busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 13 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 32823 قىتىم كۆرۈلدى
ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئۇقۇمى
 ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى مىزاج ۋە خىلىتقا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر ۋە كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1- مىزاجغا ۋە خىلىتقا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر
1)خىلىتقا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر :
(1)باشنىڭ ئېغىر بولىشى، ئېغىز تەمىنىڭ تاتلىق بولىشى، تولا ئەسنەيدىغان، ئۇيقۇسى كۆپرەك، رەڭگى- روھى، چىرايى ۋە تىلىنىڭ قىزىل بولىشى، سۈيدۈكنىڭ قىزىلغا مايىل سېرىق بولىشى، تومۇرىنىڭ توم، دولقۇنلۇق، تىز سېلىشى....قاتارلىق ئالامەتلەر قان خىلىتى كۆپلۈكىدىن دىرەك بېرىدۇ.
(2)بەدەن رەڭگىنىڭ ئاق،لەۋلىرىنىڭ توم،تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ياخشى تەرەققى قىلغان، تۇتۇپ كۆرگەندە مۇسكۇللىرى بوش، يۇمشاق ۋە قولغا سوغۇق بىلىنىشى،ئېغىزىدىن كۆپ شالۇكى ئېقىش، ئۇسۇزلۇقنىڭ كەم بولىشى، ئۇيقۇسى كۆپ بولۇش، ھەزىم ناچارلىق، ئېغىز تەمى تەمسىز بولۇش،تىلىدا ئاق گەز بولۇش، زىھنى كۈچى تۆۋەن بولۇش، سۇدۇك مىقتارى كۆپ، ھەم ئاق كىلىش، تومۇرى توم، ئاستا سوقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپلۈگىدىن دىرەك بېرىدۇ.
(3)بەدەن تېرە رەڭگىنىڭ قارامتۇل بولىشى، بەدەن ئورۇق بولۇش، يالغان ئىشتىھانىڭ بولۇشى، پىكر -خىيالنىڭ كۆپ بولىشى، چىققان قاننىڭ قويۇق ۋە قارامتۇل بولۇشى،سۇدۇكنىڭ كۆككە مايىل ئاق بولۇشى، تومۇرىنىڭ ئىنچىكە ئاستا سوقۇشى سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپلۈگىدىن دىرەك بىرىدۇ.
(4)بەدەن تېرە رەڭگىنىڭ سېرىق بولىشى، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرىنىڭ ئاز بولۇشى، ئۇيقۇسىنىڭ ئاز بولۇشى، كۆز ئېقىدا سېرىقلىق بولۇش، ئېغىز تەمى ئاچچىق بولۇش، تىلدا سېرىق گەز بولۇش، ئۇسۇزلۇقى كۆپ بولۇش، سۈدۈك رەڭگى سېرىققا مايىل بولۇش، ئاسان ھۆ بولۇش، بەدەندە يېقىمسىز سانچىلىپ ئېچىشىپ ئاغرىش بولۇش،تومۇرىنىڭ ئىنچىكە، تىز سوقۇشى قاتارلىق ئالامەتلەر سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ. 
 2)مىزاجغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر:
(1)تېرە رەڭگى قىزىلغا مايىل،بۇزداي ئۆڭ، نۇرلۇق، يۇمشاق، سىلىق بولۇش،تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ياخشى، سىزىمچانلىقى يۇقۇرى بولۇش، تىرىنىڭ ھارارىتى نىسبەتەن يۇقۇرى بولۇش، چاچ-مويلار قويۇق، يىرىك، رەڭگى قارامتۇل، پاقىراق بولۇش،بەدىنى چىڭ، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ۋە مۇسكۇللار ياخشى تەرەققى قىلغان بولۇش ھۆل ئىسسىق مىزاجغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
تېرە رەڭگى ئاق،سۈزۈك، يۇمشاق پاقىراق بولۇش، ئىلاستىكىلىقى يۇقۇرى، سىزىمچانلىقى تۆۋەن بولۇش،تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى كۆپ، بەدىنى سېمىز، مۇسكۇللىرى بوش بولۇش،چاچ-مويلار يۇمشاق، مايلىشاڭغۇ، جانسىز بولۇش ھۆل سوغۇق مىزاجغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
(3)تېرە رەڭگى نىسبەتەن ساغۇچ، سۈزۈك، ئەمما قۇرغاق بولۇش، تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەن، سىزىمچانلىقى يۇقۇرى، ھارارىتى يۇقۇرى بولۇش،بەدىنى ئورۇق،تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ياخشى تەرەققى قىلمىغان بولۇش، چاچ- مويلىرى يىرىك،قۇرغاق،قويۇق شالاڭلىقى نورمال بولۇش،چاچنىڭ پاقىراقلىقى ۋە ئەۋرىشىملىگى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش،باش ئاسان كىپەكلىشىپ قىچىشىش،چاچ يېرىلىش قاتارلىقلار قۇرۇق ئىسسىق مىزاجغا ۋەكىللىك قىلىدو.
)4(بەدەن تىرىسىنىڭ رەڭگى نىسبەتەن قارامتۇل،يىرىك، قۇرغاق،نۇرسىز،جۇنۇك بولۇش،تېرە ھارارىتى ۋە سىزىمچانلىقى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش،بەدىنى ئورۇقراق،ۋىجىك بولۇش،تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ۋە مۇسكۇللىرى بەك تەرەققى قىلمىغان بولۇش،چاچ-مويلار دانىمۇ-دانە ئۆسۈش، چاچلىرى قۇرغاق،يىرىك بولۇش،چاچ چۈشۈش ۋە چاچ ئاقىرىش ئەھۋالىنىڭ بولۇشى،چاچنىڭ رەڭگى قوڭۇر ياكى سۇس قارىغا مايىل بولۇش قاتارلىقلار قۇرۇق سوغۇق مىزاجغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
2- كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر
كېسەلگە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەرنى يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل بولىدۇ.
1) ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەر:
 ئومۇمىي بەدەندە ئىپادىلىنىپ چىقىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن، قىزىتىش، سېرىقلىق چۈشۈش، پۈتۈن بەدەنلىك سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلار.
2) يەرلىك ئالامەتلەر:
بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىدا ياكى مەخسۇس ئورۇنلاردا كۆرۈلىدىغان بەگۈ- ئالامەتلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن، كۆكرەك ئاغرىش، يەرلىك ئورۇندىكى سۇلۇق ئىششىق، جاراھەت، ئاغرىش، قىزىرىش قاتارلىقلار. يەرلىك ئالامەتلەر ئادەتتە كېسەللىك ئۆزگۈرىشى يۈز بەرگەن ئورۇندىكى توقۇلما ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خىزمىتىدىكى غەيرىي ئۆزگۈرۈشلەرنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولۇپ، كېلىنكىدا كېسەللىكلەرنىڭ تىپىك ئالامىتى ۋە داۋالاش ئوبىكتى قىلىنىدۇ.
3) تاشقى ئالامەتلەر:
 بۇ بەدەننىڭ سىرتقى قىسمىدا ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بەلگۈ- ئالامەتلەردىن ئىبارەت. تاشقى ئالامەتلەرنىڭ بىر قىسىملىرى تېرىدىكى ۋە بەدەن سىرتىدىكى كېسەللىكلەردە ئىپادىلىپ چىقسا، بىر قىسمى ئىچكى ئەزا كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، جاراھەت، سۇلۇق ئىششىق، داغ، يېرىڭلىىق ئاقما....... قاتارلىقلار.
4) ئىچكى ئالامەتلەر:
 پەقەت بىمارنىڭ ئۆزىگىلا بىلىنىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئاغرىش سېزىمى، بىئاراملىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، كۆيۈشۈش...... قاتارلىقلار.
5) كەسپى ئالامەتلەر:
مەلۇم كەسپىي مۇھىت شارائىت كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇ كەسپ شارائىتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كېسەللىك ئالامەت- بەلگىلىرىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشتە ككز ئېقى، قاپاق، يۈز تېرىسى قاتارلىقلارنىڭ كۆكۈرۈپ قىلىشى، چىرايىنىڭ تۇتۇقلىشىپ چىشلارنىڭ چۈرۈكلىشىشى ۋە كۆكۈرىشى.....قاتارلىقلار.
6) يۆتكەلمە ئالامەتلەر:
 مەلۈم كېسەللىك تەسىرىدىن كېسەلەنگەن ئەزادىن يىراق بولغان ئەزادا يۈز بەرگەن، يىراق بولغان ئورۇنلاردا ئىپادىلىنىپ چىققان بەلگۈ- ئالامەتلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن، بۆرەك كېسەللىكلىرىدىكى قاپاقنىڭ ئىششىشى، يۈرەك كېسەللىكلىرىدىكى تۆۋەنكى مۆچىدە سۇلۇق ئىششىقنىڭ شەكىللىنىشى، ئۆت تاش كېسەللىگىدە ئوڭ تەرەپ تاغاق ساھەسىدە ئاغرىش سىزىمنىڭ بولۇشى......قاتارلىقلار.
7) خەۋەرچى (بېشارەتلىك) ئالامەتلەر:
 كېسەللىك يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى شەكىللىنىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن، سەكتە كېسىلى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى باش قېيىش، قۇلاق قىچقىرىش، كۆز قىزىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئىپادىلىنىدۇ. لەقۋا ( يۈز نېرۋا كېسىلى) يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى يۈز مۈسكۈللىرىنىڭ لىپىلدىشى ياكى تارتىشىشى.......قاتارلىقلار.
8) مەخسۇس ئالامەتلەر:
مەلۇم كېسەللىكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تىپىك ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، قان قۇسۇش ھەزىم يولى كېسللىكلىرىنىڭ، قان تۈكۈرۈش نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ خاس ئالامىتى.
9) سېلىشتۇرما ئالامەتلەر:
 كېسەللىكلەرنى بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ۋە سېلىشتۇرۇشتا پايدىلىنىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن: ھېستىرىيە كېسىلى بىلەن سەرئى كېسىلىنى پەرىقلەندۈرۈشتە سەرئى كېسىلىدە بىمارنىڭ ئېغىزىدىن كۆپۈك كېلىدۇ، ھېستىرىيە كېسىلىدە كۆپۈك كەلمەيدۇ.
10) ئورتاق ئالامەتلەر:
مەلۇم كېسەللىكلەردە ئورتاق بولىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن، قىزىتما نۇرغۇن ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئورتاق ئالامىتى بولسا، قۇسۇش ئاشقازان، ئۈچەي، مېڭە ۋە بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىنىڭ ئورتاق ئالامىتى.
1)       رېفلىكىسلىق ئالامەتلەر:
ئەسلىي كېسەللىكنىڭ تەسىرىگە ئىنكاس شەكلىدە يۈز بېرىدىغان، نېرۋا- روھىي خاركتېرلىك ئۆزگۈرۈشلەردىن بولىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن: رېفلىكىسلىق قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، باش ئاغرىش.....قاتارلىقلار.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282