بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 11 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 48267 قىتىم كۆرۈلدى
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ماھىيىتى
ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەبىئىي دورا ئۆسۈملۈكلەر ۋە شىپالىق تەبىئەت جىسىملىرى بىلەن سەقلىقنى ساقلاش، كېسەلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ماھىيىتىدۇر.
ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسى نەزىرىلىرى ئىلمى- ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىنىڭ كەسپى ئاساسى پەنلەر ئىچىدىكى يادرولۇق دەرسلىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تارىخى، خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى، جەمئىيەتتىكى تۇتقان ئورنى، تەرەققىيات جەريانى، ھەم تارىخى تۆھپىلىرى، شۇنىڭدەك باشقا تېبابەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىگەللىتىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئاساسى قائىدە- قانۇنىيەتلىرى، كېسەللىك سەۋەپلىرى، كېسەللىك ئالامەتلىرى ھەم ساقلىقنى ساقلاش، ئالدىنى ئېلىش، كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپى قاتارلىق نەزىرىيىۋى بىلىملەر ئىگەللىتىلىدۇ.
بۇ دەرسنى ئوقۇش ئارقىلىق بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان نورمال مىزاجغا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ھەم نورمالسىز خىلىتنىڭ ئىپادىلىنىپ چىققان ئالامەتلەرگە ئاساسەن نورمالسىز مىزاجنى پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. بىلىم نىشانى بولسا ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مۇھىم تەلىماتلىرى قاتارلىق ئاساسى بىلىملىرى ئىگەللىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلاردا يۈكسەك بولغان كەسپى ئەخلاق، كەسپى ئىستىل ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىمارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيىسى تۇرغۇزۇلۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ياخشى پىسخىك ساپا يېتىلدۈرلىدۇ ھەم ياخشى بولغان ئۈگۈنۈش پوزىتسىيىسى، قېتىقىنىپ تېرىشىپ ئۈگۈنۈش روھى يېتىلدۈرلۈپ، كىلىنىكا ئۈچۈن ياخشى بولغان ئاساس سېلىنىدۇ ھەم دۆلەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپى ۋىراچلىق ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم ۋە ئىقتىدارلار ئىگەللىتىلىدۇ.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت