busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 41931 قىتىم كۆرۈلدى
تېرە ئاسراشتىكى ئالتە خىل سەۋەنلىك
    1. يۈزدىكى پەردازنى يۇيۇۋەتمەي ئۇخلاش . ئەگەر يۈزدىكى پەردازنى يۇيۇۋەتمەي ئۇخلىغاندا ، چىراي سۇلغۇن بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزنى پاكىز سۇدا يۇيۇۋېتىپ ئۇخلاش كېرەك .
     2 . تېرە ئاسراش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەسلىك . تېرە ئاسراش ئۇسۇلىنى ئادەتتە ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك. مەسلەن ، يازدا سۇيۇقراق تېرە ئاسراش مايلىرىنى ، قىشقا قۇيۇقراق تېرە ئاسراش مايلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك .
    3. بەدەن تېرىسىنى ئاسراشقا سەل قاراش . بەدەن تېرىسى بولۇپمۇ ئىككى بىلەك ۋە ئىككى پۇتنىڭ تېرىسىدە يۈز تېرىسىگە قارىغاندا ماي بەزلىرى ئاز بولىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەن تېرىسىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . يۇيۇنغاندىن كېيىن تېرە ئاسراش سۇيۇقلىقىنى سۈرتۈش بىلەن بىللە ، يەنە ۋىتامىن B نىمۇ سۈرتۈپ بېرىش كېرەك .
   4. يۈزنى پاكىز يۇيماسلىق . يۈزنى پاكىز يۇيمىغاندا قالدۇق ماددىلار يۈز تېرىسىدىكى ئۇششاق تۆشۈكچىلەرنى توسۇۋېلىپ ، تېرىنىڭ قۇرغاق تۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ . شۇڭا يۈزنى چۇقۇم ئىسسىق سۇدا پاكىز يۇيۇپ ، تېرىدىكى قالدۇق ماددىلارنى تەلتۆكۈس چىقىرىۋېتىش كېرەك .
    5. تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى خاتا تاللاش . ھەددىدىن زىيادە قۇيۇق ياكى قۇرغاق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش تېرە ئۈچۈن زىيانلىق . شۇڭا ھەر كىم ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ، ئۆز تېرىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك .
6 . تېرىنى زىيادە ھۆل قىلىۋېتىش . يۈز تېرىسىنىڭ ھەممىلا يېرى ئوخشاش بولمايدۇ . پىشانە ۋە بۇرۇن قىسمىدىن ھەمىشە ماي چىقىپ تۇرىدۇ ، شۇڭا بۇ جايلارغا تېرە ئاسراش مايلىرىنى بەك كۆپ سۈرتۈش ھاجەتسىز . يۈزنى پاكىز يۇيۇپ ، قۇرۇتۇپ ، 30 مىنۇتتىن كېيىن ، قايسى ئورۇننىڭ تېرىسى تارتىشسا ، شۇ ئورۇنغا تېرە ئاسراش مېيى سۈرتسىلا بولىدۇ .
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282