busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 13 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 39078 قىتىم كۆرۈلدى
كېسەللىك ئالامىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە 
كېسەللىك ئالامەتلىرى بىمارنىڭ روھى ھالىتى، بەدەندىكى ھەر خىل خىزمەتلىرى ۋە سىرىتقى قىياپىتىدە ھاسىل بولغان،كېسەللەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ياردەم بىرىدىغان ھەر تۈرلۈك بەلگۈ، ھالەت، كەيپىيات تىن ئىبارەت بولۇپ،بەدەندە ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مىزاج ۋە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگۈرۈشى، شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگۈرۈشى ياكى پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگۈرۈشى يۈز بەرگەندە ئاندىن ئالامەت شەكىللىنىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىشى بىمارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنىشىنىڭ تۈرۈتكۈسى بولىدۇ ھەم كېسەللىكنى تونۇش ۋە پەرىقلەندۇرۈشنىڭ يىتەكچىسى بولىدو. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پىششىق ئىگەللىشىمىز،ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققى قىلىش قانۇنىيەتلىرىنى ۋە پەيدا بولۇش مىخاينىزىمىنى،ئۇنىڭ كىلىنىك ئەھمىيتىنى چۈشۈنىش ئىنتايىن موھىم.
تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان ھەر خىل بەلگۈ، ھالەت، كەيپىياتلار ئالامەت ۋە بەدەن بەلگۈ دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
ئالامەت دىگىنىمىز: - كېسەللىكلەرنىڭ بىمارلارغا قارىتا كەلتۈرۈپ چىقارغان سوبىكتىپ بىئاراملىقى،نورمالسىز سېزىم ياكى بەزى يىقىمسىزلىنىشلىرىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: باش ئاغرىش، قىززىش، يۆتەل، نەپەس قېيىنلىشىش قاتارلىقلار. ئادەتتە بۇ ئالامەتلەر بىمارنىڭ موھىم زارىدىن ۋە بىمارنى سوراپ تەكشۈرۈشتىن بىلگىلى بولىدۇ.
بەدەن بەلگىسى دىگىنىمىز: - تېۋىپلارنىڭ بىمارلارغا قارىتا بەدەن تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش جەريانىدا ئىگە بولغان ئوبىكتىپ ئىپادىلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن : خىرىپ، يۈرەك شاۋقۇنلىرى، جگەر - تال چوڭۇيۇش قاتارلىقلار.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282