بىرئەزانىڭ ئارتۇق ياكى كەم بۇلۇپ قېلىشى،تۇغۇلغاندا مەلۇم بىر ئەزانىڭ ئەيىپ تۇغۇلۇپ قېلىشىغا قارىتىلغان.مەسىلەن:باش، پۇت –قول ۋە باشقا ئەزانىڭ سانى ۋە شەكلىنىڭ نۇرمال بولماسلىقى،باش بەك چوڭ،باش بەك كىچىك،چولاق،توكۇر،رۇس بۇلۇشقا تىگىشلىك ئەزالارنىڭ ئەگرى-بۈگرى بولۇپ قېلىشى ۋە باشقىلار.

2)كانال ئەزالار كېسەللىكلىرى:

نەپەس يوللىرى، ئۈچەي، سۈيدۈك يولى، مەقەت، ئۆت كانىلى، جىنسى يول، قىزىل ئۆڭگەچ، يۈرەك قاپقاقلىرى، قان تۇمۇر قاتارلىقلارنىڭ تارىيىپ قېلىشى ياكى كىڭىيىپ قېلىش ياكى چاپلىشىپ قېلىشى قاتارلىقلار .

3)ئەزالارنىڭ ھەجىمى ۋە رەڭگى جەھەتتىكى ئۆزگىرىش خاراكتېرىنى ئالغان كېسەللىكلەر:

بەدەن ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ غەيرى نۇرمال سەمىرىپ كىتىشى، بەك ئۇرۇقلاپ كىتىشى، مەلۇم بىر ئەزانىڭ چوڭىيىپ كىتىشى ياكى كىچىكلەپ كىتىشى، بەز ئۆسمىلىرىنىڭ پەيدا بۇلىشى، ئەزا رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى، مەسىلەن: پوقاق، بەز ئۆسمىسى، مەڭ، ياغ ئۆسمىسى پەيدا بۇلۇپ قېلىش، ھەرخىل رەڭلىك داغ، بەرەس، بەھەق، داغ سەپكۇن قاتارلىقلار

4)ئەزالارنىڭ ئورنى ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:

ئەزالار ئۆز جايىدىن يۆتكىلىپ كىتىش،مەسىلەن:ئاشقازان،بۆرەك،جىگەر،يۈرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئۆز ئورنىدىن سىلجىپ كىتىشى،تۈۋەنلەپ كىتىشى ئايرىم كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ يۈرەك ئوڭ تەرەپتە،جىگەر سول تەرەپتە تۇغۇلىشى،بۇغۇم چىقىقلىرى،ھەرخىل چۇقوق(گىرىى ھەم يۇمشاپ كىتىشى قاتارلىقلار.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282