busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 38049 قىتىم كۆرۈلدى
ئۇزاق ئولتۇرۇش ئەڭ يېڭى ساغلاملىق تەشۋىشى بولۇپ قالدى
سىز بەلكىم چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشىڭىز ياكى ئۆيگە قايتىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، سىز باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئولتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز قانچىلىك ھەرىكەت قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر قىلچىلىك پايدىسى يوق. بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەم ماددا ئالمىشىشنى ئازايتىۋېتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئۇزاق ۋاقىت ياتقاندىن كېيىنكى ئەڭ پاسسىپ ھەرىكەت بولۇپ، سەرپ قىلىنغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن، بىر تال ئالمىنى يېگەندە ياكى ئاچچىقلانغاندا سەرپ بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندىكىدىن كۆپ بولىدىكەن.
ئەنگلىيە لافبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ستۇئارت بىدېل مۇنداق دەيدۇ: ‹‹كىشىلەر دائىم ئۇزاق ئولتۇرۇشنى ھەرىكەت قىلماسلىق، دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە،سىز بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرسىڭىز ياكى 30مىنۇتتىن 45 مىنۇتقىچە پىيادە مېڭىپ، قالغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئولتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا، سىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز ئۇزاق ئولتۇرۇش بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ››. ھازىر ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئەڭ يېڭى ساغلاملىق تەشۋىشى بولۇپ قالدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئاخىرقى ھېسابتا قەنت كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، كىشىلەر ھەر يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ بېرىشى ياكى مېڭىپ بېرىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بۇ جەھەتتىكى خەۋپ – خەتەرنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىلىندى.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282