busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 34680 قىتىم كۆرۈلدى
پېتەك سېلىنغان ئاياغنى كىيسە ، پۇتقا پايدىلىق
پېتەك پۇتنىڭ قۇرغاق ، پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرىدىغان ياكى يول ماڭىدىغانلارنىڭ پۇتىنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى پەسەيتىپ ، تۈرلۈك پۇت ئاغرىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ .
ئامېرىكا چىكاگو پۇت كېسەللىكلىرى دوختۇرى رېسا سىكون مۇنداق دېدى : ‹‹ كىشلەر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئۇزاق ۋاقىت كىيگەندە ئاسانلا ئوشۇق ۋە پۇت ئالقىنى ئالقىنى ئاغرىيدۇ . بۇنداق چاغدا ئاياغقا پېتەك سېلىپ كىيگەندە ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ تاپانغا چۈشۈرىدىغان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتىپ ، پۇتنى راھەت قىلىدۇ . تۈز پاشنىلىق ئاياغنىڭ تاپاننىڭ تىرەش سالمىقى ، بولۇپمۇ تاپاننىڭ سېگمېنىت ئورنى يۇقىرى بولماسلىقتىن ، ئاسانلا لىپەك يارىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياغقا پېتەك سېلىپ كىيگەۈ تۈزۈك . بولۇپمۇ بەش سانتىمېتىردىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئەڭ ياخشىسى پېتەك سېلىپ كىيىش كېرەك .
پۇتى ساغلام كىشلەر ئاياغقا پېتەك سېلىۋالسا ، ئاياغ راھەت بىلىنىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە يەر يۈزى بىلەن پۇتنىڭ سۈركىلىش كۈچىنى ئازايتىدۇ . بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ، ياشانغان كىشلەر ئايىغىغا پېتەك سېلىۋالسا ، بوغۇم ياللۇغى ، پەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

 

شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282