busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 11 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4704 قىتىم كۆرۈلدى

قاتتىق تۈگۈنلۈك قىزىل داغ

تۇنۇش

ياش ئاياللارنىڭ ئىككى پاقالچىقىنىڭ ئارقا تەرىپىدە پەيدا بولىدىغان شۇنداقلا ئاسانلا جاراھەتلىنىپ ساقايغاندىن كېيىن شۇ ئورۇندا قورۇلۇش خاراكتېرلىك تاتۇقنى شەكىللەندۇرىدىغان، نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكتۇر.

سەۋەبى

تەكشۇرۇشلەرگە قارىغاندا، بۇنداق كېسەل بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى لىمفا ياكى باشقا ئەزالىرى سىل كېسىلى بولغانلىقى ئىنقلانغان، لىكىن بۇخىل تۈگۈنچىنىڭ ئىچىدىن سىل كىسىلى مىكروبى  تىپىلمىغان بىراق پاتالوگىيلىك ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان، شۇڭا ھازىر بۇنىڭ سەۋەبى سىل كېسىلىنىڭ بىر خىل رىئاكسىيسى بولىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا. ئۇندىن باشقا بۇ كېسەللىك ئىچكى ھورمۇنلار، ئۇزۇقلىنىش ھەمدە شۇ ئورۇندىكى قان ئايلىنىش ئەھۋالى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك .

ئالامىتى

بۇنىڭ مۇھىم ئالامەتلىرى تۈگۈنچىسىمان مۇنەك بولۇپ بۇخىل مۇنەك ھەرگىز تاق بولمايدۇ.ھەر ئىككى تەرپىدە تەڭلا پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن:ھەر ئىككى پاقالچاقنىڭ ئارقا تەرىپىدە تەڭ پەيدا بولىدۇ. دەسلەپتە كىچىك بولۇپ،بارا-بارا چوڭىيىپ بارماق ئۇچچىچىلىك بولىدۇ. سانى بىردەك بولمايدۇ. چوڭلىرى تېرە بىلەن ئازراق يېپىشىپ قالىدۇ. ھەمدە تېرە ئۈستىگە سەل-پەل كۆتۇرلۈپ چىقىدۇ، رەڭگى قىزىل ياكى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. بەزىلەردە كېسەل بولغان ئۇرۇن ئازراق ئاغرىيدۇ.مۇنداق تۈگۈنچە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن تەدرىجى يوقاپ كېتىدۇ، ئەمما شۇ ئورۇندا داغ قېپقالىدۇ. بەزىلەردە تۈگۈنچە يۇمشاپ تېشىلىدۇ-دە سوزۇلما خاراكتېرلىك جاراھەتنى شەكىللەندۇرىدۇ. بۇنداق جاراھەت ئۇزۇندا ساقىيدۇ. ساقايغاندىن كېيىن قورۇلۇپ تاتۇق بولۇپ قالىدۇ. سوغۇق مەزگىللەردە دىققەت قىلمىسا قايتا قوزغىلىپ چىقىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن كېسەل كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئۇمۇمىيۇزلۇك تەكشۇرۇپ چىقىش بەدەندە سىل كىسىلى بولسا ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش،ئۇزۇقلىقىنى كۇچەيتىش،دەم ئېلىشنى ياخشىلاش لازىم. تۇگۇنچە چىققان يەرنى مەخسۇس داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنداق كېسەللىكنى سىل كېسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان دورىلار بىلەن داۋالاشنىڭ ئۇنىمى ياخشى،ئەگەر تۇگۇنچە تىشىلىپ سۇزۇلما خاراكتېرلىك جاراھەتلەر شەكىللەنگەن بولسا بۇنىمۇ ئادەتتىكى جاراھەتلەرنى تېڭىپ داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە داۋالىسا بولىدۇ.

تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282