busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 16 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3336 قىتىم كۆرۈلدى

جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى

تونۇش:

ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن جىگەر بىۋاستە زەخمىلىنىپ ياكى باشقا ئەزالەردىكى كېسەللىك جاراسىملىرى قان ئېقىمى ئارقىلىق جىگەرگە تاجاۋۇز قىلىپ جىگەردە چوڭ كىچىكلىگى ئوخشاش بولمىغان يىرىڭلىق ئىششىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ كىلنىكىدا ئوڭ تەرەپ يۇقۇرى قۇرساق قىسمى ئاغرىش ،قىزىش ، توڭۇپ تىتىرەش، ئىشتاھاسى تۇتۇلۇش، قۇرساق كۈپۈش، جىگەر چوڭيىش، قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك

سەۋەبى:

1.    ھەر خىل جىگر ياللۇغلىرى سەۋەبىدىن

2.    ئۇپۇنەتلەنگەن قان خلىتىنىڭ تەسىرىدىن

3.    قاننىڭ قۇيۇلىشىدىن

4.    سەپرانىڭ كۈپۈيىشىدىن

5.    ھەرخىل سىرىتقى زەخمىلىنىشلەردىن

ئالامىتى:

ئوڭ تەرەپ يۇقۇرى قۇرساق ساھەسى ئاغرىيدۇ، باسقاندا چوڭقۇر نەپەس ئالغاندا ئاغرىش كۈچۈيدۇ ئاغرىش ئوڭ تەرەپ تاغاق قىسمىغا تارقىلىدۇ يۇقۇرى قىزىتما بولۇپ تپڭۇپ تىترەيدۇ ماغدۇرسىزلىنىدۇ، كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ ھەزىم بۇزۇلىدۇ، قۇرساق كۈپۈدۇ، قەۋزيەت بولىدۇ، كۆپ ئۇسسايدۇ، ئورۇقلايدۇ، يەڭگىل دەرجىدە سېرىقلىق چۈشۈدۇ،جىگەر يۇغۇنايدۇ، باسقاندا ئاغرىيدۇبىمار ئوڭ بېقىنى بېسىپ ياتالمايدۇ

     دىئاگىنۇز ئاساسى:

1.    كېسەللىپ تارىخىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيۇلىدۇ

2.    تىپىك كىلنىكا ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگىنۇزى بىكىتىلىدۇ

3.    لابراتوريەلىك تەكشۈرۈش: قىزىلقان ھۈجەيرىسى ۋە ھىموگىلوبىن سانى ئازلايدۇ

4.    رېنتىگىندە تەكشۈرگەندە: ئوڭ تەرەپ دىئاپراگىما يۇقۇرى كۈتۈرلۈپ ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرايدۇ

5.    جىگەرنى پونكىتسىيە قىلىپ يىرىڭ ئالغاندا ساغۇچ ئاق رەڭلىك يىرىڭ تارتىلىپ چىقىدۇ

6.    بىتىپلىق ئۇلتۇرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈلىدۇ

ئالامىتى:

يىرىڭلىق جاراھەت ئېغىز ئېلىپ قۇرساق پەردىسىگە تەسىر قىلسا قۇرساق پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ھەتتا ئۈلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ئەگەر يىرىڭلىق ئىششىق ئۆت يوللىرغا تەسىر قىلسا تەرەت يوللىرى ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ ئەگەر يىرىڭلىىق جاراھەت قىزىلئۆڭگەچكە تەسىر قىلسا قەي ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ ئەگەر يىرىڭلىق ئىششىق قۇرساق پەردىسىنىڭ سىرتىغا ئېغىز ئالسا قۇرساق دىۋاردا ئاقما پەيدا بولىدۇ

دااۋلاش پىرىنسىپى:

1.    جىگەر ياللۇغى تەسىردىن كېلىپ چىققان بپلسا جىگەر ياللۇغىغا قارتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ

2.    مىزاج بۇزلۇشتىن بولغان بولسا مىزاجنى تەڭشەشكە چارە قىلىنىدۇ

3.  ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش توسالغۇلارنى ئېچىش ھارارەت پەسەيتىش جاراھەتنى ئېغىز ئالدۇرۇش مەقسىدى بىلەن دورا ئىشلىتىلىدۇ .

4.    ئەگەر كېسەللىك جىددى بولسا ئوپىراتسىيە قىلىنىدۇ

  داۋالاش ئۇسۇلى:

قاننىڭ قۇيلۇشىدىن بولغان بولسا قاننى سۇيۇلدۇرغۇچى دورىلاردىن چىلان شەربىتى، ئالقات شەربىتى، ئەينالۇ شەربىتى، تەمىرھىندى شەربىتى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ

قاننىڭ ئۇپۇنەتلىنىشىدن بولغان بولسا قان تازلىغۇچى دورىلار بېرلىدۇ مەسلەن: قۇرسى شاھتەررە، ئىتىرپىل شاھتەررە، ئىتىرپىل چۆبىچىن، مەتبۇخى ھېلىيلە، مەتبۇخى شاھتەررە قاتارلىقلار بېرىلىدۇ .

سەپرانىڭ كۈپۈيۈپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرانىڭ مۇنزىچىغا قان تازلىغۇچى ياللۇغ قايتۇرغۇچى ئىششىق قايتۇرغۇچى دورىلارنى قېتىپ مۇنزىچ تەيارلاپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن تەنقىيە قىلىنىدۇ .

ئاخىردا ياللۇغ قايترۇش ئىششىق قايتۇرۇش ھارارەت پەسەيتىش توسالغۇلارنى ئېچىش مەقسىدى بىلەن دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ مەسلەن: ئەرقى چۆبىچىن، ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاسىنە ،ئەرقى نىلۇپەر، شەربىتى ئۆشبە ، بىنەپشە شەربىتى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ .

ئىششىق ئېغىز ئالغاندىن كېيىن جاراھەت يۈزنى پۈتتۈرۈش مەقسىدى بىلەن ئارپا سۈيى قەن سۈيى، ياكى سىركەنجىۋىل سۈيى بىلەن يۇيۇلىدۇ .

ئاخىردا كېسەللىكل ئەھۋالى ياىشىلانغاندىن كېيىن جىگەر ۋە ئومۇمى بەدەننى كۇچلاندۇرغۇچى تەبىئەتنى ئاشۇرغۇچى دورىلاردىن مەجۇنى دەبدىلۋەرد، جاۋارىش ئامىيلە، ئامىيلە نۇشۇدارى، مەجۇنى داۋائىلمشكى قاتارلىقلا ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

1.    تەستە ھەزىم بولدىغان غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ

2.    ئاسان ھەزىم بولدىغان تەتىپ ئوزۇقلۇقلار بېرىلىدۇ

3.    كۆپ ھەركەت قىلىشتىن ئېغىر جىسمىنى ئەمگەك قىلىشتىن ساقلىنىش كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش كېرەك

يەڭگىل ھەركەت قىلىش روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش

 تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282