كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ
تۇنۇش
بۇ يەرلىك ئورۇن تېرىسىدە قىزىل داغلىق سۇلۇپ قاپارتقۇ بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تېرە زەىمىسى كۆپ شەكىللىك بولىدىغان ئۆتكۇر ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، كۆپ شەكىللىك سوغىما قىزىل داغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى
(1)قاننىڭ ئۇفۈنەتلىنىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ، يەنى ئۆتكۇر غىدىقلىغۇچى، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك ئىچمەكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە قان خىلتى ئۈفۈنەتلىنىپ ، ئۇفۈنەتلەنگەن قان خىلتىنىڭ قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرىگە تەسىرى قىلىپ يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ تېرە پۈتۈنلىكىنى بۇزۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
(2)زەڭگەر رەڭ سەپرانىڭ قانغا تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ. ھەرخىل ئىچكى تاشقى ئامىللار تەسىرىدە بەدەندە رەڭگە رەڭ سەپرا خىلتى پەيدا بولغاندا بۇخىل ماددىنىڭ ئەزا، توقۇلمىلارنى، ھۈجەيرىلەرنى نابوت قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما ھۈقەيرىلىرگە بېرىپ ئۇلارنى چىرىتىپ ماددا ئالمىشش خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبپى بولىدۇ.
(3)باشقا كېسەللىكلەر تەسىرىدىن بولىدۇ. مەسىلەن، بۆرە چاقىسى، تېرە مۇسكۇل ياللۇغى،ئاق قان راكى،ئۇندىن باشقا كۇن نۇرى ،ھامىلدارلىق قاتارلىقلاردىمۇ بولۇش ئىھتىماللىقى بار.
ئالامىتى
بۇ كېسەل ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە كۆپ پەيدا بولىدۇ.ئالامىتى يېنىكلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. دەسلەپتە ئەسۋە چىقىشتىن بۇرۇن تۆۋەن قىزىتما، مۇسكۇللار ئاغرىش ،چارچاش،پۇتۇن بەدەن يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق دەسلەپكى دەۋىرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنلا چىگرىسى ئېنىق، ئوتتۇرسى بىغىر رەڭلىك، سۇلۇق قاپارتمىلىق قىزىل داغ تىزلا پەيدا بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆڭچە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتقۇ، چوڭ قاپارتقۇ ياكى قانلىق قاپارتقۇلار يېرىلىپ كەتسە شەلۋەرەيدۇ ۋە سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىدۇ، پۇت قوللارنىڭ دۈمبىسى بېغىش،جەينەك،تىز قاتارلىق ئورۇنلارغا كۆپرەك چىقىدۇ. ئالقان، تاپان يۈز ۋە بويۇن قىسىملىرىغىمۇ چىقىدۇ.ئازراق قىچىشىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى 2-3ھەپتە ئىچىدە ئۆزلىگىدىن يوقىلىدۇ.ۋاقىتلىق پىگىمىنىت ئولتۇرشۇپ قالىدۇ.پەسىللىك قايتا قوزغىلىدىغانلىرى كۆپ كۆرىلىدۇ.