busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 10 دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7890 قىتىم كۆرۈلدى
پەرزەنت تەربىسىدىكى بەزى خاتا قاراش ۋە ئۇسۇللار
1.بالىلار كىچىكىدىن پۇل خەجلەپ ئادەتلەنسە، پۇلنى توغرا ئىشلىتەلەيدىغان بولىدۇ، دەپ قاراش
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلار كىچىكىدىن پۇل خەجلەپ ئادەتلەنسە كىيىنكى كۇنلەردە پۇلنى توغرا ئىشلىتەلەيدۇ،دەپ قاراپ بالىلىرىنىڭ ئايىغى چىققاندىن باشلاپ خەجلەشكە پھرچە پۇللارنى بىرىدۇ.ئەگەر بالىغا كۇندەپۇل بىرىپ كۆندۇرۇلسە بالا پۇلنىڭ كىلىش مەنبەسىنى بىلمەي، خەجلەشنىلا بىلىپ، كىچىكىدە ئازراق پۇلغا رازى بولغان بىلەن يېشى چوڭايغانسىرى كۆپرەك بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەم ھۇرۇن، ئىش خوشياقماس بولۇپ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا بالىلارغا كۇندە پۇل نىرىپ كۆندۇرمەسلىك، پۇل بەرگەندە پۇلنىڭ كىلىش مەنبەسىنى چۇشەندۇرۇش، شۇنداقلا لازىمەتلىك نەرسىلىرىنى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى بىللە چىقىپ ئېلىپ بىرىش كىرەك.  
2.بالىلارغا قانچە قاتتىق قول بولسا، شۇنچە پايدىلىق، دەپ قاراش
بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرى ئۆزىنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىسا، بالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلماستىن، ئۇلارغا ھەرخىل بېسىملارنى ئىشلىتىدۇ، ھەتتا ئۇرۇپ-تىللاپ قورقىتىدۇ. ناۋادا بۇخىل ئەھۋال ئىزچىل داۋاملاشسا، بالىلارنىڭ بەزىلىرى قورقۇنچاق، يالغانچى، كۆز بويامچى بولۇپ قالىدۇ. بەزىلىرى بولسا قاششاقلىشىپ تاياقتىنمۇ قورقمايدىغان، يەنە تېخى چوڭلار بىلەن قارشىلىشىدىغان، تەربىيە قۇبۇل قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
3.ئىمتاھاندا يۇقىرى نۇمۇر ئالساڭ مۇنچە پۇل بىلەن مۇكاپاتلايمەن ياكى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭنى ئېلىپ بىرىمەن، دەپ ۋەدە بىرىش
بۇ ئۇسۇل گەرچە مەلۇم جەھەتتە بالىلارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش رولىنى ئوينىسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى قوزغىتالمايدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىسى بىرىدىغان پۇلنى دەپلا ئۆگىنىدىغان، ئەەر ئاتا-ئانىلار ۋەدىسىدە تۇرمىسا ئۆگىنىشتىن ۋاز كىچىدىغان ناچار ئادەتنى يىتىلدۇرۋالىدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئالدىراپلا، سىنىپ بويىچە مانچىنچى قاتارغا كىرەلەسەڭ ياكى‹‹ئۈچتە ياخشى››ئوقۇغۇچى بولالىساڭ ياخشى كىتاپلارنى ئېلىپ بىرىمەن، تەتىلدە ساياھەتكە ئېلىپ چىقىمەن، دېگەندەك ۋەدىلەرنى بەرمەسلىك كىرەك. 
4.بالىلارنىڭ رايىغا بېقىش ئۇلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ئەركىن چوڭ بولىشىغا پايدىلىق، دەپ قاراش
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ، ئامراقلىق قىلىپ ياكى ۋاقىتلىق زىددىيەتتىن قېچىپ بالىلىرى نىمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى قىلىپ بىرىدۇ، ھەتتا بالىلىرىنىڭ بەزىبىر يولسىز تەلەپلىرىنىمۇ ئورۇنلاپ بىرىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئالى دەرىجىلىك كىيىملەر بىلەن قونچاقتەك ياساپ، قىممەت باھالىق ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بىرىدۇ. بۇخىل ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا بالىلار چوڭ بولغانسىرى ئۆز سايىسىغا تولا قاراپ، ئۆگىنىش بىلەن كارى يوق كىيىم-كىچەككىلا قىزىقىدىغان، چىدامسىز شەخسىيەتچى، باشقىلار بىلەن بەسلىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، ئۆزىدە ماختانچاقلىق، ھاكاۋۇرلۇق، جاھىللىق قاتارلىق ناچار خاراكتىرنى شەكىللەندۇرۋالىدۇ.شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق تەلەپلىرىنى ئورۇنلاپ، يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلىش كىرەك.
5.بىر تەرەپ تەربىيە بىرىۋاتقاندا يەنە بىر تەرەپ يان بېسىش
بەزى ئائىلىلەردە بالىلار خاتالىق ئۆتكۇزۇپ قويغاندا، ئاتا-ئانىنىڭ بىرى تەربىيە بىرىۋاتقاندا يەنە بىر تەرەپ بالىغا يان بېسىپ، نەق مەيداندىلا قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىگە قارشى چىقىدۇ. بۇخىل ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشسا بالا ئاتا-ئانىسىدىن بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، يەنە بىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىزغا ئامراق بولسىڭىز ياكى قارشى تەرەپنىڭ تەربىسىنى بەكرەك قاتتىق بولۇپ كەتتى، دەپ قارىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ بالىڭىز يوق يەردە ئۆز پىكرىڭىزنى قارشى تەرەپكە ئېنىق ئېيتىشىڭىز كىرەك. بۇ پەرزەنت تەربىسىدىكى ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل.
6.بالىلارنى چوڭلار باقسا ياخشى بولىدۇ، دەپ قاراش
 خىزمەت قىلىدىغان ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن پەرزەنتلىرىنى ئۆزى بېقىشتا مەلۇم قىيىنچىلىقلار بولغاچقا، بالىلارنى چوڭلارنىڭ بېقىپ بىرىشىگە توغرا كىلىدۇ. بۇنداق بالىلار بەزى يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرۋالغاندا ئۆز ئاتا-ئانىسى تەربىيە بەرسە، چوڭلار:‹‹ئاتا-ئاناڭ سىنى قانچىلىك بېقىپتىكەن، سىنى مۇشتۇمدەك ۋاقتىڭدىن باشلاپ بىز باققان، ئۇلارنىڭ ساڭا تەربىيە بىرىپ كەتكۇدەك نىمە ھەققى؟››دەپ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىلىرىغا بەرگەن تەربىيسىنى ئىنكار قىلىۋىتىدۇ. بۇخىل مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار كىيىن ئۆز ئاتائانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۆز بېشىمچى، كاج، جاھىل خاراكتىرنى شەكىللەندۇرۋالىدۇ. شۇڭا مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى بولسۇن، بالىلارغا بېرىلگەن تەربىيە مۇۋاپىق ۋە پايدىلىق بولسىلا ئۆز ئارا ئىنكار قىلىۋەتمەسلىكى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەربىيسى بىردەك بولىشى كىرەك. .
7.ئادەتتىكى ۋاقىتتا بالىلار بىلەن كارى بولماسلىق، ئمتاھان نەتىجىسىگە قاراپلا جازالاش
بەزى ئاتا-ئانىلار ئادەتتىكى ۋاقىتتا بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئانچە كۆڭۇل بۆلمەيدۇ. لىكىن ئىمتاھان نەتىجىسى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بولۇپ قالسا بالىلىرىنى تىللايدۇ ھەتتا ئايرىم ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قاتتىق ئۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزى بالىلار ئىمتاھان نەتىجىسى تۆۋەن بولۇپ قالسا ئۆيگە قايتىشتىن قورقۇپ بېشى قايغان يەرلەردە يۇرۇپ ئويلىمىغان ئەھۋاللارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.2005-يىلى9-ئايلاردىكى بىر قېتىملىق تېلىۋىزىيە پىروگىراممىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەلۇم ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىسىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ يەر ئاستى يولدىن تېپىۋىلىپ مەكتەپكە خەۋەر قىلغانلىقىنى، ھېلىقى ئوقۇغۇچىدىن نىمىشكە ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتاھاندا تۆۋەن نۇمۇر ئېلىپ قالغانلىقىنى، ئۆيگە بارسا دادىسىنىڭ ئۆزىنى تۇرۇسقا ئېسىپ قويۇپ ئۇرىشىدىن قورقۇپ ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدى.
يېقىندا بىر تۇنۇشىمىز:‹‹مەكتەپتە بالىلاردىن ئىمتاھان ئالماي ئوقۇتسىكەن دەيمەن››دەيدۇ. مەن ھەيران قېلىپ ‹‹نىمىشقا››دەپ سورىسام،ئۇ:‹‹بالام ئادەتتە مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ  تامىقىنى يەپلا ئاز دېگەندە ئىككى-ئۇچ سائەت ئۆگىنىش قىلىدۇ، ھەتتا شەنبە، يەكشەنبە كۇنلىرىمۇ ماتىرىيال كۆرىدۇ. ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا مەسىلە بارمۇ ياكى دىققىتىنى يىغالمامدۇ، شۇنچە ئۆگەنسىمۇ ئىمتاھاندا ئاساسلىق پەنلەردىكى نەتىجىسى يەنىلا تۆۋەن چىقىدۇ. دادىسىنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتتا بالا بىلەن كارى بولمايدۇ، ئەمما ھەر قېتىملىق ئىمتاھاندا بالىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۇپلا ئۇنى ئۇرۇپ كىتىدۇ. شۇڭا ئىمتاھان دىسە بالىدىن بەكرەك مىنىڭ يۇرۇكۇم سۇ بولىدۇ›› دەيدۇ.
بالىلارنىڭ مەكتەپمىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىشى، ئىمتاھاندا تۆۋەنرەك نۇمۇر ئېلىپ قېلىشى ئادەتتە كۆرۇلۇپ تۇرىدىغان ئەھۋال، ئاتا-ئانىلار بۇخىل مەسىلىلەرگە يولۇققاندا سوغۇققانلىق بىلەن ئەھۋال ئىگىلەپ، سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەربىيە بىرىش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۈلۈش، كۆپرەك پاراڭلىشش ۋە سىردىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نىمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇشى، ئۆگىنىش جەھەتتە داۋامىلق تەلەپ قويۇشى، سسسىنىپ مۇدىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ پەرزەنتى توغرىسىدا كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ تۇرۇشى كىرەك. ئەمەلىيەتتە ئىمتاھان نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولىشىدىكى سەۋەپنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىلاردا بولىشى ناتايىن.
8.بالىلار بىلەن بىللە بولۇش ۋاقتى ئازىيىپ، ئاتا-ئانىلىق مىھرى سۇسلاش
بەزى ئاتا ئانىلار خىزمەت ئالدىرشچىلىقى، ئايىغى چىقمايدىغان ئادەمگەرچىلىك ۋە چاي-ئولتۇرۇش سەۋەپلىك بالىلىرى بىلەن دائىم دېگۈدەك بىللە تۇرالمايدۇ. بۇخىل ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەت سۇسلاپ، بالىلار سىرتتىكى يامان ئىشلارغا ئارلىشىپ قېلىشى ياكى تورخانا، دېسكوخانىلارغا ئۆگىنىپ قېلىپ بۇ جەرياندا ئۆگىنىش، تاماقلىنىش ۋە ئارام ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەگەر بالىلارنىڭ يېشى كىچىك بولۇپ، ھەمىشە ئۆيدە ئۆزى يالغۇز قالسا قورقۇنچاق، ياۋاش، ئاسان جىددىيلىشىدىغان، جۈرئەتسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار باردى-كەلدىلەرنى ئىمكان بار ئازايتىپ، بالىلىرى بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۇندىلىك ئومۇمى ئەھۋالىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى كىرەك
9.بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلالماسلىق
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدا ئۆيدىكى قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئوينايمەن، دەپ يىغلاپ تۇرۇۋالسا ياكى كوچىلاردا ئۇچرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئالىمەن، دەپ غەلۋە قىلسا، بالىلارنىڭ رايىغا بېقىپ ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق يولسىز تەلەپلىرىنى تېزلا ئۇرۇنداپ بىرىدۇ. ئەمما بۇنداق بولىۋەرسە بالا چوڭ بولغانسىرى ئۇنىڭ تەلىپىمۇ بارغانسىرى ئېشىپ، ئۇلارنى چەكلەش تەسكە چۇشىدۇ. بۇۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۇندىن-كۇنگە چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايۋاتقانلىقىدىن، تەربىيە قۇبۇل قىلمايۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. شۇڭا بالا كىچىك ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى چەكلەش كىرەك.
2007-يىللىق ئاياللار ژورنىلى12-ئايلىق سانىدىن ئېلىندى
يوللىغۇچى: ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282