busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 10 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 23775 قىتىم كۆرۈلدى
كالتسىينى قانچە كۆپ تولۇقلىسا ، شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
كۆپ قىسىم ياشانغانلار كالتسىينى قانچە كۆپ تولۇقلىسا ، سۈمۈرۈلۈشىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەمەس . نۇرغۇن ئامىللار كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . مەسلەن ، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش ياكى كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش ياكى ئۇزۇن مۇددەت كورتىزون تۈرىدىكى ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىچىش قاتارلىقلار كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە پايدىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . بىماردا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ، ئۈچەي يولى كېسىلى بولسىمۇ كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ياخشى بولمايدۇ . ھازىرقى تېببىي تەتقىقاتتا كالتسىي تولۇقلاش ئارقىلىق سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۆڭەك سۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ئىلمىي ئەمەس ، كۆپ مىقداردا كالتسىي قوبۇل قىلىش بەدەنگە ، بولۇپمۇ ياشانغانلارغا زىيانلىق ، دەپ قارىلىدۇ . تەتقىقاتتا بايقىلىشچە ، كۆپ مىقداردا كالتسىي تولۇقلىغاندا بۆرەككە تاش چۈشۈش ، غەيرىي ئورۇن كالتسىيلىشىش ، سوققان تومۇر بوتقىسىمان قېتىشىش قاتارلىق كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ .
سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پەقەت كالتسىي تولۇقلاشلا كۇپايە قىلمايدۇ ، ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاش ، مۇۋاپىق چېنىقىش ئارقىلىق سۆڭەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاپ ، سۆڭەڭنىڭ زىچلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك . كالتسىي تولۇقلاشنى چوقۇم مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەقسەتلىك ، پىلانلىق ، قاراتمىلىق ھالدا ئېكىپ بېرىش كېرەك .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282