busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 10 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 32805 قىتىم كۆرۈلدى
‹‹رادىئاتسىيىدىن ساقلىيالايدىغان پەرداز بۇيۇمى›› زادى قانداق نەرسە؟ ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن شۇنداق ئىقتىدار بارمۇ - يوق؟
   ئېلېكتىر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ سالامەتلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ- سۆزلەرنىڭ مەتبۇئات، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بۇ ئەھۋال ‹‹رادىئاتسىيىدىن ساقلىيالايدۇ››غان تۈرلۈك- تۈمەن خىل مەھسۇلاتلارنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ بازارغا يوپۇرۇلۇپ كىرىشىگە سەۋەپ بولدى. ‹‹ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسىدىن ساقلىنالايدىغان پەرداز بۇيۇمى›› شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، يۇقىرى پەن- تېخنىكا مەھسۇلاتى دەيدىغان تاج بىلەن ياسىنىپ بازار ئىگىلەۋاتىدۇ. ‹‹رادىئاتسىيىدىن ساقلىيالايدىغان پەرداز بۇيۇمى›› زادى قانداق نەرسە؟ ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن شۇنداق ئىقتىدار بارمۇ - يوق؟ 
   سودا سارايلىرىغا كىرسىڭىز، پەرداز بۇيۇملىرى يايمىسىدىكى مال ساتقۇچىلارنىڭ‹‹گې لىشۇاڭ›› دېگەندەك پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىستېمالچىلارغا كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ‹‹بۇنىڭغا ئالاھىدە بىر خىل ماددا قوشۇلغان، ئولتىرا بىنەپشە نۇرىدىنمۇ، ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسىدىنمۇ ساقلىيالايدۇ›› دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈشەندۈرىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. بەزىلىرى ھەتتا ‹‹كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسىدىن ساقلىيالايدىغان پەرداز بۇيۇمى››نى ئىشلىتىشىڭىزنى ئۇدۇللا تەۋسىيە قىلىدۇ.
   ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ خىل پەرداز بۇيۇمى تەركىبىدە پولىفېنوللۇق فېرمېنت ئېلېمېنتى بارمىش، بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ‹‹رادىئاتسىيىنى ناھايىتى ياخشى نىتراللاشتۇرۇش رولى بولۇپ، %99.7 ئېلېكتىر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدۇ›› كەنمىش. يەنە تېخى‹‹ئاستاكسانتىن›› دەپ ئاتىلىدىغان ماددىمۇ بولۇپ، بۇ ماددا ‹‹ئوكسىدلىشىشقا تاقابىل تۇرالايدۇ›› مىش، شۇڭا، ‹‹تېرىنى كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىيالايدۇ››كەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىيىشىچە،  بۇنداق  كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسى بىلەن تېرىنىڭ زەخمىلىنىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى تېخى بارلىققا كەلگىنى يوق، ‹‹كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسىدىن ساقلىيالايدىغان پەرداز بۇيۇمى›› دېگەن ئاتالغۇنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي نەزەرىيە ئاساسى يوق، دەپ كۆرسەتتى. شۇڭا مال ساتقۇچىلارنىڭ بۇ ‹‹چۈشەندۈرۈش››لىرى، ‹‹تەشۋىق››لىرى پۈتۈنلەي خوجايىنلارنىڭ ئويۇنىدىنلا ئىبارەت.
   ‹‹گې لىشۇاڭ››غا دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇششاق تىتانلىق ئاقارتقۇچ كۈكۈندىسى، سىنىك ئوكسىدى قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار كۆز بىلەن كۆرگۈلى بولمايدىغان بىر قەۋەت قاتتىق پەردە ھاسىل قىلىپ، تېرىنى سىرتقى مۇھىتتىن ئايرىۋېتىدۇ. بۇ بىر خىل فىزىكىلىق ھالەت، يەنى فىزىكىلىق ئايرىۋېتىش بولۇپ، ماگنىت كۈچ سىزىقلىرىنىڭ تېرىگە ئۆتۈشۈشىنى ھەرگىزمۇ توسىيالمايدۇ، ‹‹پولىفېنوللۇق فېرمېنت›› تەبىئى ئۆسۈملۈكلەردىنلا بايقالغان پولىفېنول تۈرىدىكى ماددا، ‹‹ئاستاكسانتىن›› بولسا ھايۋاناتلار تېنىدىكى بىر خىل كىسانتوفىل. ئۇلارنىڭ گەرچە ئوكسىدلاشقا تاقابىل تۇرالايدىغان رولى بولسىمۇ، تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ‹‹ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدۇ›› دىيىش ھەقىقەتەن ئاشۇرىۋەتكەنلىك.
   شۇڭا، دائىم كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنى  ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، تازىلىققا دىققەت قىلىشى، كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىشى، ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك  ئاتالمىش ‹‹يۇقىرى پەن- تېخنىكا مەھسۇلاتى››لىرىغا ئالدىنىپ، قىلتاققا چۈشۈپ قالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282