بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 11 دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 40482 قىتىم كۆرۈلدى
پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر
پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر – ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىچكى تاشقى ئەزا ۋە توقۇلمىلارنىڭ ئاناتومىيلىك پۈتۈنلىكىنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ،نۇرمال فىزىلوگىيلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن: ھەرخىل تاشقى سەۋەپلەردىن ئۇرۇلۇش،سوقۇلۇش، بېسىلىش سەۋەبىدىن تېرە پۈتۈنلۈگىنىڭ بۇزۇلىشى، سۆڭەكلەرنىڭ سۇنىشى، كۈيۈك، تاتۇق، يىرىڭلىق جاراھەت، قوزام قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ ئۆزگىرىشى، زەھەرلىنىشى، چىرىش ۋە ئۇلارنىڭ بەدەن توقۇلمىلىرى، قان تۇمۇرلىرىدا توختاپ قېلىشتىن پەيدا بولغان ھەرخىل جاراھەت، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، ياۋا چىچەك، سوغان، سىفلىس، جوزام ئاقما قاتارلىق كېسەللىكلەردە پەيدا بولغان چوقۇر يارا، تارتۇقلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە تەۋە .
پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بەزىلىرى شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىن تەرققى قىلىدۇ. مەسىلەن: پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولغان ئاشقازان يارىسى بولسا كۆپۈنچە شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ئاشقازان ياللۇغىنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت