busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 30900 قىتىم كۆرۈلدى
ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى چاچقا تەسىر كۆرسىتىدۇ
چاچ بەدەننىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ چېچىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . چاچ ئادەتتە ئاغرىمايدۇ ھەم قىچىشمايدۇ . چاچ يىلتىزىدا تۈك شارچىسى بولۇپ ، ئۇنىڭدا قان تومۇرلار ۋە نېرۋىلار بولغاچقا، ئوزۇقلۇق ساقلىيالايدۇ ھەمدە چاچتا پوستىلاق ماددىسى بىلەن يىلىك توقۇلمىلىرى بولىدۇ . پوستىلاق ماددىسىدىكى قارا پېگمېنتنىڭ تەسىرى بىلەن چاچ قارا ياكى قوڭۇر كۆرۈنىدۇ. ئەگەر پوستىلاق ماددىسىدىكى ھۆجەيرىلەرنىڭ سىغىمچانلىقى ئېشىپ كەتسە، ئاق رەڭ تارقىتىدۇ ھەمدە پىگمېنت ھۆجەيرىلىرىنىڭ قېرىشى تۈپەيلى چاچتىكى پىگمېنتنىڭ يوقىلىشىدىنمۇ قارا چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ .
ئادەمنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ ، چاچمۇ قېرىپ بارا- بارا چۈشۈپ شالاڭلاپ كېتىدۇ . ئاق چاچنىڭ كۆپىيىشى ئادەتتىكى فىزىئولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، بەدەن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، شۇنداقلا بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامىتىمۇ ئەمەس . ئادەمنىڭ قېرىشى ھورموننىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان ماددا ئالمىشىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، كىشىلەر كۈندە بىر نەچچە تال چېچى چۈشسە ھەيران قالمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەرنىڭ چېچى ھەقىقەتەنمۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن چۈشىدۇ. بەزىدە ياش تۇرۇپلا چېچى چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . شۇڭا، ئاياللار چېچى چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك : يودلۇق يېمەكلىكلەرنى ، يەنى، لامنارىيە، پۇرچاق، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك . چاچنى كۆپ تاراش ھەمدە چاچ يۇيۇش پاراشوكى بىلەن چاچنى يۇيۇش ئارقىلىق چاچ يىلتىزىدىكى ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا چاچنى پاكىز تۇتۇش كېرەك . چاچنى ئامال بار كۆپ بويىماسلىق ، بۈدرە قىلماسلىق، چېچىغا ماس كېلىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك .

 

شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282