busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 12 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 41454 قىتىم كۆرۈلدى
ھامىلىگە زىيانلىق خىزمەتلەر
     1. قوغۇشۇن ، سىماب قاتارلىق مېتاللار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئاياللار . بۇنداق ئاياللار ھامىلدار بولسىمۇ ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدۇ . سىماب ھامىلىنى غەيرىي يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ ، قوغۇشۇن بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . گۇڭگۇرت تۆت ئوكسىدى ، كىسلېن ، فېنېل ، بېنزىن قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ .
    2 . يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ، شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار . بۇنداق مۇھىت ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز .
    3. ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە تەتقىقاتى ، تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى رادىئاتسىيە نۇرى بار جايدا ئىشلەيدىغان ئاياللار . ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە ھامىلىنىڭ كۆرۈنمەس قاتىلى بولۇپ ، ھامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ ، ھەتتا غەيرىي يېتىلىش ۋە ئۆلۈپ قېلىشتەك ئەھۋاللارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    4 سېسترالار . بۇلار دائىم ھەر خىل ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا ،  ھەر خىل كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ئۇلارغا ئەڭ يېقىن بولىدۇ . بەزى ۋىرۇسلار ھامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ .
5. نۇرغۇن دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئاياللار ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ ، بويىدىن ئاجراش ، ھامىلە غەيرىي يېتىلىشپ قېلىش ، ھامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز تۇغۇلۇشتەك ئەھۋللارغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . دېھقان ئاياللارمۇ بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك .
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282