busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5421 قىتىم كۆرۈلدى

تۈگۈنلۈك قىزىل داغ

تۇنۇش

بۇ ھەقىقى تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىرىلىدىكى قانتومۇرلار ۋە ياغ پەردىسىنىڭ سېزىم ئېشىپ كېتىش خاراكتىرلىك ياللۇغلىنىشىدىن پەيدا بولىدىغان تۆگۈنلۇك تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت.

سەۋەبى

(1)سەپراغا ئارىلاشقان قۇيۇق بەلغەم خىلتى ياكى ئۈفۈنەتلەنگەن قان خىلتىنىڭ تېرە ئاستى بەزلىرى ۋە قانتومۇرلارغا تەسىر قىلىپ چۆكمىگە چۈشىشى ھەم غىدىقلىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ.

(2)يۇقۇملىنىش، ناچار دورىلارنى ئىستىمال قىلىش، زۇكام، توبىركىلويوز كېسىلى بىلەن ئاغرىش قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن بەدەندىكى تەبىئى قۇۋەت ئاجىزلىشىپ زەھەرلىك ماددىلار ۋە جاراسىملار قانغا ئۆتۇپ قان ئارقىلىق تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ ماددىلارنىڭ غىدىقلاش خۇسۇسىيتى كۈچلۈك بولغاچقا تېرە ئاستى توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەرنى تەكرار غىدىقلاپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ئالامىتى

ياش ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كۆپ ئۇچىرايدۇ. كېسەللىك ئۆتكۇر قوزغىلىدۇ. ئەسۋە چىقىشتىن بۇرۇن تۆۋەن قىزىتما، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇل ۋە بوغۇملىرى تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق پۇتۇن بەدەنلىك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. تەدرىجى ھالدا دۈگىلەك ياكى سوقىچاق شەكىللىك، تېرە يۈزىدىن ئازراق تومپىيىپ چىققان پارقىراق تۈگۈنچىلەر تۈركۈم-تۈركۈملەپ پەيدا بولىدۇ. تۈگۈنچىلەرنىڭ رەڭگى قىزىل بولىدۇ. تۈگۈنىچىلەرنىڭ چوڭلىقى پۇرچاق ياكى بولجۇرگەن چوڭلىقىدا بولىدۇ. چىگرىسى ئىنىق ئەمەس، قاتتىقلىق دەرىجىسى ئوتتۇرھال بولىدۇ. باسسا ئاغرىيۇدۇ. تېرە زەخمىسى كۆپىنچە تارقاق بولىدۇ. پاقالچاقنىڭ سوزۇلغۇچىسى تەرىپىگە كۆپ چىقىدۇ. ئاس ساندىكىلىرى يوتا ۋە بىلەك قىسىملىرىغا چىقىدۇ.كۆيۇشۇپ ئاغرىش بولىدۇ. تەخمىنەن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن رەڭگى ئاستا-ئاستا قارامتۇل قىزىل، جىگەر رەڭ ياكى ماش رەڭلەرگە ئۆزگىرىدۇ. ئېغىزى يوقاپ كېتىدۇ، كېسەللىك جەريانى ئۆزلىكىدىن چەكلىنىپ تۇرىدۇ. ئاس ساندىكىلىرى قايتا قوزغىلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىگە قارشى تۇرۇش،قان تازىلاش ۋە توسالغۇلارنى ئېچىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282