busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 10380 قىتىم كۆرۈلدى
نۇقرەس
1.      تونۇش :
نۇقرەس كېسەللىكى ھەركەت ئەزا كېسەللىكلىرى ئىچىدىكى كۆپرەك ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ ھەرخىل سەۋەبلەردىن پۇت ۋە قول بارماقلىرىدىكى كېچىك بوغۇملارنىڭ بىرىكتۇرگۇچى توقۇلمىلىرى ۋە پەي تارامۇشلىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا كىچىك بوغۇملار ئىشىش، ئاغرىش، غەيرى شەكىلگە كېرىپ قىلىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك جاھىل، سوزۇلما، داۋالاشنى تەستە قۇبۇل قىلىدىغان، داۋالاش ئۇنۇمى توۋەن بولغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك .
نۇقرەس كىسەللىكى سوزولما خاراكتىرلىك پۇتۇن بەدەن ياللۇغلىنىشلىق كىسەللىك ئوزگىرىش بولوپ ، سوزولما ھالەتتىكى كوپ ئورونلوق سىلىق پەردە ، بىرىكتۇرگۇچى پەردە ئوفۇنەتلىنىش ۋە بوغوم سىرتىدىكى كىسەللىك ئوزگىرشىنى ئاساسلىق كىلنىك ئالامەت قىلغان ، ئوز بەدەنلىك ئىممۇنىتلىق ئوفۇنەتلىنىشكە تەۋە بولغان كىسەللىك ئوزگىرشى بولوپ، ئاساسلىق، بىغىش ۋە قول پۇتنىڭ كىچىك بوغوملىرىدا كوپ ئۇچرايدىغان ، تەكرار قوزغولوشچان ، دەسلەپكى مەزگىلدە بوغوملار قىززىرىپ ئىشىش ، ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، ئاخىرقى مەزگىلىدە بوغوملاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قاتتىقلىشىش ، شەكلى ئوزگىرىش ، مۇسكۇللار يىگلەش ھەتتا مىيىپلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان كىسەللىك ئوزگىرىش .
2.    دىئاگىنۇز ئولچىمى :
ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:
1)    كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :
نەم، سۇغۇق مۇھىيىتتا كۆپ تۇرغان، ياشىغان ، زەخمىلىنىش تارىخى بار ، ھول – سوغوق يىمەك – ئىچمەكلەرگە ئامراق ھەمدە يىمەك – ئىچمەك جەھەتتە تەرتىپسىز غىزالىنىش ئادىتى بار ۋە تۇغما ئىممۇنىت كۇچى توۋەن ياكى ئومومى بەدەن خىزمىتى ياخشى بولمىغان كىشىلەردە كۆپ يۈز بىرىدۇ.
2)   تىپىك كىسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن:
ئوتكور بوغوم ياللۇغىنىڭ كىسەللىك تەرەققىياتى تىز ھەمدە ئوتكۇر بولىدۇ ، تىپىك كىلنىك ئالامىتىدىن كىسەللەنگەن بوغوملار كۇچلۇك ئاغرىش ، قىززىش ، ھەركەت قىلىشقا جۇرئەت قىلالماسلىقتىن سىرىت ئومومى بەدەن قىززىش ، ئۇسساش ، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، ھاسىرش ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئىشتىھاسى ئازىيىش ، كىچىك تەرەت نىسپەتەن ئاز ، رەڭگى سىرىق كىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ ، ۋاختىدا داۋالىنىش ئىلىپ بارماسلىق ياكى خاتا داۋالىنىش سەۋەبىدىن تىزلا سوزولما ھالەتكە ئوتوپ كىتىدۇ . سوزولما ھالەتتىكى تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرىدىن چوڭ بۇغۇملار ئاغرىش، ئىشىش، قىززىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، قىتىشىش ، ھەركەت چەكلىمىگە ئۇچراش بولىدۇ ، ئومومى بەدەن ئالامىتى ئادەتتە كورونەرلىك بولمايدۇ ، قوزغاتقۇچى ئامىللار يەنىي ، يەللىك غىزالار ، سوغوق ئوتكوزۋىلىش ، كۇچەپ ھەركەت قىلىش ، زۇكامداش ۋە باشقا قوزغاتقۇسى ئامىللار تەسىر قىلغاندا تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرى كورونەرلىك ئىغىرلاشقاندىن سىرىت ئومومى بەدەن ئالامەتلرىىدىن قىززىش ، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، ھاسىراش ، ئىشتىھاسى ئازىيىش ، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ قوشولوپ كىلىدۇ .
3) قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :
  WBC , C-RP, RF ,ESR دا كورونەرلىك ياكى يەڭگىل دەرىجىدە ئوزگىرىش بولوش ۋە ياكى بولماسلىق ئەھۋالىغا ھەمدە سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرش رەسىم ئىپادىسىدىن بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، خالتىلىق ئوزگىرىش بولوش ، بوغومغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش ياكى نورمال بولوش ئەھۋالىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قويولىدۇ .
3.    كىلىنكىلىق دەرىجىگە ئايرىش
1 – دەرىجە : چوڭ بوغوملار يەڭگىل دەرىجىدە ئاغرىش ، RF ، WBC, C-RP , ESR سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نورمال چىقىش .
2 – دەرىجە : كىچىك بوغوملار ئاغرىش ، ئىششىش ، قىززىش ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىق   RF (+) دىن يۇقۇر بولوش ، WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن سەل يۇقۇرلاش ياكى نورمال بولوش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نورمال چىقىش .
3 – دەرىجە : كىچىك بوغوملار ئاغرىش ، ئىششىش ، قىززىش ، ھەركىتى يەڭگىل توسقۇنلۇققا ئۇچراش RF   (++) بولوش ، WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن يۇقۇرلاش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇشتە بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، قىر شەكىللىنىش .
4 – دەرىجە : كىچىك بوغوملار ئېغىر دەرىجىدە ئاغرىش ، ھەركەتلەندۇرگەندە كۆرىنەرلىك سۇڭەك سۇركىلىش ئاۋازى(سېزىمى) بولۇش، غەيرىلىك شەكىللىنىش،. ئىششىش ، قىززىش ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش RF (++) دىن يۇقۇر بولوش ، WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن يۇقۇرلاش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇشتە ئېغىر دەرىجىدىكى سۇڭەك ئۈسۈكچىسى پەيدا بولۇش، بوغۇم ئارلىقى تارىيىش تېخىمۇ ئېىنىق بولۇش، كۆمۇرچەك ئاستىدىكى سۆڭەك قاتتىقلىشىش ئىنتايىن روشەن بولۇش، بوغۇم يۇغانلىشىپ روشەن غەيرىلىك شەكىللىنىش بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، قىر شەكىللىنىش .بوغومغا سۇ يىغىلىش ، ئوسوكچە شەكىللىنىش .
4.    خاراكتىرىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىش
كىسەللىك خاراكتىرىگە ئاساسەن ئوتكور ۋە سوزولما دەپ ئىككىگە بولىنىدۇ .
ئوتكۇر نۇقرەس : غەيرى تەبىي قان ۋە سەپرا خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىقىدۇ.
سوزولما نۇقرەس : غەيرى تەبىي بەلغەم ، سەۋدا خىلىتى تەسردىن كىلىپ چىقىدۇ .
5.    دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :
1)     قان خىلىتىنىڭ ئوفىنەتلىنىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .
2)    كۆيگەن سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ
3)     شورلۇق بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .
4)    تەمسىز بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس
5)     موزا تەملىك خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .
6)    گەجسىمان بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .
7)     تۇخۇم سېرىق رەڭلىك سەپرا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .
8)     غەيرى تەبىئى سەۋدا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .
9)     ئىرسىيەت تەسىردىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .
5. داۋالاش پىرىنسىپى :
ئوتكور نۇقرەسنىڭ داۋالاش پىرىنسىپى :
(1) مىزاجنى تەڭشەش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، قىززىتما پەسەيتىش ، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(2) ماس كەلگەن فىزىكىلىق داۋالاشلار تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
(3) ھەزىمنى كۇچەيتىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(4) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .
سوزولما نۇقرەسنىڭ داۋالاش پىرىنىسپى:
(1) مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.
(2) بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى - سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .
1- قان خىلىتىنىڭ ئوفىنەتلىنىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .
1)    دىئالىكتىك ئانالىزى
ئەسلى قان خىلىتىدىن بولغان كىشىلەر چىرىگەن، ئۇفىنەتلەنگەن، ۋاقتى ئۆتكەن، زىيادە غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، غەلىز يىمەك- ئىچمەكنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئىسىتمال قىلىش سەۋەبلىك قان خىلىتىنى ئۇفىنەتلەندۈرۈپ ، قان خىلىتىنىڭ ئۇفىنەتلىنىشىگە سەۋەبچى بۇلىدۇ.
ئۇفىنەتلەنگەن قان خىلىتى ، تەبىئى قان خىلىتىغا ئۇفىنەتلەندۈرگۈچى مىكرو- جاراسىملارنىڭ قۇشۇلىشى نەتىجىدە پەيدا بولغان غەيرى تەبىئى خىلىت بۇلۇپ، ئۆتكۈر چىرىتىش، ئۇفىنەتلەندۈرۈش تەسىرىگە ئىگە بۇلۇپ بۇخىل تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق كىچىك بۇغۇملارغا تەسىر قىلىپ، غىدىقلاپ، ئۇفىنتەلەندۈرۈپ بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2)   ئالامىتى:
تۇمۇر رايى توم، تىز، دولقۇنلۇق، قاتتىق سالىدۇ، كۆز ئېقى قىزىلغا مائىل، تىل ئۈستىدە قىزغۇچ گەز بار، كىچىك تەرىتى سېرىق، قىززىق بىلىنىدۇ، پۇت قوللىرىنىڭ بۇغۇملىرى لۇقۇلداپ، چىڭقىلىپ ئاغىرىيدۇ، ئىشىيدۇ، ئىششىغان بۇغۇمنى تۇتقاندا ئىسسىق بىلىنىدۇ، ئۇسسۇزلۇق كۆپ بۇلىدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، قىززىتما بۇلىدۇ، سۇغۇق نەرسىلەردىن راھەت ھىس قىلىدۇ.
3) داۋالاش ئۇسۇلى:
قاننىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە توۋەندىكى شەربەت تەرييارلاپ بىرىلىدۇ . 3 - 5 كۈن ئەتراپىدا ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ.
يۇقارقى شەربەتنىڭ تەسىرىنى تىخىمۇ كۇچەيتىپ قاننىڭ ئوتكورلوكىنى پەسەيتىپ ،ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش مەخسەتتە: توۋەندىكى شەربەت تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ماددىلارنى تارقىتىش مەخسەتتە : توۋەنكى شەربەت تەييارلاپ بىرىلىدۇ ياكى مەخسۇس مەتبۇخ ھەلىيلە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
توسالغۇلارنى ئىچىش ، ئوتكورلوكنى پەسەيتىش مەخسەتتە مەخسۇس مائۇل ئۇسۇل بارىد تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
قاننىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە توۋەندىكى ياللۇغ قايتۇرۇش زىمادى يەرلىك ئورونغا تىڭىلىدۇ ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان بارىد ۋە  ياللۇغ قايتۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ، ياخشىلاش ۋە يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەخسەتتە: توۋەندىكى پىششىق دورىلار بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ 15-25 كۇن تاللاپ بىرلىدۇ. 

 ئەرقى كاسىنە، ئەرقى چۆبىچىن،ئەرقى سەندەل،ئەرقى شوخلا ، ئۆشبە شەربىتى، قۇرسى ئىتتىرفل چوبىچىن،ە قۇسى بىنەپشە،قۇرسى ئۆشبە، مۇنزىچ دانچىسى، كاشكاپ دانچىسى،قۇرسى سۆرۈنجان، قۇرسى يەھيا، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن، ھەببى لوبوبى كەبىر ، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت ، ئەبرىشىم دانچىسى.

 ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى ، قۇرسى جاۋرىش ئامىلە  ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى ، نارپىننە ئىچىملىكى.

 ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: توۋەندىكى شەربەتلەر مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مورەككەپ شەربىتى تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

  قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە:  تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ، قۇرسى نۇجاھ .

يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر  كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يەللىك يىمەكلىكلەردىن كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا ، لازا- ئاچچىقسۇ....
ھەرخىل  سۇغۇق ئىچىملىكلەر ، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ۋاقتى ئۈتۈپ كەتكەن يىمەك - ئىچمەكتىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەردىن باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتاتلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
زىيادە ھېرىپ - چارچاشىتىن، ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن ، زۇكامداشىتىن ، زەخمىلنىشتىن ، زەخمىلەنگەن ئۇرۇننىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كىرەك .
2- كۆيگەن سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس
1)    دىئالىكتىك ئانالىزى
ئەسلى مىزاجى سەپىرا بولغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت ئوتكور ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى زىيادە كوپ ئسىتىمال قىلىش ، ئاپتاپتا قىلىش ، ئىسسىق ئوتكوزۋىلىش قاتارلىقلار تەسىرىدىن بۇخىل غەيرى تەبىي خىلىت پەيدا بولوشقا سەۋەپ بولىدۇ .

 كۆيگەن سەپىرا خىلىتى سەپىراخىلىتىنىڭ يۇقىرى ھارارەت تەسىرىگە ئۇچىرىشى تەسىرىدىن قىيامى قۇيۇلۇپ، ئۆتكۇرلىشىشتىن شەكىللەنگەن نورمالسىز سەپرا خىلىتى بولۇپ، تەبىئىتى قۇرۇق سۇغۇق، بۇ خىل سەپرا خىلىتى كۈچلۈك دەرىجىدە ئۇفىنەتلەندۈرۈش، چىرىتىش ۋە زەخمىلەندۇرۇپ نابۇت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە،بۇ كۆيگەن سەپىراخىلىتى ئۈزىنىڭ زىيادە غىدىقلاش، چىرىتىش تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق كىچىك بوغوملارغا تەسىر قىلىپ كىچىك بۇغۇملارنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ، ياللۇغ پەيدا قىلىپ، چىرىتىپ نەتىجىدە يەرلىك ئوروندا بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

 2)   ئالامىتى:

 تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا، ئاجىز سالىدۇ. كوز ئىقى دەسلەپتە ساغۇچ كىيىنچە كۈكۈچ بۇلىدۇ، تىل ئۈستىدە دەسلەپكى سارغۇچ گەز بۇلۇپ، كىيىنچە كۈكۈچ گەزگە ئۆگىرىدۇ، تىرىسى قولغا ئىسسق بىلىنىدۇ، كىچىك تەرىتى سېرىققا مائىل بۇلۇپ، قىززىق ياكى نورمال بىلىنىدۇ، كىچىك بۇغۇملار بەزىدە قىززىپ، ئېچىشىپ، كۈيۈشۈپ  بەزىدە تىلىپ ، چىڭقىلىپ ئاغىرىيدۇ، ئىششىيدۇ، باسقاندا جىسمى قاتتىق بىلىنىدۇ، شەكلى ئۆزگىرەيدۇ، ئاخىرىقى مەزگىلگە كەلگەندە بۇغۇم ئەتراپى نىكروزلىنىپ قارىدايدۇ، تۇتقاندا سىزىمى ئاجىزلايدۇ. بۇغۇم ھەركەت ئىقتىدارى يۇقۇلىدۇ.
3)    داۋالاش ئۇسۇلى :
مۇنزىچ مۇسھىل بىلەن داۋالاش :
دەسلەپتە كويگەن سەپرا يەنىي خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
ماددا پىشقانلىق ئالامىتى: تۇمۇر ھەركىتى ،تىل گىزى ،چۇڭ-كىچىك تەرىتى ،ئاغىرىش ،بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشگە قاراپ كويگەن سەپرا يەنىي خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4-8 كۇن بىرىلىدۇ .
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان سەۋدائى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە :  مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ.
قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، سوغوق يەللەرنى بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش ، ئاغرىق پەسەيتىش مەخسەتتە : مەخسۇس زىمادى سورونجان ، زىمادى ئەقىر قەرھا ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بوغومنىڭ قىتىشىش ، ھەركەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋالىنى ياخشىلاش مەخسەتتە مەخسۇس مۇرەككەپ قىيرۇتى تەييارلاپ كۇندە 1-2 قىتىم 15-25 كۇن يەرلىك مايلاپ ئىسسىق ئوتكوزلىدۇ .
سۇيدۇك ھەيدەش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، ئىششىق ياندۇرۇش ، ئاغرىق پەسەيىتىش ، يۇرەكنى قوغداش ۋە  كۇچەيىتىش مەخسەتتە: توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.

 ئەرقى كاسىنە، ئەرقى چۆبىچىن،ئەرقى بەدىيان، ئەرقى سەندەل ، ئەرقى شوخلا ،ئۆشبە شەربىتى، قۇرسى ئۆشبە، قۇرسى ئىتتىرفل چوبىچىن ، قۇسى بىنەپشە ، مۇنزىچ دانچىسى، كاشكاپ دانچىسى ،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت، ئەبرىشىم دانچىسى.

 ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاشنى مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.

  قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا ، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، ھەببى لوبوبى كەبىر ، قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن.

 ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى ، قۇرسى جاۋرىش ئامىلە  ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى ، نارپىننە ئىچىملىكى.

 ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

 مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل ساددە مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ، قۇرسى نۇجاھ .

 يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر  كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4)   پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەكلىكنى كۆپ يىيىشتىن، غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا، ھەرخىل قورۇمىلار قاتارلىقلاردىن، سۇغۇق ئىچىملىك، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
 ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتارلىقلار شۇنداقلا مۇئاپىق مىقداردا مىۋە – چىۋە بىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
زىيادە ئىسسىق ياكى سوغوق مۇھىيتتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشىتن،  ھېرىپ- چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن قەتئى ساقلىنىدۇ.
3-    شورلۇق بەلغەم خېلىتى  تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .
1)    دىئالىكتىك ئانالىزى

 ئەسلى مىزاجى بەلغەم بولغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت ئوتكور ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك –ئىچمەكلەرنى زىيادە كوپ ئسىتىمال قىلىش ، ئاپتاپتا قىلىش ، ئىسسىق ئوتكوزۋىلىش قاتارلىقلار تەسىرىدىن بۇخىل غەيرى تەبىي خىلىت پەيدا بولوشقا سەۋەپ بولىدۇ .

 شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەلغەم خىلىتىغا يۇقىرى ھارارەتتىكى سەپىرا خىلىتىنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئى خىلىت بۇلۇپ، تەبىئەت جەھەتتىىن قۇرۇق ئىسسققا مائىل، زىيادە غىدىقلاش، ئۇفىنەتلەندۈرۈش تەسىرى بار، بۇ تۇزلۇق بەلغەم خىلىتى ئۈزىنىڭ زىيادە غىدىقلاش، ئۇفىنەتلەندۈرۈش تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق كىچىك بوغوملارغا تەسىر قىلىپ بۇغۇملاردىكى بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ، ياللۇغ پەيدا قىلىپ يەرلىك ئوروندا بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

2)   ئالامىتى:
تومۇرى ئىنچىكە، تىز، يۈزە سالىدۇ. كوز ئىقى قىزغۇچ، تىل ئۈستىدە سارغۇچ گەز بۇلىدۇ، تىرىسى قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، كىچىك تەرىتى سېرىققا مائىل بۇلۇپ، قىززىق بىلىنىدۇ، كىچىك بۇغۇملار قىززىپ، ئېچىشىپ، كۈيۈشۈپ ئاغىرىيدۇ، ئىششىيدۇ، يەرلىك ئۇرۇن بۇغۇملىرىنى تۇتقۇندا قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، ئششىغان بۇغۇم جىسمى قاتتىقراق بۇلىدۇ، بۇغۇملارنى ھەركەت قىلدۇرغانسىرى ئېچىشىپ ئاغىرىش كۈچىيىدۇ، تۇتقاندا قىززىقلىقى بارغانسىرى كۈچەيگەن بۇلىدۇ.  سۇغۇق نەرسىلەردىن راھەتلىك ھىس قىلىدۇ.
3)    داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە شورلوق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 7 - 15 كۈن ئەتراپىدا ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ،
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى: تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ شورلوق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4 - 6 كۈن ئەتراپىدا ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ.
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
سەپرانىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە توۋەندىكى ياللۇغ قايتۇرۇش زىمادى يەرلىك ئورونغا تىڭىلىدۇ ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان بارىد ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىق تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ياللۇغ قايتۇرۇش ، سۇيدۇك ھەيدەش ، ئاغرى پەسەيتىش ،غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش، يۇرەكنى قوغداش كۇچەيتىش مەخسەتتە: توۋەندىكى پىششىق دورىلار بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ10-30 كۈن ئەتراپىدا تاللاپ بىرىلىدۇ.

 ئەرقى كاسىنە، ئەرقى چۆبىچىن،ئەرقى سەندەل،ئەرقى شوخلا ، ئۆشبە شەربىتى، قۇرسى ئىتتىرفل چوبىچىن،ە قۇسى بىنەپشە،قۇرسى ئۆشبە، مۇنزىچ دانچىسى، كاشكاپ دانچىسى،قۇرسى سۆرۈنجان، قۇرسى يەھيا، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن، ھەببى لوبوبى كەبىر ، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت ، ئەبرىشىم دانچىسى.

 ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى ، قۇرسى جاۋرىش ئامىلە  ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى ، نارپىننە ئىچىملىكى.

 ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە توۋەندىكى شەربەتلەر مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ، قۇرسى نۇجاھ .

 يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282