busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 21 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 9891 قىتىم كۆرۈلدى

تىرىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك رولى

تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

تىرىنىڭ فىزىئولۇگىيەلىك رولى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
1-      قوغداش رولى:
 تىرىنىڭ ئورگانىزىمغا بولغان قوغداش رولى تۆۋەندىكىدەك 4خىل بولىدۇ.
1)     مىخانىكىلىق غىدىقلااشلاردىن قوغداش رولى.
2)    فىزىكىلىق زەخمىلىنىشتىن بولغان قوغداش رولى
3)     خىمىيەۋى ماددىلاردىن مۇھاپىزەت قىلىش رولى
4)    مىكرو ئورگانىزىملاردىن مۇدائىيە قىلىش رولى
2-     بەدەن تىمپۇراتۇرسىنى تەڭشەش رولى
ئورگانىزىملارنىڭ نورمال خىزمەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن بىر قەدەر تۇراقلىق بولغان بەدەن تىمپۇراتۇرسىغا مۇھتاج بەدەن ھارارىتىنى تەڭشەشتە تىرە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.سىرتقى مۇھىت ھارارىتى ئۆزگەرگەندە تىرىدىكى سەزگۈر نىرۋىلىرى ، ھارارىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرۈش دۆڭچىسى ئاستى قىسىمىدىكى ھارارىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ھارارىتىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ، ھارارەتنى تەڭشەش مەركىزىگە يىتىپ بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان تۇمۇرلارنىڭ ھەركەت نىرۋىسىنىڭ پائالىيىتىنى قوزغىتىشى بىلەن تىرە قان تۇمۇرلارنىڭ كېڭىيىش ۋە تارىيىشىنى تەڭشەيدۇ. سىرتقى مۇھىتىنىڭ ھارارىتىنى سەل ئۆرلىگەندە، تىرىنىڭ قىلقان تۇمۇرلىرى سەل كېڭىيىدۇ. تىرە يۈزىدە تارىيىش ئارقىلىق يوقلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەن ھارارىتى زىيادە ئۆرلەپ كەتمەيدۇ.
سىرتقى مۇھىتنىڭ ھارارىتى سەل تۆۋەندەك بولغاندا تىرىدىكى قىلقان تۇمۇرلار سەل تارىيىش بىلەن بىرگە ئاز قىسىمىدىكى تارماق ئارتىريە قېنى قىلقان تۇمۇردىن ئۆتمەستىن بەلكى ئارتىريە ۋىنا ئارتىرىيە قېنى قىلقان تۇمۇردىن ئۆتمەستىن بەلكى ئارتىريە ۋىنا تۇتاشمىلىرى ئارقىلىق بىۋاستە ۋىناغا قايتىدۇ. بۇىڭ بىلەن ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ زىيىنىنى ئازىيىپ، بەدەن ھارارىتىنىڭ زىيادە تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن ساقلىنىدۇ.تەرنىڭ پارغا ئايلىنىشى ئارقىلىق بىرقەدەر كۆپ بولغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئېلىپ كىتىدۇ. بۇ بەدەن ھارارىتىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
3-    ئاجىرتىپ چىقىرىش ۋە سىرتىغا چىقىرىش رولى
تىرە ئاساسەن تەر ۋە ماي ئاجىرتىپ، سىرتىغا چىقىرىدۇ.
1)  تەرنى تىرىدىكى تەر بېزى ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاجىرتىپ چىقىرىش پائالىيىتىنى ئاز ساندىكىلا تەر بەزلىرى ئېلىپ بارىدۇ. بەدەن ھارارىتىنىڭ ئۆرلىشى ياكى رۇھىي تەسىرلەر تەز بەزلىرىنىڭ پائالىيىتىنى ئاشۇرۋىتىپ ، ئورگانىزىم 1مىللىلىتىر تەرنى ئاجىرتىپ سىرتىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئىسسىقلىق سەرىپ قىلىدۇ. قاتتىق ئەمگەك قىلغاندا سائىتىگە 3000-1000مىللىلىتىر تەر چىقىدۇ. تەر تەركىبىدە %99سۇ، %1باشقا ماددىلار بولىدۇ. شۇڭا كۆپ تەرلىگەندە ، بەدەندە ئۇسساش ۋە سۇسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرلىدۇ.
2)ماينى ئاساسەن تىرە ماي تەر بەزلىرى ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ.تىرە ماي بەزلىرى نىرۋىلىرىنىڭ تەڭشىلىشىنى قوبۇل قىلىمايدۇ.تىرە مايلىرىنىڭ تىرە يۈزىدە شەكىللەنگەن سۈتلەشكەن ماي پەردىلىرى تىرىدىكى سۇلارنىڭ زىيادە پارغا ئايلىنىپ كىتىشىنى توسايدۇ.ھەم تىرىنىڭ يەنى سۇنىڭ تىرىگە سىڭىپ ئۆتۈپ كىتىشىدىن ساقلايدۇ. تىرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ. ماي كىسلاتالىرى تىرىدىكى ئىشقارلىق ماددىلارنىڭ نىتىراللاشتۇرۇدۇ. مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى تۇرمۇزلايدۇ.
4-    تىرىنىڭ ئۆزلەشتۇرۋىلىش رولى:
 تىرە –مۇتلەك زىچ بولغان ئۆتكۈزىۋىلىش خاراكتېرى بولمىغان توقۇلما ئەمەس.بەزى ماددىلار تاللانغان ھالدا ئۈزەكى تىرىدىن ئۆتۈپ، ھەققىي تىرىدە ئۆزلەشتۈرلۈپ پۈتۈن بەدەنلىك تەسىر قوزغىلىدۇ. تىرە ئارقىلىق ئۆزلىشىشنىڭ ئادەتتە 3خىل يولى بار.
(1)   مۇڭگۈز قەۋەت ھۈجەيرە قەۋىتىدىن سىڭىپ ئۆتۈش ..
(2)    مۇڭگۈز قەۋەت ھۈجەيرە ئارلىقىدىن سىرغىپ ئۈتۈش.
(3) چوڭ مالىكولالىق ، ئاسان سىڭىپ ئۆتەلمەيدىغان ، سۇدا ئىرىيدىغان ماددىلارنىڭ ئاز قىسمى تۈك خالتا ئېغىزى، تەر ۋە ماي بەزلىرىنىڭ نەيچە ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئۆزلىشىدۇ.
   تىرىنىڭ ئۆزلەشتۈرۋىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللار:
(1)              مۈڭگۈز قاتلامنىڭ قېلىن-نىپىزلىكى
(2)             تىرىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ مىقدارى
(3)              ياش قۇرامى ۋە جىنسىي
(4)             دورىلارنىڭ خۇسۇسىيتى ۋە دەرىجىسى قۇيۇق، سۇيۇلۇقى
(5)              تىرىدىكى زەخمىلىنشلەر .
(6)             راستورلار تىپى..
5-    سىزىش رولى
ئۈزەكى ۋە ھەقىقىي تىرە، سەزگۈ نىرۋا تالالىرى ۋە ئۈچلىرى مول بولغانلىقتىن تىرىگە تەسىر قىلغان ھەر خىل غىدىقلارنى قۇبۇل قىلىپ، سەزگۈ ھاسىل قىلالايدۇ. ھەم تىرىگە تەسىر قىلغان. جىسىملارنىڭ خاراكتېرى ۋە خوسۇسىيىتىنى پەرق قىلالايدۇ. ئوخشىمىغان ئورۇنلارىڭ سىزىش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە سىرتقى قولاق يولى، بۇرۇن سىرتقى جىنسىي ئەزا قاتارلىق ئورۇنلار تىرىسىنىڭ سىزىش ئىقتىدارى ناھايتى كۈچلۈك.
6-    ماددا ئالماشتۇرۇش رولى
تىرە ئارقىلىق ئۇزۇقلۇق ماددىغا ئىگە بولىدۇ.شۇڭا ئورگانىزىمدا ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچىرسا، تىرىنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.بەزى تىرە كىسەللىكلىرىنى پەيدا بولىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.ئەكسىچە تىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشتىكى ئېغىر توسقۇنلۇقى، پۈتۈن ئورگانىزىم ھالىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.تىرىدىكى سۇ ئىلىكتىرولىتلار ، ئاقسىل، قەنىت، مايلار تىرە تۇزلىنىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قسىمى، ئۇلار تىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. خىزمىتىنى تەڭشەيدۇ. ھەم بەزى فىرمىنىتلارنى جانلاندۇرىدۇ.

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282