بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 19 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 33441 قىتىم كۆرۈلدى
كېچىكىپ سېزىش
- سوتچى ئەپەندىم بىر مېنى كەركىدان دېسە،مەن ئۇنى يامان غەرەزدە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەرىز قىلسام بولامدۇ؟
- ئۇ قاچان سىزنى كەركىدان دىگەنىدى؟
- ئۈچ يىل بۇرۇن.
- نېمە؟سىز نىمىشقا ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئىشنى ئەمدى ئەرىز قىلىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟
- ئىش مۇنداق،سوتچى ئەپەندىم بۇرۇن مەن كەركىداننى كۆرۈپ باقمىغانىدىم،پەقەت تۈنۈگۈنلاكەركىداننىڭ قانداقلىقىنى كۆردۈم.
يۇمۇرلار خەزىنىسىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت