بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 16 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 42339 قىتىم كۆرۈلدى
ۋاقىتقا قاراپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش
خۇگېس بىلەن ئايالى ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ دالا سەيلىسىگە چىقىپتۇ . ئۇلار بىر كۆلنىڭ بويىغا يېتىپ كەلگەندە،بىر جۈپ ئاققۇنىڭ كۆلدە ئوينىشۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھاياجىنىنى باسالماي قاپتۇ:
- قاراڭ، ئۇلار نىمە دىەەن ئەركىن! بىزنىڭمۇ شۇنداق بولىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
خۇگىس ئۈندىمەپتۇ.
كەچقۇرۇن ئۇلار قايتىپ يەنە كۆلنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ،خۇگېسنىڭ ئايالى ھېلىقى ئىككى ئاققۇنىڭ قىرغاقتا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ،ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلەپتۇ:
- قاراڭ ئڭلارنىڭ بىللە تۇرغىنىغا، بىر—بىرىگە نەقەدەر ئامراق-ھە!
- خۇگېس كەيىپسىز ھالدا سۆز قېتىپتۇ:
- سەن ئېنىق كۆرمىدىڭمۇ؟ئاۋۇ چىشى ئاققۇ ئەتىگنكى ئاققۇ ئەمەس.
يۇمۇرلار خەزىنىسىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت