busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 11 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 43095 قىتىم كۆرۈلدى
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ئاساسى نەزىريەلىرى ئىلىمىنىڭ قىسىملارغا بۆلىنىشى
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ئاساسى نەزىريەلىرى ئىلىمى ئومۇمى قىسىم ۋە مەخسۇس قىسىم دەپ ئىككى تۈرگە بۈلۈنىدۇ.
 ئومۇمى قىسمىدا: ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تارىخى، ماھىيىتى،ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى، ئىجتىمائىي ئورنى،تەرەققى قىلىش جەريانى ھەمدە ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىللىرى،باشقا تىبابەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،تۆھپىكارئالىملارنىڭ تارىخى سۆزلىنىدۇ.
 مەخسۇس قىسىمدا. تەبىئىي ئامىللار،ساقلىق ۋە كېسەللىك،كېسەللىك سەۋەبى،كېسەللىك ئالامىتى،كېسەل داۋالاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 تىبابەت _ ئىنسانلار ۋە ھايۋانلا بەدىنىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل غەيرى نورمال ھادىسىلەر ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش كەسپىدىن ئىبارەت. تىبابەتچىلىك تەبىئەت دۇنياسىغا جانلىقلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ پەيدا بولغان.
تىبابەتچىلىك ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئەقىل پاراسەتلىرى ۋە ئەمىلى تەجىربىللىرى بىلەن ۋە زامان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەدرىجى تەرەققى قىلغان نەرسە.بەزى تارىخى ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە،يەرشارى دەسلەپ مەدىنىيەت پەيدا بولغان جاي مىسىر،بابىل،مىسۇپوتامىيە،جۇڭگۇ بۇلۇپ،بۇ يەرلەردە تىبابەتچىلىك ۋە ھەرخىل سانائەتلەر ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغان.كىيىنكى زامانلاردا مىسىر،بابىل خارابىسىدىن تىپىلغان ئاسارە - ئەتىقىلەر دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ مىسىر، بابىل، مىسۇپۇتامىيە، پەلەستىن، ئىراق، سۈرىيە تەرەپلەردە پەيدا بولغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.لىكىن يىقىنقى يىللاردا مەملىكىتىمىز جۇڭگۇنىڭ دۇڭخۇاڭ، تۇرپان ۋە تەكلىماكان، بەش بالىق(جىمسار) تەرەپلىرىدە ئىلىپ بىرىلغان ئارخىلوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر شۇنىڭدەك تاجىكىستاننىڭ ئاشقابات رايۇنىدا يەر ئاستىدىن تىپىلغان تارىخى ماتىرياللارغا قارىغاندا، مەدىنىيەت ۋە تىبابەتنىڭ دەسلەپكى قىتىم ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ غەربى رايۇنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا پەيدا بولغانلىغى مەلۇم بولغان كىيىن بولسا بابىل، مىسىر، ھىندىستان، يۇنان ۋە رۇما تەرەپلەردە راۋاجلانغان.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282