busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 14025 قىتىم كۆرۈلدى
ئۇيقۇ دورىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ
ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندىن كېيىن ئادەم راھەتلىنىپ ئۇخلايدۇ ، چۈنكى ئۇيقۇ دورىسى نەپەس مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تورمۇزلاپ ، نەپەسلىنىش رېتىمىنى تەدرىجى ئاستىلىتىپ ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ . ئەمما سوزۇلما كانايچە ياللۇغى ، سوزۇلما ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندىن كېيىن ئۈنۈملۈك ھاۋا ئالماشتۇرۇش مىقدارى ئازىيىپ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ . ئاغرىقنىڭ ئۆپكىسىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەي نەپەسلىنىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى كىشلەردىكى ئۇيقۇسىزلىقنى نەپەسلىنىش سىستېمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن . بۇنداق ۋاقىتتا كېسەلنى قاراتمىلىق ھالدا داۋالىتىش ، ھەرگىز ئۇيقۇ دورىسىنى ئىچىش ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىقنى ۋاقتىنچە تۈگىتىشنى ئويلىماسلىق كېرەك . يەنە زىققا ئاغرىقلىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچسە بولمايدۇ ، چۈنكى بۇ خىل ئاغرىقلار كېسىلى كېچىسى ياكى سەھەردە قوزغىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندە ئاسانلا كانايچە سىپازمىلىنىش كېلىپ چىقىپ ، زىققىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسىلى بار ئاغرىقلاردا ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلگەندە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىتىش ، ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلگىنىچە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك .

 

شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282