busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 22 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 2226 قىتىم كۆرۈلدى
تاپان سۇڭەك ئۇسۇش
1.       تونۇش :
تاپان سۇڭەك ئۇسۇش كېسىلى، كېسەللىك سەۋەبى ئوخشاش بولمىغان لېكىن كېلىنكىلىك ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، تاپان بۇغۇم سۇڭەك تىنى ۋە قىرلىرىدىكى سۆڭەك كۆمۇرچىگى بۇزۇلۇپ، سۆڭەك ماددىسى ئۆسۈپ، كىلىنكىدا تاپان بۇغۇم ساھەسى ئاغىرىش، تاپان بۇغۇم ھەركىتى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خارەكتىرلىك سوزۇلما كېسەللىكدۇر، ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىك سەۋەبىگە قارتا غەيرى تەبئى بەلغەم خىلىتىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت تاپان بۇغۇم ساھەسىگە تەسىر قىلىشى ياكى غەيرى تەبئى سەۋدا خىلىتىنىڭ كۇپىيىشى بىلەن تاپان بۇغۇم سۆڭىكىدە چىكىنىش يۇز بىرىش بىلەن بۇخىل كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ .
تاپان بۇغۇم سۆڭەك ئۇسۇش كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمى كىتاپلىرىدا «مۇپاسىل» دىگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاپ كەلگەن .
بۇخىل كېسەللىك ئۇتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ .ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپ ئۈچرايدۇ، بۇلۇپمۇ دائىم مىڭىپ خىزمەت قىلىدىغان ، ئىغىر ئەمگەك قىلغۇچىلار، سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغۇچىلار، ھۇرۇن، كۆپ ھەركەت قىلمايدىغان كىشلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ .
2.    ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:
1)     كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :
بۇ كېسەل ئۇتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا قۇۋەتلەر تەڭپۇڭسىزلىغىدىن سۆڭەككە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، يېشى، جىنسى، كەسپى، بەدەن ھالىتى، ياشاش مۇھىيتى، كىلمات ئامىللىرى، يىمەك- ئىچمەك ئادىتى، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى، ئۇيقۇ- ئويغاقلىقى، روھى- كەيپىياتى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
2)   تىپىك كىلنىك ئالامىتىگە ئاساسەن:
كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتى ئاستا، خىلىت (مىزاج )غا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەردىن سىرت، ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەتلىرى ئاز بولۇپ كېسەللىك ئالامىتى ئاساسەن كېسەللەنگەن تاپان بۇغۇمدا تىپىكرەك كۆرۈلىدۇ، يەنى بىماردا تاپان بۇغۇم ساھەسى تىلىپ ئاغىرىش، ئارام ئالغاندا ياخشىلىنىش، ئغىر ھەركەت ۋە ئۇزاق ماڭغان ۋە ئىگىز جايلاردىن چىقىپ -چۇشكەندە ئاغىرىش كۇچۇيۇش، ھەركەت دائىرسى چەكلىمىگە ئۇچىراش كۆرۈلىدۇ .
3)    قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :
MRICT  ئاپىراتىدا تەكشۈرگەندە كېسەللەنگەن تاپان بۇغۇم ئارىلىقى تەرتىپسىز تارىيىش، كۆمۈرچەك ئاستىدىكى سۆڭەك قاتتىقلىشىش، بۇغۇم ئەتراپىدىكى سۆڭەك ماددىسى ئۆسۈش ۋە سۆڭەك قىرى شەكىللىنىش كۆرىلىدۇ، رىنتىگىندا تەكشۇرگەندە : تاپان بۇغۇم سۆڭەك كۆمۈرچەك ئاستىدىكى سۆڭەك قاتتىقلىشىش، بۇغۇم ئەتراپىدىكى سۆڭەك ماددىسى ئۆسۈش ۋە سۆڭەك قىرى شەكىللىنىدۇ .
3.    دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :
1)     تەمسىز بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان تاپان سوڭەك ئوسوش
2)    موزا تەملىك خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان تاپان سوڭەك ئوسوش
3)     گەجسىمان بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان تاپان سوڭەك ئوسوش
4)    غەيرى تەبىئى سەۋدا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان تاپان سوڭەك ئوسوش
4.    داۋالاش پىرىنسىپى :
 (1) مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.
(2) بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى - سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .
3.9. داۋالاش ئۇسۇلى :
1.3.9. داۋالاش تەرتىۋى:
 دەسلەپتە مۇنزىچ بىرىش بىلەن بىرگە ئاغىرىق پەسەيتىدىغان، توسالغۇلارنى ئىچىش رولى بولغان بىر قىسىم پىششىق دورىلارنى بىرگە بىرىش، سىرتتىن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە بىر قىسىم فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ، ئاندىن مۇسھىل بىرىش، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى مۇۋاپىق ئازايتىلىدۇ، ئاخىرىدا مۇسھىلدىن كىيىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قارتا دورلىق ۋە دۇرىسىز داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ، رەئىس ئەزالارنى، بۇرەكنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش مەخسىتىدە شەربەت ۋە دۇرىلار بىرلىدۇ ، ئىچىدىن ئىچىدىغان دۇرىلارنىڭ تەرتىۋى چەكلەنمەيدۇ، مايلايدىغان دورىدىن بىر ياكى ئىككىسى تاللىنىپ باشتىن ئاياق ئىشلىتىلىدۇ.
1- تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان تاپان بۇغۇم سۇڭەك ئۇسۇش كېسىلى
1)    دىئالىكتىك ئانالىز :
تەمسىز بەلغەم خىلىتى بەلغەم خىلىتىغا كۆپ مىقداردا سۇنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ، تەبىئەت جەھەتتىىن زىيادە سۇغۇق، بۇ تەمسىز بەلغەم خىلىتى ئۈزىنىڭ زىيادە سۇغۇقلۇق تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق تاپان بۇغۇم ساھەسىگە تەسىر قىلىپ تاپان بۇغۇم سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ھەمدە بوغوم ئارلىقلرىغا كوپلەپ سىرغىپ چىقىپ ، بوغوم ئارلىقىدىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىقدارىنى كوپەيتىۋىتىدۇ ،بۈ سۇيۇقلۇقلار ئۈزىنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش تەسىرى بىلەن بۇغۇم بوشلۇقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ يەرلىك ئوروننىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىپ تاپان سۇڭىكىنىڭ بىنۇرمالسىز ئۇسۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ .
2)   ئالامىتى :
 بىمار خام سىمىز كىلىدۇ، بەدەن تىرىلىرى قولغا سۇغۇق بىلىنىدۇ، ئۇيقۇسى كۆپ،ئىغىزىدىن شۇلگەي ئاقىدۇ ، كۆز ئىقى ئاقۇش، تېلىدا ئاق گەز بۇلىدۇ، ئىغىز تەمى تەمسىز، تۇمۇرى تۇم، ئاستا سالىدۇ، سۇيدۇك مىقدارى كۆپ، رەڭگى ئاقۇش كېلىدۇ، تاپان قىسمى ئاغرىش گەۋدىلىك بولىدۇ، كۆپۈنچە ھۆل-سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ .
تاپان بۇغۇم ساھەسىى ئىغىر بۇلۇپ ، تىلىپ ئاغىرىيدۇ ، بۇلۇپمۇ ئەتتىگىنى ئۇرنىدىن تۇرغاندا ئاغىرىق كۇچلۇك بۇلىدۇ ، تاپان بۇغۇم ساھىسى سۇغۇق ، ئسسىققا يولۇقسا راھەت ھىس قىلىدۇ ، تۇۋەنكى مۇچە ئاسان قۇلىشىدۇ .
3)    داۋالاش ئۇسۇلى :
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى  10 - 15 كۈن ئەتراپىدا ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ.
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى3-5 كۈن ئەتراپىدا تاماقتىن كىيىن 1-3 تامچە بىدەنجىر مىيى تىمىتىلىپ ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ.
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى دورىلاردىن بىرسىنى تاللاپ مۇسھىل ئورنىدا  ئىشلىتىلىدۇ.

 قۇرسى لوخنزىيا ،قۇرسى مەنتىن ،قۇرسى ئايارەنجى ,قۇرسى ئايارەنجى پەيقىرا  

بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .

دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە :  مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بۇزۇق ماددىلارنى ، يەل تارقىتىش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش مەخسەتتە :زىمادى سورونجان ياكى زىمادى ئەقىر قەرھا ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن ، ئەرقى چوبىچىن، ئەرقى بەدىيان ، قۇرسى سۆرۈنجان،ھەببى سۆرۈنجان ،قۇرسى يەھيا ، ھەببى ماتىدىل ھايات، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ،قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت، ئەبرىشىم دانچىسى .
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن15-25 كۇن  تاللاپ بىرىلىدۇ .

قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى،  قۇرسى جاۋرىش جالىنۇس، پىننە گۇلقەنىتى  ، قۇرسى جاۋرىش شەھرىيان، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، نارپىننە  ئىچىملىكى ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى .

ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ھار ۋە مائۇل ئۇسۇل مورەككەپ  مەخسۇس تەييارلاپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ تاللاپ ياكى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ .
قاننى قىززىتىش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش مەخسەتتە توۋەندىكى پىششىق دورىلار بىرلىكتە تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

قۇرسى سوم ،ئىتتىرفىل ھامان، ھەببى بەرەس، مۇنزىچ بەرەس ، شەربىتى بەرەس ، داۋائىل مىشكى ، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، سۇنبۇل شەربىتى، قۇرسى ئىتترفىل ئۇستىخۇددۇس، ئۇستىخۇددۇس ،قۇرسى نۇجاھ ، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى .

يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى زەپە سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجنى زەپە كەبىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 5-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4)   پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك ، غىدىقلىغۇچى ، يەللىك غەلىز يىمەكلىكلەردىن كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا مىۋە - چىۋە، سۇغۇق ئىچىملىك ، لازا- ئاچچىقسۇ دىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەردىن باچكا گۈشى، كوك كەپتەر گوشى سۇيى ، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتاتلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن، زىيادە ھېرىپ - چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن، زۇكامداشىتىن ، زىيادە تۇيۇنۇپ تاماق يىيىشتىن ، كوپ جىنسى مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىدۇ.
2- مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتىدىن كىلىپ چىققان تاپان سۇڭەك ئۇسۇش كىسىلىنى داۋالاش
1)    دىئالىكتىك ئانالىز :
  مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى بۇلسا تەبئى بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە كۇيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن شەككىللەنگەن بۇلۇپ قىيامى قۇيۇق ،قىرىق تەمگە كىرىپ قالىدۇ ،بۇخىل غەيرى تەبىئى بەلغىمى سەۋدا خىلىتى قىيامى قۇيۇق بۇلغاچقا ئاسان چۇكمىگە چۇشۇپ تاپان بۇغۇم ساھەسىگە تەسىر قىلىپ تاپان بۇغۇم سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، بۈ خىل قۇيۇق خىلىت ئۈزىنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش تەسىرى بىلەن بۇغۇم بوشلۇقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ يەرلىك ئوروننىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىپ تاپان بۇغۇمىنىڭ سۇڭىكىنىڭ بىنۇرمالسىز ئۇسۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ
2)   ئالامىتى :
 تاپان بۇغۇم قىسمى ئاغرىش، ھەركىتى چەكلىمىگە ئۈچراش گەۋدىلىك بولۇش بىلەن بىرگە، بەدەندە بەلغەم خىلىتىغا سەۋدا خىلىتى ئارلاشقاننىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ بەدەن تىرىلىرى قولغا سۇغۇق بىلىنىدۇ، ئۇيقۇسى كۆپرەك، چۇش كۆپ بولىدۇ، بىمار سىمىزرەك كېلىدۇ، كۇز ئىقى كۆكۇش ئاق، تېلىدا ئاقۇش كۆك گەز بۇلىدۇ، تۇمۇرى تۇم ،ئاستا، سوغۇق، ئاجىز، بوش، لەيلىمە سالىدۇ، ئىغىز تەمى تەمسىز ياكى قىرتاق بۇلىدۇ، سۈيدۇكى ئاقۇش كېلىدۇ، ئسسىققا يولۇقسا راھەت ھىس قىلىدۇ، كۆپۈنچە سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ . بىمار خىيالچان بولىدۇ، ھەر دائىم ئۆزدىكى كېسىەللىكتىن غەم قىلىدۇ.
3)    داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 10-15 كۇن بىرىلىدۇ .
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى4-6 كۇن بىرىلىدۇ .
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە : مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ .
بۇزۇق ماددىلارنى ، يەل تارقىتىش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش مەخسەتتە : زىمادى سورونجان ياكى زىمادى ئەقىر قەرھا ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا،قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر،ئەرقى بەدىيان،ئەرقى شوخلا ،ئەرقى چوبىچىن ،ھەببى ماتىدىل ھايات،قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر،قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى مەنتىن،قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت، ئەبرىشىم دانچىسى .
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن15-25 كۇن  تاللاپ بىرىلىدۇ .
نارپىننە ئىچىملىكى،قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ،قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى،  پىننە گۇلقەنىتى،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى،قۇرسى ئامىلە نۇشدارى.
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە:مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل ساددە مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى،قۇرسى داۋائىل مىشكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ،سۇنبۇل شەربىتى،قۇرسى ئىتترفىل ئۇستىخۇددۇس ، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى    ،قۇرسى نۇجاھ.
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتالىقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن، زىيادە ھېرىپ-چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن،زۇكامداپ قېلشىتىن، زىيادە قۇرۇق سۇغۇق مۇھىيتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ياشاش مۇھىيىتى ۋە خىزمەت مۇھىيىتىنى تەڭشەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىشقا دىققەت قىلىش.
4-گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان تاپان سۇڭەك ئۇسۇش كىسىلىنى داۋالاش
1)      دىئالىكتىك ئانالىز :
گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بۇلسا تەبئى بەلغەم خىلىتىگە يۇقۇرى ھارارەتتىكى ئىسسقلىق تەسىرقىلىشى بىلەن بەلغەم خىلىتى قىيامى قۇيۇلۇپ ،سۇيۇق ،ئىقىشچان خۇسۇسىيىتى يۇقۇلۇپ چۇكمىگە چۇشۇشىنى كۇرسىتىدۇ،بۇخىل غەيرى تەبىئى بەلغىمى سەۋدا خىلىتى قىيامى قۇيۇق بۇلغاچقا ئاسان چۇكمىگە چۇشۇپ تاپان بۇغۇم ساھەسىگە تەسىر قىلىپ تاپان بۇغۇم سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، بۈ خىل قۇيۇق خىلىت ئۈزىنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش تەسىرى بىلەن بۇغۇم بوشلۇقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ يەرلىك ئوروننىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىپ تاپان سۇڭىكىنىڭ بىنۇرمالسىز ئۇسۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ
2)     ئالامىتى :
تاپان بۇغۇم قىسمى قاتتىق ئاغرىش، ھەركىتى چەكلىمىگە ئۈچراش، كېسەللىك جەريانى جىددى، گەۋدىلىك بولۇش بىلەن بىرگە، بەلغەم خىلىتىغا ئۆتكۈر ھارارەت تەسىر قىلغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ يەرلىك ئۇرۇن ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ ، بەدەن تېرىلىرى قولغا ئىسسىقراق بىلىنىدۇ، كۆز ئېقى ساغۇچ ئاق ياكى كۆكۈش ، تېلىدا ئاق ساغۇچ گەز ياكى كۆكۈش گەز بولىدۇ ، سۈيدۈكى ساغۇچ دۇغ ھالەتتە كېلىدۇ ، ئېغىز تەمى ئاچچىق بىلىنىدۇ ، تومۇرى ئاستا، لەيلىمە، قاتتىق، چۆڭقۇر سالىدۇ.ئسسىققا يولۇقسا ئاغرىق كۇچەيگەندەك ھىس قىلىدۇ ، كۆپۈنچە زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك ، غىدىقلىغۇچى يىمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ .
بىماردا تاپان بوغۇم ئاغرىش، قېتىۋىلىش ،ھەركىتى چەكلىمىگە ئۇچراش، ھەركەتلەندۇرگەندە سۇڭەك سۇركىلىش ئاۋازى ئاڭلىنىش ، غەيرىلىشىش كۇرۇلىدۇ .
3)     داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 10-20 كۇن بىرىلىدۇ .
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى4-8 كۇن بىرىلىدۇ.
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ.
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا ،قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن،قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ،ئەرقى بەدىيان ،ئەرقى شوخلا ،ئەرقى چوبىچىن،ھەببى ماتىدىل ھايات، قۇرسى كۇرسىنگى ،قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت     ،ئەبرىشىم دانچىسى.
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى،  قۇرسى جاۋرىش جالىنۇس، پىننە گۇلقەنىتى  ، قۇرسى جاۋرىش شەھرىيان، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، نارپىننە  ئىچىملىكى ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى .
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە:مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ شەربىتى تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى ،قۇرسى داۋائىل مىشكى،ئۇستىخۇدۇس ئىچىملىكى ،ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس،شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،سۇنبۇل شەربىتى،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ،قۇرسى نۇجاھ .

يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4)     پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلى
نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى