busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 19 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 8412 قىتىم كۆرۈلدى
خەتەرسىز غەيرى تەبىئى نەپەسلىنىش
 1-چوڭ نەپەسلىنىش: بىرخىل چوڭ-چوڭ نەپەسلىنىش پائالىيتى بولۇپ. بىر قېتىملىق نەپەسلىنىشتە كۆپرەك ھاۋا سۇمۇرۇش ۋە چىقىرىش لازىم بولغاندا يۇز بېرىدۇ. بۇنىڭدا نەپەس ئەزالىرى بىردەك ھەركەتكە كېلىدۇ. ھاياتلىق كۇچىمۇ كۇچلۇك بولىدۇ. مەسىلەن:ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىش تىز يۇگۇرۇش،ھىبىرقىپ ئۇخلاش،ئېغىر يۇك كۆتۇرۇش،ئىگىزگە ئىتتىك چىقىش قاتارلىقلاردا چوڭ نەپەسلىنىش يۇز بېرىدۇ. لىكىن بۇ نورمال ئەھۋال.
2-كىچىك نەپەس ئېلىش: ھاۋا تارتىشش نورمال مىقتاردىن تۆۋەن بولغاندا ياكى نەپەس ئەزالىرى ئېھتىياجىغا لايىق كېڭىيەلمىگەندە شۇنىڭدەك بۇلغانغان ھاۋانىڭ چىقىرلىشى نورمالىدىن تۆۋەن بولغاندا كىچىك نەپەس ئېلىش يۇز بېرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نەپەس ئەزالىرىدا بىرەر كېسەللىك يۇز بەرگەن بولۇپ چوڭراق ھەركەتلىنىپ كۆپرەك ھاۋا تارتىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇنداق نەپەسلىنىش قۇۋەت كەمىيىپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر نەپەس كىچىك بولۇش بىلەن بىرگە ئارقىمۇ-ئارقا(موتۋاتىر)بولسا ئىھتىياجنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئى ئىسسىقلىق يوقالغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال يۇقارقى ھارارەتلىك(كېزىككە ئوخشاش)كېسەللىكلەردە يۇز بەرسە ئۆلۇمنىڭ نىشانىسىدۇر. بەزىلىرىنىڭ كۆكرەك ساھەسىدە ئاشقازاندا ۋە بولارغا يانداش بىرەر ئەزادا قاتتىق ئاغرىق بولغاندىمۇ ئەزا بىلەن نەپەس ئورگانلىرى ئارىسىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ نەپەس كېچىكلەيدۇ. بەزىلەرنىڭ كۆكرەك قەپىزى توغما كىچىك ھاۋا يولى تار بولسىمۇ كىچىك نەپەسلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىۇ.
3-قاتتىق نەپەس ئېلىش:  بۇ چوڭ نەپەسلىنىشكە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ئادەم خۇددى بۇرنىغا پاختا تىقىپ تەسلىكتە نەپەس ئالغاندەك ناھايىتى كۇچەپ زورقۇپ نەپەس ئالىدۇ. سەۋەبى ھاجەت(ئىھتىياج)كۆپ،ھايتى كۇچى ئارتۇق بولۇش بىلەن بىللە نەپەس ئەزالىرى بۇنىڭغا بوي سۇنمىغانلىقتىن بولىدۇ.
4-يۇقۇرى نەپەس ئېلىش :  بۇ مۇ چوڭ نەپەسلىنىشكە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ۋە كۆكرەك ئىچكى يۇزىدىكى گۆشلەرنى بىللە ھەركەتلەندۇرىدۇ .سەۋەبى نەپەسلىنىشكە بولغان ئىھتىياجنىڭ كۆپلىكى ۋە نەپەس يوللىرىنىڭ تارايغانلىقى ياكى توسالغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا كېزىك قارا كېزىك،يۇقۇملۇق قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردە يۇز بېرىدۇ.
5-ئۇزۇن نەپەس ئېلىش: بۇ خىل نەپەسلىنىشتە ساپ ھاۋانى كۆپ سۇمۇرۇش ۋاقتى ئادەتتىكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. بۇ كۆپۇنچە نەپەس يولى تەبىئى تار ياكى تارايغانلاردا يۇز بېرىدۇ.
6-قىسقا نەپەس ئېلىش: بۇنىڭدا ساپ ھاۋانى شۇمۇرۇش ۋاقتى ئادەتتىكىدىن قىسقا بولىدۇ. قۇۋەتنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ياكى ھەركەتلەندۇرگۇچى ئورگاننىڭ ئەھۋالى ناچارلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ خىلدىكى نەپەسلىنىشقا ئارقىمۇ-ئارقا (موتىۋاتىر)نەپەس ئېلىش قوشۇلۇپ كەلسە نەپەس ئەزالىرىدا ياكى ئۇنىڭ يېنىدىكى قوشنا ئەزالاردا ئاغرىق بارلىقىنى بىلدۇرىدۇ. ناۋادا بۇ خىلدىكى نەپەسلىنىشكە تەپەۋۇتلۇق (ئىلگىرى كېيىن نەپەس ئېلىش)يېقىندىن قوشۇلۇپ كەلسە تەبىئى ئىسسىقلىقنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
7-تىز نەپەس ئېلىش: كېڭيىش مۇددىتى ئادەتتىكىدىن قىسقا بولسا تىز نەپەس ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بەدەننىڭ ساپ ھاۋاغا بولغان ئىھتىياجى كۇچلۇك بولسىمۇ نەپەس ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا ماسلىشالمىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.
8-ئاستا نەپەس ئېلىش: نەپەسلىنىشنىڭ نورمال ۋاقتىتا ھەركەتكە كەلمىگەنلىكىگە قارىتىلغان نەپەسلىنىشنىڭ نورمال ۋاقىتتا ھەركەتكە كەلمىگەنلىكىگە قارىتىلغان بولۇپ ھەركەت ئەزالىرىغا ياكى ھاياتى كۇچكە ياكى نەپەس ئەزالىرىغا بىرەر ئاپەت يەتكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا كېڭىيىش ھەركىتى نورمالدىن ئاستا بولىدۇ.
9-ئارقىمۇ-ئارقا نەپەس: بۇ نەپەسلىنىش جەريانىدىكى ئىككى ھەركەت ئىلكىسى ئوتتۇرسىدا ۋاقىتنىڭ مۇۋاپىق بولماي بەلكى بەك قىسقا بولغانلىقىغا قارىتىلغان بۇ خىل ئەھۋال نەپەسلىنىشكە بولغان ئىھتىياجنىڭ كۆپلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كۆپۇنچە كۆكرەك بوشلىقىدا يېرىڭلىق جاراھەت بولغاندا مەسىلەن:ئۆپكە يېرىڭلىق يارىسى، ئۆپكە ئىششىغى ياللۇغ، يەل قاداق، قوۋۇرغا ئارلىق ئەسەبلىرى سانجىقى قاتارلىق كېسەللىكلەردە يۇز بېرىدۇ.
10-ئىلگىرى-كيىن نەپەس ئېلىش: بۇ نەپەسلىنىش جەريانىدىكى ھەر كەت ۋە جىملىق ئوتتۇرسىدىكى ۋاقىتنىڭ بەك ئۇزۇن بولغانلىقىغا قارىتىلغان بۇ ئەھۋال قاتتىق سوغۇقتا توڭۇپ كەتكەندە (توڭلاپ قالغانلاردا)ياكى قۇۋۋەتنىڭ يۇقۇرلىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردا يۇز بېرىدۇ.
11-ئىسسىق (قىزىق)نەپەس: چىققان نەپەس بۇرۇن ۋە ئېغىزدىن ئىسسىق چىقىدۇ. كۆكرەك ئەتراپىدىكى ئەزالارغا تۇتۇپ كۆرگەندە ئىسسىق بىلىنىدۇ. بۇ كۆپۇنچە قاتتىق ئىسىسقلىق (ھارارەت)كېسەللىكلىرىدە يۇز بېرىدۇ.
12-سوغۇق نەپەس: سوغۇق نەپەس ئىسسىق نەپەسنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ئەسلى تەبىئى ھارارەت يوقاپ كەتكەنلەردە يۇرەكنىڭ مىزاجىنى سوغۇقلۇق ئىگەللەپ قالغاندا يۇز بېرىدىغان بولۇپ يامان بەلگە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھارارەتلەر،قوقاقلىق كېسەللەردە بۇ ئەھۋال يامان ئاقىۋەتتىن دېرەك بېرىدۇ.
13-ئۇلاشما نەپەس:  بۇنىڭدا نەپەسلىنىشتىكى كېڭىيىش ۋە تارىيىش ھەركەتلىرى بىر-بىرىگە ئولىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇخىل ئەھۋال بەدەن ئېھتىياجىنىڭ كۆپلىكى ئەمما نەپەسلىنىش ئەزالىرىنىڭ ماسلىشالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
14-ئۇزۇلۇپ نەپەس ئېلىش: بۇنىڭدا كېڭىيىپ ۋە تارىيىپ تۇرۇش ھەركىتى تاماملانماي تۇرۇپ ئىككىنجى ھەركەت باشلىنىدۇ. يەنى تارىيىش تاماملانماي تۇرۇپلا كېڭىيىش باشلىنىپ قالىدۇ. بۇ قوۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقى ،ئەزالارنىڭ بويسۇنماسلىقى ھەمدە ھاجەتتىڭمۇ ئازلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
15-تېتىرەپ نەپەس ئېلىش: بۇنىڭدا كېڭىيىش ۋە تارىيىش ھەركەتلىرىدە تېتىرەش يۇز بېرىدۇ. بۇ قۇۋۋەت ئاجىزلاپ كەتكەندە نەپەس ئەزالىرىدا قېتىۋىلىش يۇز بەرگەندە كېلىپ چىقىدۇ.
16-سېسىق نەپەس ئېلىش: بۇنىڭدا تىنىق سېسىق پۇراش خاراكتېرلىك بولىدۇ. لىكىن  بۇنىڭ ئادەتتە ئېغىر  پۇراش(بەفەر)بىلەن پرقى شۇكى، ئېغىز پۇراشتا تىنىقتا ئىسسىقلىق بولمايدۇ پەقەت ئېغىزلا پۇرايدۇ. ئەمما سېسىق نەپەس ئېلىشتا تىنىق پۇراش بىلەن بىللە ئېغىز پۇرىغاندەك تۇيۇلىدۇ. بولۇپمۇ بۇرۇندىن چىققان تىنىق بەكرەك پۇرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار كۆپۇنچە كۆكرەك بوشلۇقىدىكى قوقاقلىق ئىششىقىدا ياكى ئۆپكىنىڭ چوڭ-كىچىك ھاۋا يوللىرى ۋە پۇۋەكچىلىرىدە چىرىش خاراكتېردىكى ئۆزگۇرۇش پەيدا بولغاندا يۇز بېرىدۇ.
17-بوغۇق نەپەس: بونىڭدا كىشى ئېغىزىنى چوڭ ئاچمىغىچە نەپەس ئالالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە تەسلىكتە تىنىدۇ. بۇ ئۆپكە ھاۋا يوللىرىدا توسۇلۇش يۇز بەرگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.
18-يېقىمسىز نەپەس: بۇنىڭدا كىشى ئۆز تىنىقىدىن راھەتلەنمەيدۇ. ۋە تىنىشنى ياقتۇرمايدۇ، تىنىشقا ناھايىتى ئېرىنىدۇ، بۇ تەبىئى ھارارەت(ھاياتى ئىسسىقلىق)ۋە قۇۋۋەت قالغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
19-تۆۋەن نەپەس: بۇ خىل نەپەس ئۇزۇلۇپ نەپەس ئېلىشقا ئوخشاش قۇۋەتنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. لىكىن ئۇ ئۆزۇلۇپ نەپەس ئېلىشتىن ناچار بولۇپ تۆۋەنلەش مۇددىتى ئۇزۇنراق بولىدۇ.
20-بۇرۇن پەررىكىدىكى نەپەس: بۇنىڭدا كىشى نەپەس ئلاغاندا بۇرۇننىڭ قانىتى كېرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ھارارەت تۆۋەنلەپ كەتكەندە ،قۇۋۋەت يوقۇلۇپ تەبىئى ئاجىزلاپ كەتكەندە يۇز بېرىدۇ. بەزىدە نەپەس ئەزالىرى قاتتىق تاريغان بوغۇلغان ۋە ئۆپكە ئىشىشغاندا ياكى بوغما كېسەلدە يۇز بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاۋا يوللىرىدا يېرىڭ يېغىلىپ قېلىش يامان سۇپەتلىك خىلىتلار قويۇلىشتىنمۇ يۇز بېرىدۇ.
21-توختاۋسىز نەپەس: بۇنىڭدا كىشى نەپەس ئېلىش ئارلىقى ئۇزۇلمەي تۇرۇپلا ئارقىمۇ-ئارقىدىن تىز نەپەس ئالىدۇ. بۇ ئۆتكۇر قۇقاقلىق ياللۇغلىنىشلاردا قاتتىق توسۇلۇشلاردىن يۇز بەرگەن بوغۇلۇشلاردا يۇز بېرىلىدۇ.
تەبىئى نەپەسلىنىش
 كىرگىت پەردىنىڭ كېڭيىشى قىسقىرىشى ۋە قوۋۇرغلارنىڭ سىقىشى بىلەن ئۆپكە سىقىلىپ بۇزۇق بۇس-بۇخاراتلارنى سىرىتقا چىقىرىدۇ. كېڭىيىش بىلەن سىرىتتىن ساپ ھاۋانى قوبۇل قىلىپ يۇرەككە خۇشلۇق يەتكۇزىدۇ. بۇ تەبىئى نەپەسلىنىشتۇر. كېشىلەرنىڭ يېشى،جىنسى ئايرىمىسى ۋە باشقىلارغا ئاساسەن مۆلچەر قىلىنغان تەبىئى نەپەس بەلگىلىك قېتىم سانغا ئىگە بولىدۇ. يەنى ياش ئىتىبارىدىن قارىغاندا يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ بەش ياشتىكىلەرنىڭ بىر مىنوتتىكى نەپەس تەخمىنەن 44قېتىم.5-15ياشتىكىلەرنىڭ 50قېتىم. 15-20ياشقىچە بولغانلارنىڭ 17قېتىم. 30-50ياشتىكىلەرنىڭ 18قېتىم ئەتراپىدا بولىدۇ. جىنسى ئىتىبارىدىن قارىغاندا نەپەسلىنىش ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللاردا سەل تىز بولىدۇ. باشقا جەھەتتىن ئالغاندا دەم ئېلىۋاتقان ھالەتكە نىسبەتەن تەنھەركەت ۋە ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندا شۇ ھەركەتنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قراپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تىزلىشىدۇ. خوشلۇققا نىسبەتەن قايغۇرغاندا بىر ئاز تىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكىسچە بولسا غەيرى تەبىئى ياكى نا مۇۋاپىق نەپەسلىنىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
نەپەسلىنىشنىڭ ياخشى بولىشى ئۇچۇن روھى كۇچ (ھاياتلىق كۇچ)ۋە نەپەسلىنىش ئەزالىرى ساغلام بولىشى ھەمدە يۇرەك ئۆپكە ۋە باشقا ئەزالارنىڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى بولىشى شەرىت. نەپەسلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىق ئەزالارنىڭ بىرىدە كېسەللىك (ۋەرەم)بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نەپەس ئېلىش خۇددى تومۇر ھەركىتىدە ئەزالاردىكى ئۆزگۇرىش ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بىراق تومۇر ھەركىتى ئادەمنىڭ ئىختىيارىغا بوي سۇنمايدۇ نەپەسلىنىش ئادەمنىڭ ئىختىيارىغا بوي سۇنىدۇ. چۇنكى ئادەم نەپەسنى مەلۇم ۋاقىت توختىتاي دىسە توختىتالايدۇ.
تەييارلىغۇچى : نەپەس كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282