busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 13 دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 27795 قىتىم كۆرۈلدى
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىككەبولغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە ھەر قايسى ئەزا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپ-ئۇسۇللىرىنى مەخسۇس «ئۇيغۇر تىبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمى»دەرىسلىكىدە سۆزلەنگەنلىگى ئۈچۈن بۇ ھەقتە تەپسىلى توختالمايمىز.پەقەت مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر،شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە پۈتۈنلۈك بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ ئومۇمى پىرىنسىپلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.
1.     مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر-ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تۈزۈلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگۈرۈش بولماستىن بىرەر غەيرى ماددا (غەيرى تەبىئى خىلىت )نىڭ سەۋەبىدىن ياكى نۇرمالسىز كەيپىياتلارنىڭ تەسىردىن شۇ ئەزانىڭ مىزاجىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ مەخسىس خىزمىتىنىڭ توسقۇنلىققا ئۇچرىشىدىن ئىبارەت.
مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئومۇمى داۋالاش پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە:
1)خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن كېسەللىك سەۋەبىنى ئىنقلاپ چىقىپ، كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش ھەم كېسەللىكنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان نۇرمالسىز كەيپىياتلارغا قارىتا قارمۇ-قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مىزاجنى تەڭشەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.مەسىلەن:ئەگەر كېسەللىك خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بولسا ئۇنىڭغا قارىتا سوغۇقلۇق قىلىش،ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەك-ئېچمەك ۋە دورىلارنى ئىشلىتىش، سۇۋۇتقۇچى چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2)خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا بىمارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ كېسەللىككە سەۋەپچى بولغان غەيرى تەبىئى خىلىتنى ئىنىقلاپ چىققاندىن كىيىن، ئالدى بىلەن شۇ خىلىتنىڭ مۇنزىچى(پۇشۇرغۇچىسى) بېرىلىپ، ماددا پىشقان ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، شۇ خىل مۇنزىچنىڭ تەركىبىگە كېسەللىەككە سەۋەپچى بولغان خىلىتنىڭ مۇسھىلى ( سۈرگۈ دورىسى) قوشۇپ بىرىلىپ، كېسەللىك ماددىسى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. ئاندىن كىيىن ئاساسلىق داۋالىغۇچى، مەخسۇس ياكى ئومۇمى بەدەننى كۇچلاندۇرغۇچى دورىلارنى بىرىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئەگەر كېسەللىككە سەۋەپچى بولغان ئامىل غەيرى تەبىئى سەپرا خىلىتى، غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتى ياكى غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتلىرى بولسا ئۇلارغا قارىتا ماس ھالدىكى خىلىتنىڭ مۇنزىچ مۇسھىللىرى بىرىلىپ كېسەللىككە سەۋەپچى بولغان غەيرى تەبىئى خىلىت بەدەندىن تازىلىنىدۇ. ئەگەر كېسەللىك قان خىلىتىدىن بولغان بولسا بۇنىڭغا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل بىرىلمەيدۇ. پەقەت قان تازىلىغۇچى، قان پەيدا قىلغۇچى، قاننى جانلاندۇرغۇچى، قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتكۈچى، قاننى سۇيۇلدۇرغۇچى، قان خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ.ئەگەر قان خىلىتىغا باشقا غەيرى تەبىئى خىلىتلارنىڭ ئارلىشىپ قېلىشىدىن كېسەللىك كىلىپ چىققان بولسا بۇنى داۋالاشتا قوشۇلغان نۇرمالسىز خىلىتنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىللىرى قوشۇپ بىرىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2.    شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر- ھەرخىل ئىچكى تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزا توقۇلمىلارنىڭ تەبىئى تۈزىلىشىنىڭ غەيرى تەبىئى ھالەتكە ئۆزگىرىپ كىتىشى بىلەن فىزىلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرنى ئالغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە ئەزالارنىڭ پۈتۈنلىكىدە ھىچقانداق ئۆزگۈرەۈش بولماي، پەقەت شەكلى بۇزۇلۇپ فىزلوگىيىلىك خىزمىتى توسقۇنلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ. شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئاساسلىقى خىلتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن كىلپ چىقىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى داۋالاشتا، خىلتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپىغا ئوخشاش، ئالدى بىلەن كېسەللىككە سەۋەبچى بولغان غەيرى تەبئىي خلىتنى ئىنىقلاپ، شۇ خىلىتنىڭ مۇنزىچىغا كېسەللىكنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن بىر قىسىم ئاساسلىق داۋالىغۇچى دورىلار قوشۇپ بىرىلىدۇ. مەسلەن: ئەگەر كېسەللىك ياللۇغلىنشلىق كېسەللىكلەر بولسا مۇنزىچ تەركىبىگە ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار قۇشۇپ بىرىلدۇ.ئەگەر تاش كېسەللىكى بولسا مۇنزىچ تەركىبىگە بىر قىسىم تاش پارچىلىغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن ماددا پىشىش ئالامەتلىرى كۈرۈلگەندە شۇ مۇنزىچ نۇسقىغا كېسەللىكە سەۋەبچى بولغان خىلىتنىڭ مۇسھىلى قۇشۇپ بىرىلىپ كېسەللىك ماددىسىنى بەدەندىن تازىلىندۇ. كېسەللىك ماددىسى بەدەندىن تازىلنىپ بولغاندىن كىيىن ئاساسلىق داۋالىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنى روھى جەھەتتىن خاتىرجەم قىلش، ھەركەت-ئارام ئېلىش، ئۇيقۇ-ئويغاقلىق ۋە يېمەك-ئېچمەكلەر تەرتىپكە سېلنىدۇ.شۇنىڭدەك مۇۋاپىق ئۇزۇقلۇقلار بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇپ بىر قىسىم ئۇزۇقلۇقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە لوڭقا قۇيۇش، قان ئېلىش،داغلاش، ھورداش، ئارشاڭغا چۈشۈرۈش، قۇمغاكۈمۈش، ئاپتاپقا سېلىش....قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ مۇۋاپىق كىلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنلىدۇ. ئاخىرىدا مەخسۇس ئەزا ياكى ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلىگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ .
3.      پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى
پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ھەرخىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەزا-تۇقۇلمىلارنىڭ پۈتۈنلۈكى بۇزۇلۇپ، خىزمەت توسقۇنلۇققا ئۇچراشدىن كىلىپ چىققان كېسەللىكلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى تاشقى سەۋەبلەردىن ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يىقىلىش، بېسىلىش قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ئامىللار تۈپەيلىدىن ئەزالاردا زەخمىلنىش، جاراھەتلىنىش يۈز بىرىدۇ.ئىچكى سەۋەبلەردىن بولسا ئاساسلىقى خىلىتلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۇفۇنەتلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققانلىرىدىن سىرت باشقىلىرى ئاساسلىقى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىرلىشىپ تەرەققى قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
شۇڭا پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئەگەر كېسەللىك پەۋقۇلئاددە تاشقى سەۋەبلەر(ئۇرۇلۇش، سۇقۇلۇش، يىقىلىش....) دىن يۈز بەرگەن بولۇپ، زەخمىلىنىش ئېغىر بولسا ئوپراتسىيە قىلىش، تېڭىش ئۇسۇلى قوللىنىلدۇ. ئەگەر زەخمىلنىش ئېغىر بولمىسا ھەم شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن، خىلتلارنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشدىن كىلىپ چىققان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن، خىلتلارنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن كىلىپ چىققان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا قان توختاتقۇچى، زەخمىنى پۈتتۈرگۈچى، قان تازىلىغۇچى، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، ئارتۇق گۆشلەرنى يىگۈچى، زەخمە-جاراھەت پۈتتۈرگۈچى، جاراسىملارنى ئۆلتۈرگۈچى دورىلارئىچى- سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا، تېڭىش، زىمات چېپىش، داغلاش، ئارشاڭغا چۈشۈرۈش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، سوغۇق ئۆتكۈزۈش، دورا سېپىش....قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ مۇۋاپىق كىلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلدۇ ھەم يېمەك-ئېچمەكنى تەرتىپكە سېلىپ مۇۋاپىق ئۇزۇقلۇقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، مەخسۇس ئەزا ياكى ئۇمۇمى بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى كۈچىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .     
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282