busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 10 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 41787 قىتىم كۆرۈلدى
ھەسەلدە ھۆسن تۈزەش
   1. بىر قۇشۇق ھەسەلگە 2–3 ھەسسە سۇ قۇيۇپ ئېرىتىپ ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزىگە سۈرتۈپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ بەرسە يۈز تېرىسىنى پارقىراق ھەم يۇمران قىلىپ ، يۈزدىكى قۇرۇقنى ئازايتىدۇ .
   2. ھەپتىدە ئىككى قېتىم 50 گرام ھەسەلگە بىر دانە تۇخۇم ئېقىنى ئارلاشتۇرۇپ ، ئىلمان سۇ بىلەن يۈزنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ، يۈزگە سۈرتۈپ ئۇۋۇلاپ ، يېرىم سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، تۈك تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىپ ، قۇرۇق يوقىتىپ ، يۈنى پارقىراق قىلىدۇ .
   3. ھەسەل بىلەن گېلىتسىرىن ئۇنىنى ئوخشاش مىقداردا ئېلىپ ، ئۈچ ھەسسە سۇ ئارلاشتۇرۇپ ، مەلھەم قىلىپ يۈزگە سۈرتۈپ ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، تېرىنى يۇمران ، سىلىق قىلىدۇ . قورۇق ، سېرىق داغنى يوقىتىدۇ . چىقان ۋە دانىخورەكنى داۋالايدۇ .
   4. بىر ئايغىچە ھەسەلدىن بىر قوشۇق ، سۈت تالقىنىدىن ئىككى قوشۇق ، بىر دانە تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، يۈزگە سۈرتۈپ ، 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، قۇرغاق تېرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .
   5. ھەسەلدىن بىر قۇشۇق ، ئۈزۈم شەربىتىدىن بىر قۇشۇق ئېلىپ ، ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا ئۇن ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە چېپىپ 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە يۈزنى سىلىق يۇمران قىلىدۇ .
   6. ھەسەلدىن 50 گرام ئاق ھاراقتىن 15 مىلىگرام ، ئۇندىن 50 گرام ئېلىپ ، ئۈچىنى ئارلاشتۇرۇپ ، يۈر ۋە بويۇن قىسمىغا سۈرتۈپ 15 مىنۇت ئۇۋۇلاپ بەرسە ، يۈزنى نەمخۇش قىلىپ ، تېرە يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە تېرىنىڭ ئۇزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ .
   7. ھەسەلدىن بىر قۇشۇق ، ئانا ھەرە ھەسىلىدىن بىر قۇشۇق ، بىر دانە تۇخۇم ئېقى ھەم مەلۇم مىقداردا گۈل چېڭىنى ئارلاشتۇرۇپ ، يۈزگە سۈرتۈپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن بىر گرام ئانا ھەرە ھەسىلى ۋە مەلۇم مىقداردا گېلتسىرىننى ئارلاشتۇرۇپ ، يۈزگە سۈرسە ، يۈزدىكى قارا داغنى يوقىتىپ ، يۈزگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ .
   8. بىر قۇشۇق ھەسەلنى يېرىم ئىستاكان سۈتكە ئارىلاشتۇرۇپ ، چاچنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن چاچقا چېپىپ ، 15 مىنۇت  تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسە ، چاچنى پارقىراق  ، سىلىق قىلىدۇ .
   9. 800 گرام ئۈجمە يۇپۇرمىقى ، 200 گرام سىياداننى سوقۇپ ئۇندەك بولغاندا ، 500 گرام ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ، 80 قىچە قىزىتىمىز ، ئاندىن 5 گرامدىن قىلىپ كۇمىلاچ تەييارلاپ ، ھەر كۈنى ناشتىدىن بۇرۇن بىر تالدىن ئىستېمال قىلسا ، چاچقا بالدۇر ئاق چۈشۈشنى داۋالىغىلى بولىدۇ .

 

شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282